ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرلەش يىغىنىدا ئالتۇن ۋە كۈمۈش مېدال مۇكاپات تارقىتىلدى

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرلەش يىغىنىدا ئالتۇن ۋە كۈمۈش مېدال مۇكاپات تارقىتىلدى
12- نويابىر كۈنى ئېچىلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرلەش مۇراسىمىنىڭ ئاخىرىدا جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندى سەھنىگە چىقىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە تارىختا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختلىپ ئۆتتى.
3 سائەتتىن كۆپرەك داۋام قىلغان بۇ پائالىيەت ئاخىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن 7 كىشى ۋە ئۈچ ئاخبارات ئورگىنىغا مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. ئۇيغۇر مەىسلىسى ئۈچۈن ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە ئالتۇن ۋە كۆمۈش مېدال مۇكاپات تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندى تەرىپىدىن تەييارلغان بۇ مۇكاپات 4 دانە ئالتۇن مېدال 6 دانە كۈمۈش مېدالدىن ئىبارەت بولۇپ، مۇراسىمدا ئالدى بىلەن ئەركىن ئالىپتېكىن، دولقۇن ئەيسا، ئىلھام توختى ۋە ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان قاتارلىق 4 كىشىگە ئالتۇن مېدال مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى ۋە نەخ مەيداندا مۇكاپات تارقىتىلىپ بېرىلدى.
ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن ئاخبارات ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ئىستىقلال تور تېلېۋىزىيەسى ۋە ئۇيغۇر تى ۋى قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلارغا كۈمۈش مېدال بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى ۋە مۇكاپاتنى ۋاكالەتەن تاپشۇرۇپ ئالىدىغانلانىڭ ئىسمىلرى چاقىرىلىپ مۇكاپات تەقدىم قىلىندى.
كېيىن يەنە دۇنيا ئۇيغۇرۇ قۇرۇلتېيىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئۆمەر قانات، ئىلھام توختىنى قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سېيىت تۇمتۈرك قاتارلىقلارغا كۈمۈش مېدال تەقدىم قىلىندى.
مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرگە قوشۇمچە قىلىپ، 933 – يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ لوگوسى قاتارلىق سىمۋولى چۈشۈرۈلگەن بىر تاختا ۋە بىر تالدىن بايراق بىلەن بىر تالدىم مېدال تەقدىم قىلىندى.