
12 – نويابىر سەيشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرلەش مۇراسىمى ۋە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىلدى ، شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىلەن شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىنغا 1500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
مۇراسىمغا شەرقىي تۈركستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان رىياسەتچىلىك قىلدى.مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، 1933 -يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 86- يىللىقى ۋە 1944- يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىنىڭ 75 – يىللىقىنى خاتىرلەش، تەبرىكلەش، تەنتەنە قىلىش، ئۇ كۈندىكى ئارزۇ – ئارمانلارنى ئىپادىلەش ئۈچۈن جەم بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە 12 – نويابىر كۈنىنىڭ مۇنداقلا خاتىلەپ قويدىغان ئەنئەنىۋىي بايرام بولماستىن ئالاھىدە مۇھىم دەپ قارىلىدىغاندۆلەت قۇرۇلغان تارىخى بىر كۈن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى شۇنداقلا بۇ كۈننىڭ ئەھمىيىتى ۋە بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختالدى.
مۇراسىمغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىس ۋەكىلى ئابدۇجېلىل قارىم، ئىلھام توختىنى قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەخمۇتجان داموللام ، سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسۇر جالال ئەرباي قاتارلىق تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى سەھنىگە چىقىپ ئېچىلىش سۆز قىلىپ يىغىن ئەھلىنىڭ شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى تەبرىكلىدى.
مۇراسىمدا سۆز قىلغان ئەنۋەرجان، ئەجدادلىرىمىزنىڭ شۇنچە قىيىن شارائىتلاردا كۈرەش قىلىپ ئىككى قېتىم جۇمھۇرىيەت قۇرغانلىقىنى بىراق خىتاي ۋە رۇسىيەدىن ئىبارەت ئىككى جاھانگىرنىڭ ئارىسىدا قالغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ جۇمھۇرىيەتلەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرمەي خەلقئارا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىستىراتېگىيىلىك قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كېيىن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى توغرىسىدا «بايراقنى تىكلەيمىز»، «ئۇنۇتما» دېگەندەك ھەر خىل شېئىر دېكىلىماتسىيە قىلدى ۋە ناخشا مۇزىكا ئورۇنلىدى.
شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتىنىڭ ياشلىرى 1933 – يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش جەرىيانى توغرىسىدا تىياتىر كۆرسەتتى ۋە يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. بولۇپمۇ جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىنىپ 30 پاي زەمىبىرەك توپ ئاتقان ئاۋازلار ۋە ئىستىقلال مارشنىڭ جاراڭلىق ئوقۇلۇشى بىلەن يىغىن زالىنى گۈلدۇراس ئالقىشلار قاپلاپ كەتتى ۋە كىشىلەر قىزغىن ھاياجانغا چۈمدى.
كېيىن بەش نەپەر ئۇيغۇر تەتقىقاتچى تارىختا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيەتلىرى توغرىسىدا ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن تېمىلىرى بويىچە سۆز قىلدى. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان رىياسەتچلىك قىلغان مۇھاكىمە يىغىندا، دوكتۇر ھاجى قۇتلۇق قادىرى، «مىللىي مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشلەر» دېگەن تېمىدا، دوكتۇر ئالىمجان بۇغدا، « 1933 – يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيتىنىڭ قۇرۇلۇش جەرىيانى ۋە ئاساسىي قانۇنى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. ئۇ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇھمۇرىيىتىنىڭ قانداق قۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا باسقۇچ جەرىيانلارنى تەپسىلى سۆزلەپ ئۆتتى.
دوكتۇر ئالىمجان بۇغدا يەنە 1933- يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى توغرىسىدا ئىستانبۇللۇق يۈسۈپ مۇزەففەر ئەپەندى دېگەن كىشى تەرىپىدىن يېزىلغان بىر ماقالىدىن ئارىيە ئوقۇپ ئۆتتى.
يىغىندا يەنە دوكتۇر ئابدۇرھىم دۆلەت، «شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى: ئىسلامىيىلىق ۋە مىللىيىلىكنىڭ بىرلىكى» دېگەن تېمىدا، دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ، «شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە خەلقئارا كۈچلەر» دېگەن تېمىدا، دىنى ئۆلىما مەخمۇتجان داموللام، «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش جەرىيانى ۋە رەھبەرلەر» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن تارىختا ئىككى قېتىم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلەرنى قۇرغانلىقىنى بىراق بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ يىقىلىش سەۋەبلىرىنىڭ پەقەتلا شەرقىي تۈركىستان زېمىنى ۋە خەلقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولماستىن بەلكى شۇ دەۋردىكى تاشقى دۆلەتلەر خەلقئارا ۋەزىيەت بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ۋە چوڭ كۈچلەرنىڭ مەنپەئەت كۈرەشلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ۋەتەن ئىچىدىن سىرت يەنە چەتئەل كۈچلەرگە ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتكىمۇ قاراش كېرەكلىكىنى تەكىتلدى.
دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە 1949 – يىلى شەرقىي تۈركسىتان ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن 1950 – يىلى ماۋزېدۇڭ رۇسىيەگە بېرىپ سوۋىتلەر ئىتتىپاقى بىلەن بىر كېلىشىم تۈزگەنلكىكىنى بۇ كېلىشىمگە بىر ماددا قوشۇلۇپ «سوۋىت ئىتتىپاقى بۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئارىلاشمايدۇ، خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ»، دېگەن ماددىنى قوشغانلىقىنى، شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى تىنچ يول بىلەن ئازاد قىلدۇق دەپ جار سالغانلىقىنى بىراق ئۇ زېمىننىڭ ئىشغال قىلىنغانلىقىنى تەكىتلدى ۋە تىنچ يول بىلەن ئازاد قىلدۇق دېگەن سەپسەتەگە ئۇيغۇرلارنى ئىشەنمەسلىككە چاقرىق قىلدى.
شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيەتلەرنى خاتىرلەش مۇراسىمى ۋە مۇھاكىمە يىغىنىغا نۇرغۇن كىشى قاتناشقان بولۇپ 1000 كىشىلىك زالغا پاتمىغان نۇرغۇن كىشىلەر سىرتتا ۋە كارىدورلاردا ئۈرە تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. يىغىن ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.