ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن تۈركىيەدىن ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قاچىدۇ؟

تۈركىيەدە تۇرۇش رۇخسىتىغا ئېرىشكەن بەزى ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قاچىدۇ؟
مەلۇم بولغىنىدەك، تۈركىيە قازاقىستاندىن قالسىلا ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر تۈركىيەدە ئىقامەت بىلەن تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 20 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن. ئۇنداقتا، تۈركىيەدە تۇرۇش رۇخسىتىگە ئېرىشكەن بەزى ئۇيغۇرلار نېمە سەۋەپلەردىن ياۋروپا دۆلەتلىرىگە كېتىشكە ئۇرۇنىدۇ؟
ئىلگىرى بىر يىل تۈركىيەدە تۇرغاندىن كېيىن گېرمانىيەگە كەتكەن توختىروزى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەنى تاشلاپ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە كېتىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى مەن مۇنداق دەپ ئويلايمەن. بىرىنچىدىن، تۈركىيەنىڭ ئىشلەش رۇخسىتى بەرمەيۋاتقانلىقى، ئىككىنچىدىن، تۈركىيەدىكى ئىشسىزلىق ۋە تۇرمۇشنىڭ قىيىن بولۇشى، ئۈچىنچىدىن، يېقىندىن بۇيان تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يېقىنلىشىشىدىن بولغان. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، يېقىندا تۈركىيەنىڭ بىر ئۇيغۇر ئايالنى ئىككى بالىسى بىلەن بىرلىكتە تاجىكىستان ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرىۋېتىشى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كېلەچەكتە تۈركىيەمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئوخشاش بولۇپ قالارمۇ دېگەن ئەندىشىنى پەيدا قىلغان، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى گېرمانىيەگە قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇنداق قاراشتا بولىۋاتىدۇ.»
توختىروزى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى تۈركىيەدە بىر يىل تۇرغاندىن كېيىن 2016-يىلى 8-ئايدا سابىق يۇگوسلاۋىيەدىن پارچىلىنىپ مۇستەقىل بولغان مەلۇم بىر دۆلەت ئارقىلىق گېرمانىيەگە قېچىپ كەلگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ تۈركىيەدىن كېتىشىدىكى سەۋەبىنىڭمۇ يۇقۇرىقىلارغە ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىمۇ كۈن سايىن كۆپەيمەكتە. تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى، بولۇپمۇ ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى يېقىندىن بۇيان تۈركىيەدىن ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قېچىش يولىدا دېڭىزدە غەرىق بولۇپ ئۆلگەن، ھەر قايسى دۆلەتلەردە تۇتۇلۇپ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى تۈركىيەنىڭ كېيىنكى 7-8 يىل ئىچىدە 25 مىڭ ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ 95 پىرسەنتىگە ئۇزۇن مۇددەتلىق ئىقامەت بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، تۈركىيە ئىشسىزلىق نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۆتكەن ئاي دۆلەت ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدىكى ئىشسىزلارنىڭ سانى 14 مىليون 500 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ھەر 4 ياشتىن بىرسى ئىشسىز ئىكەن. ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئىشسىزلىقنىڭ بەكلا ئېغىر ئىكەنلىكىنى، 25 مىڭ ئۇيغۇر ئىچىدە 4-5 يۈز ئۇيغۇرنىڭلا خىزمىتى بارلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇنداقتا، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنسىرەشلىرى توغرىمۇ؟ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى، بۇنداق ئەھۋالدا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆپ ياردەم قىلالمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقىنى، شۇڭا قىيىنچىلىقتا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سەۋىر قىلىشنىمۇ بىلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، يېقىندىن بۇيان بەزى ئۇيغۇرلار ياۋروپاغا قېچىپ مېڭىش جەريانىدا تۇتۇلۇپ قېلىپ، تۈركىيەگە قايتۇرۇلغان. يەنە بەزى ئۇيغۇرلار تۇتۇلۇپ قالغان دۆلەتلەردە داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيەگە قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىگە تۈركىيەنىڭ بەلگە ئۇرۇپ قويۇدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن تۈركىيەنىڭ ئۇلارغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ يوقىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا مەسىلىسىدە ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەستايىدىل ئويلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاسانلانغاندا، 2019-يىلىدا كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قېچىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ئاز ساندىكىلەر نىشان قىلغان دۆلەتلەرگە بارالىغان، كۆپ قىسمى يېرىم يوللاردا تۇتۇلۇپ، تۈركىيەگە قايتۇرىۋېتىلگەن.
مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئەركىن تارىم