پائالىيەتلەر

ئابدۇلئەھەت ھاجىم ياۋروپا زىيارىتى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى

تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ۋە باش كاتىپ ئابدۇلئەھەت ھاجىملار شۋېتسىيىدىكى ھەر يىلى بىر قېتىم ئېچىلىپ كېلىۋاتقان شىمالىي ياۋروپا ئىسلام بىرلىكى يىغىنىدىن قايتىشىدا، فىنلاندىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولغان.

ئۇلارنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى ھەققىدىكى تەسىراتلىرى ۋە گوللاندىيىدىكى زىيارەتلىرى ھەققىدە مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ھاجىمنى زىيارەت قىلدۇق.

ئۇ، بۇ قېتىملىق زىيارەتلىرىدە ئۇلارنى ھاياجانغا سالغان ئىشلاردىن شۋېتسىيىدە ئېچىلغان شىمالىي ياۋروپا ئىسلام بىرلىكى يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھۋالى تەسۋىرلەنگەن فىلىم قويۇلۇپ تەسىر پەيدا قىلىشى، فىنلاندىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 400 كۋادرات مېتىرلىق بىر ئورۇننى ئىجارىگە ئېلىپ، خىزمەتلىرىنى تەرتىپلىشى ۋە گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ مۇقىم ۋە مۇستەقىل بىر يەر ھازىرلاپ، ئەۋلاد تەربىيىسى ئۈچۈن ھېممەت قىلىشلىرىدەك تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك خۇشخەۋەرلەرگە شاھىت بولغانلىقىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ: شىمالىي ياۋروپا ئىسلام بىرلىكى يىغىنىغا قاتنىشىپ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر يىغىنغا ئىشتىراك قىلىش جەريانىدا، نۇرغۇن تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە مەشھۇرلار ئۆز ‏- ئارا ئۇچرىشىپ، ئۇلار ئارىسىدا قويۇق مۇناسىۋەت پەيدا بولۇشقا باشلىغان.

ئۇ يەنە يىللاردىن بىرى ئاڭلىغان-كۆرگەنلىرى ئاساسىدا ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى سېلىشتۇرما كۆزىتىشلىرىنى ئاڭلاتتى.

ئۇنىڭ تەخمىن قىلىشىچە؛ خىتايلار ياۋروپا تۇپراقلىرىدىكى ئىقتىسادى ساھەلەرگە تەسىر قىلالىسىمۇ، ياۋروپادىكى ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئېغىر سالماقنى ئىگىلىشى سەۋەبلىك، ئاسىيا مەملىكەتلىرىدىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خەتەرلىك قىسمەتلەرنىڭ ياۋروپا تۇپراقلىرىغا قول سوزۇپ كېلىش مۇمكىنچىلىكى بىر قەدەر ئۇزاق ۋە يەڭگىل بولىدىكەن.

ئاخىرىدا، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەت ھاجىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ سۆز تېمىسى گوللاندىيىگە مەركەزلەشتى. ئۇ گوللاندىيىدىكى سىياسىي پاناھلانغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئىزاھلاپ، پاناھلىق ئىشلىرىنىڭ تەسلىشىپ كېتىشىدە پاناھلىق تىلىگۈچى ئۇيغۇرلارنىڭ سەمىمىيىتى ۋە سەۋىيىسىنىڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – پىدائى خەۋىرى

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close