
يىغىنغا جەمئىيەت باش كاتىبى ئابدۇلئەھەد ئابدۇرراھمان رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلانغان بولۇپ، قۇرئان تىلاۋىتىنى جەمئىيەتنىڭ سەفاكۆي شۆبە رەئىسى ئەنۋەر قارىم قىلدى.
بۇ قېتىملىق يىغىن بۇ يىلنىڭ بېشىغا توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن، جەمئىيەت 2012 – يىللىق بىر يىل جەريانىدا ئېلىپ بارغان خىزمەتلەرنى يىغىن ئەھلىنىڭ مەلۇماتىغا سۇنۇپ ئۆتتى. يىغىندا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ 2012 –يىللىق خىزمەت دوكىلاتىنى جەمئىيەت مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ئەر ئوقۇپ ئۆتتى.
كېيىن جەمئىيەت باش نازىرى ئۇستاز ئابلىكىمخان مەخسۇم ھاجىم سۆزگە چىقتى.
ئۇ سۆزىنى ئالدى بىلەن ياۋرۇپادىكى قېرىنداشلارنىڭ سالامىنى يەتكۈزۈش بىلەن باشلىدى ۋە بۇ قېتىمقى ياۋرۇپا زىيارىتىنىڭ سەۋەبىنى شۇنداقلا ياۋرۇپادىكى قېرىنداشلارنىڭ قىلىۋاتقان ۋە قىلغان خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
كېيىن ياۋرۇپا زىيارىتى ھەققىدىكى تەسىراتىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئارقىدىن يېقىندىن بۇيان چەتئەلدە ئەۋج ئېلىپ قالغان ۋەتەندىكى كىشىلەرنىڭ كۆپلەپ چەتئەلگە چىقىشىنى تەرغىپ قىلىدىغان ۋە بۇ ئارقىلىق چەتئەلدىكى ۋەتەن دەۋاسىنى كۈچلەندۈرۈش ئارزۇسىدا بولىدىغانلارنىڭ بۇ پىكىرىگە بولغان چۈشەنچىسىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
ئارقىدىن جەمئىيەت باش كاتىبى ئابدۇلئەھەد ئابدۇرراھمان ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق ياۋرۇپا زىيارىتى ھەققىدىكى تەسىراتىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
ئاخىرىدا مەشھۇر جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ئاكا سۆزگە چىقتى.
ئۇ سۆزىدە: خىزمەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە ھەرقانداق مۇھىتتا بولۇشتىن قەتئىي نەزەر ھەق ئۈچۈن خىزمەت قىلغىلى بولىدىغانلىقى، گەپنىڭ خىزمەت قىلىش ئىرادىسىگە كېلىش ۋە ھەقىقي توغرا پىكىر ۋە ئېتىقاد بىلەن ئىش باشلاشتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.
ئاخىرىدا يىغىن ئەھلىگە ئەقىقە زىياپىتى بېرىلىپ يىغىن ئاخىرلاشتى.