ياۋروپا پارلامېنتى: «لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز»

ياۋروپا پارلامېنتى 18-ئاپرېل كۈنى مۇتلەق كۆپ ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن قارار لايىھەسى ماقۇللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاشقا، تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە شۇنىڭدەك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل، مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقاد، سۆز ئەركىنلىكى ۋە باشقا تۈپ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.
قارار لايىھەسىدە ئۇيغۇر، قازاق، تىبەت، خرىستىيان ۋە باشقا ئېتنىك ھەم دىنىي گۇرۇھلارنىڭ ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر، قازاق ۋە تىبەتلەرنى گۇناھسىز، سوتسىز ياكى ھېچقانداق جىنايەت ئارتىلماي خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش قىلمىشلىرىغا خاتىمە بېرىشكە، بارلىق لاگېرلارنى ياكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىنى تاقاشقا، تۇتقۇنلارنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز» دېيىلگەن.
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مەزكۇر قارار لايىھەسى 21-نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي باشلىقلار ئۇچرىشىشى ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزۈلۈپ ئارقىدىنلا ئېلان قىلىنغان. ئۆتكەن ھەپتىدىكى باشلىقلار يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پرېزىدېنتى تۇسك ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن «كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتتىن مۇھىم» ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭدەك يىغىندا بەزى ئىندىۋىدۇئال شەخسلەرنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمى جەھەتتىن كىشىلىك ھوقۇق بەك تەكىتلەنمىگەن ئىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قېتىم ماقۇللانغان قارار لايىھەسىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختى، تاشپولات تېيىپ، راھىلە داۋۇت، ئېلى مامۇت، غەيرەت نىياز، مەمەتجان ئابدۇللا، ئابدۇخېلىل زۇنۇن قاتارلىق تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. قارار لايىھەسىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونلىرىدا ھەقىقىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى كېلەر نۆۋەتلىك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا دەلىل توپلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا چاقىرغان. بۇ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدە 2-قېتىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە قارار لايىھەسى ماقۇللىشىدۇر.