خەۋەرلەر

لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي: «لاگېردىكى قىز-ئاياللارنىڭ ھەممىسىگە مەجبۇرىي ئۈزۈك سالدى»

ئۆتكەن ئايدا قازاقىستانغا چىققاندىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرى ھەققىدە قازاقىستاندىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق گۇۋاھلىق بېرىشكە باشلىغان تۇرسۇنئاي يېقىندا رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

گەرچە تۇرسۇنئاي ئېرى بىلەن 2011-يىلىدىن باشلاپ قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە ئۇلارغا قازاقىستان پۇقرالىقى بېرىلمىگەن ئىكەن.

تۇرسۇنئاي 2017-يىلى 4-ئايدا تۇنجى قېتىم 1 ئاي لاگېرغا سولاپ قويۇلغاندىن كېيىن كېسەل سەۋەبىدىن قويۇپ بېرىلگەن. 2018-يىلى 8-مارت ئاياللار بايرىمى كۈنى تۇرسۇنئاي يەنە بىر قېتىم ساقچىخانىدىن چاقىرتىلغان. 10-مارتتىن باشلاپ يەنە كۈنەس ناھىيەسىدىكى «كەسپىي تەربىيەلەش» نامىدىكى لاگېرغا قامالغان.

ئۇ لاگېرغا كىرىپلا 9-كامېردىكى «31-نومۇر» دېگەن تۇتقۇنلۇق سالاھىيىتىدىن باشقا ئۆز ئىسمىنى ئىشلىتىشتىن مەھرۇم قىلىنغان. تۇرسۇنئاينىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئۇيغۇر، قازاق بولۇپ 12 قېرى-ياش بىلەن بىر كامېردا ياتقان. كامېرداشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە ئوخشاش نېمە

جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنىمۇ بىلمەي كىرىپ قالغان بىگۇناھ تۇتقۇنلار ئىكەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، لاگېرغا كىرگەن ھەر قانداق ئايالنىڭ چاچلىرى مەجبۇرىي ھالدا قوپاللىق بىلەن كېسىپ تاشلىنىدىكەن.

ئىلگىرى رادىيومىزدا كەچمىشلىرىنى بايان قىلغان باشقا لاگېر شاھىتلىرىغا ئوخشاشلا تۇرسۇنئايمۇ لاگېردا 2 سائەتتىن نۆۋەتلىشىپ ئۇخلاش، ئاچ قالدۇرۇلۇش، كۈن نۇرى كۆرسەتمەسلىك، توك ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇش قاتارلىق تەن جازالىرىغا ئۇچرىغان. گەرچە ئۇ 9 ئايدىن ئارتۇق لاگېردا يېتىش جەريانىدا ئۆزى ياتقان كامېردا بىرەرىنىڭ جان ئۈزگىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ساقچىلارنىڭ ھەر كېچىسى بىر ياكى بىر قانچە قىز-ئاياللارنى چاقىرىپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن. ئۇ چاقىرتىلىپ چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ قايتىپ كىرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇنىڭدىن باشقا ئاغرىپ قالغانلار سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەندىن كېيىن «دوختۇرخانىدا ئۆلۈپتۇ» دېگەندەك گەپلەرنى دائىم ئاڭلاپ تۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

رادىيومىز ۋە باشقا خەلقئارالىق ئاخباراتلارغا لاگېرنىڭ ئىچكى سىرلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ كېلىۋاتقان مېھرىگۈل تۇرسۇن، گۈلباھار جېلىلوۋا، زۇمرەت داۋۇت قاتارلىق شاھىتلار بىردەك ئۆزلىرىنىڭ لاگېردىكى چېغىدا نامەلۇم بىر خىل دورا ئىچىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ۋە بۇ دورىنى ئىچكەندىن كېيىن ھېيىزى كېسىلگەنلىكى، ھەتتا تۇغماس قىلىۋېتىلگەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى. تۇرسۇنئاي بۇنداق دورا ئىچىپ ھېيىز توختاشتەك ئىشلارنىڭ ھەر قانداق لاگېرغا كىرگەن ئاياللاردا ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلگەن ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇ يەنە دائىرىلەرنىڭ بۇيرۇقى بىلەن لاگېردىكى قىز-ئاياللارغا تېخىمۇ ۋەھشىي تۇغۇت چەكلەش چارىسى قوللىنىلغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «دورا بېرىدۇ، ئاندىن مەجبۇرىي ئاپىرىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇۋېتىدۇ. ھەتتا يۇقىرىدىن ئاشۇنداق بۇيرۇق چۈشتى. ‹تۇغمايسەن› دېگەن بىر بۇيرۇق بار، ھەممىمىزنى ئاپىرىپ تەكشۈرىتىدۇ. ئەگەر تۇغۇت چەكلەش ئۈزۈكى سالدۇرمىغان بولسا، قىز-ئاياللارنىڭ توي قىلغان-قىلمىغانلىقىغا قارىماستىن ھەممىسىگە ئۈزۈك سالدۇرىدۇ. مېنىمۇ ئاپارغان ئىدى، تەكشۈرگەندە بىر كىچىك ئۆسمىدەك بىر نېمە بايقالغاندىن كېيىن قان جىق كېتىدۇ دەپ، ماڭا ئۈزۈك سالمىدى.»

ئىلگىرى غۇلجانىڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى لاگېردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھازىر شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان سايراگۈل ساۋۇتبايقىزى يېقىندا مەتبۇئاتلارغا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئەر-ئايال تۇتقۇنلارنىڭ ئېغىر خورلۇقلارغا، يەنى باسقۇنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ سوئالىمىز تۇرسۇنئايدىن سورالغاندا، ئۇنىڭ قەلب يارىلىرىنى قاناتتى. . .

لاگېردىن چىققىنىغا بىر يىل بولاي دېگەن بولسىمۇ، ئەمما مىليونلىغان بىگۇناھ كىشىلەر ئازاب چېكىۋاتقان بۇ قاراڭغۇ زۇلمەتلىك زىنداننىڭ تۇرسۇنئاينىڭ ۋۇجۇدى ۋە روھى دۇنياسىدا قالدۇرغان ئېغىر جاراھەتلىرى تېخىچە تولۇق ساقايمىغان ئىدى. لاگېرلار ھەققىدە دۇنيا تاراتقۇلىرىغا گۇۋاھلىق بېرىش ئۇنىڭدىن قەيسەرلىك ۋە پىداكارلىق تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ ئاران 3 ئايلىق ۋىزا بىلەن قازاقىستانغا چىققان بولۇپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھېلىھەم خىتاينىڭ قولىدا گۆرۈگە تۇتۇقلۇق ھالدا تۇرماقتىكەن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي تۇرسۇنئاي: «بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تارتىۋاتقان كۈنلىرى مېنى سۆزلەشكە ئۈندىمەكتە، ئەمدى قورققۇدەك ھېچنېمە قالمىدى،» دېدى.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – گۇلچېھرە

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button