خەۋەرلەر

ئىستانبۇلدا <<كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى>> قۇرۇلدى

ئىستانبۇلدا ئىستانبۇلدا كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى قۇرۇلدى. بۇ ئىستانبۇل ۋالىيىلىكى قارمىقىدىكى ئىجتىمائىي جەمئىيەتلەر بىلەن ئالاقە ئىدارىسى تەرىپىدىن رەسىمى ئەنگە ئېلىنىپ تەستىقلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

9- نويابىر شەنبە كۈنى بۇ جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدىكى يېڭى ئىشخانىسى ئالدىدا چوڭ سورۇن ھازىرلىنىپ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى شۇنداقلا، يېشىل ئاي جەمئىيىتى، خەيرات جەمئىيىتى، كۈچۈكچەكمەجە شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللىرى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللىرى، يېڭىدىن رىفاق پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ كۆپ ساندا رەھبەرلەر ۋە خەلق ئاممىسى قاتناشتى.

مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان رىياسەتچىلىك قىلدى.ئېچلىش مۇراسىمىدا ئالدى بىلەن كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېھىم ئەزىزئوغلى سۆز قىلىپ يېڭى قۇرۇلغان بۇ جەمئىيەتنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ ئىجتىمائىي ياردەم خىزمەتلىرىنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى نامىدا قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدۇق. ئەمدى بۇ خىزمەتنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش كەسپلەشتۇرۇش ئۈچۈن كۆك ئاي ئىجتىمائىي ياردەم جەمئىيىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغۇنىدەك ئانا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا چېكىدىن ئاشقان خىتاي زۇلۇمى دۇنيا جامائىتىنىڭ سۈكۈت قىلىشى بىلەن بارغانسىرى چېكىدىن ئېشىۋاتقان پاجىئەلەر نەچچە مىڭلغان شەرقىي تۈركىستان قېرىنداشلىرىمىزنى ھەممىنى تاشلاپ تۈركىيەگە كېلىشكە سەۋەب بولدى.

ئۇيەنە بۇ جەمئىيەتنىڭ ۋەزىپىلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:  2017 – يىلىدىن بۇيان پۈتكۈل مۇناسىۋەتلىرى ئۈزۈلگەن، پۇل – ماللىرى تارتىۋېلىنغان ۋە ياكى چەتئەلگە چىقىرىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئوخشىمايدىغان بىر دۆلەتتە ياشاش ۋە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاشتا مۇۋاپىقىيەت قازانغان بولسىمۇ ئىشلىيەلمىگەن ياشانغان ۋە كېسەل ، تۇل ئايال ۋە يېتىم بالىلار ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئەھۋال ئاستىدا تۇرماقتا، تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرىنى كۇپايە قىلمايدۇ، بۇ مەسىلىگە ھەل تېپىش ئۈچۈن ساخاۋەتچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياردەملىرىنى سېستىمىلىق ۋە ئېنىق بىر شەكىلدە توپلاش ۋە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە تارقىتىش، ھېچ كىمنىڭ ياردەمسىز قالماسلىقى ئۈچۈن كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى قۇرۇلدى.

مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ ، يېڭى قۇرۇلغان جەمئىيەتنى تەبرىكلىدى ۋە ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنىڭ رەڭى كۆك ۋە بايراقتا ئاي بولغانلىقى ئۈچۈن ، كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتىنىڭ لوگوسى ھەم ئاي ھەم كۆك رەڭدىن تەركىپ تاپتى. بۇ جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بىر شەكىلدە تېخىمۇ سىستېمىلىق تېخىمۇ ئۇچۇق بىر شەكىلدە ئىنسانلارغا ياردەم بېرىش ساھەسىدە تۈركىيە ۋە چەتئەللەردە ياخشى خىزمەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتا مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز .مۇراسىمدا يەنە سابىق پارلامنېت ئەزاسى پروفېسسۇر جالال ئەرباي سۆز قىلىپ، ”باشقىلارنىڭ قىزىل ئاي، يېشىل ئاي جەمئىيەتلىرى بولسا شەرقىي تۈركسىتانلىقلارنىڭمۇ ئەمدى كۆك ئاي جەمئىيىتى بوپتۇ، كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيتىنىڭ ئىسمى دەل جايدا قويۇلغان ئىسىم بوپتۇ.بۇ جەمئىيەتنى تەبرىكلەيمەن ۋە ھەر جەھەتتىن قوللايمەن“، دېدى.

بۇ جەمئىيەتنىڭ تۈركچە ئىسمى ”ماۋى ھىلال ئىنسانىي ياردەم دەرنەگى“ دەپ ئاتالغان. مۇراسىمدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ كۈچۈكچەكمەجە شۆبە رەئىسى مۇستافا قورقۇت سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركسىتانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە غەيرەت قىلىمىز. كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتىمىزنى، كۈچۈكچەكمەجە ناھىيىسىدىكى پۈتكلۈ خەلق ئاممىسى بىلەن ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتەھەر جەھەتتىن قوللاپ دەستەك بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرۈشنى خالايمەن ۋە قىزىل ئايغا ئوخشاش چوڭ جەمئىيەتلەرگە ئايلىنىپ جۇغراپىيىمىزدىكى ئىنسانلار ئۈچۈن چوڭ خىزمەتلەرنى قىلىدىغان مۇھىم جەمئىيەتكە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى. كېيىن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ئىستانبۇل شۆبىسى مۇئاۋىن رەئىسى بۇلەنت ماشائوغلى ئەپەندى سۆز قىلىپ كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.ئۇ مۇنداق دېدى: كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتىگە مۇبارەك بولسۇن ياخشى ئىشلارغا ۋەسىلە بولۇشىنى ئۈمد قىلىمەن. شەرقىي تۈركسىتاندا

قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ، مەن زۇلۇم دىمەيمەن قىرغىنچىلىق دەيمەن چۈنكى بۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى ئۇ زۇلۇمنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى ياكى ئۇرۇق – تۇققانلىرى زۇلۇم تارتىۋاتىدۇ.ئىشىككە يېزىلغان ”بىرىنىڭ چىراينىڭ كۈلىشىگە سەۋەب بولۇڭ، دېگەن ھېكمەتلىك سۆزگە كۆزۈم چۈشتى، ئاللاھ بىزلەرنى باشقىلارنىڭ چىرايىنى كۈلدۈرۈشكە نىسىپ قىلسۇن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يېڭىدىن رافاھ پارتىيىسىنىڭ كۈچۈكچەكمەجە شۆبە رەئىسى شابان يۈكسەل ئەپەندى، يېشىل ئاي ئىجتىمائى ياردەم جەمئىيىتى ۋەكىلى كامال ئالتۇنبەيەپەندى، يەسەۋىي ئالپەرەنلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كۇرشات مىجان قاتارلىقلار سۆز قىلىپ كۆك ئاي ئىنىسانىي ياردەم جەمئىيىتىنىڭ ماددى ۋە مەنۋىي جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ئابدۇرېھىم ئەزىزئوغلى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئابدۇرېھىم ئەزىز ئوغلى بۇ جەمئىيەتنىڭ نېمە سەۋەبتىن قۇرۇلغانلىقى، غايە مەقسەتلىرى ۋە ئېلىپ بارماقچى بولغان خىزمەتلىرى توغرىسىدا توختالدى. ئابدۇرېھىم ئەزىز ئوغلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىنىڭ ئىجتىمائىي ياردەم بۆلۈمىنى رەسمىيلەشتۇرۇپ ”كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى دېگەن نامدا ئىستانبۇل ۋالىيىلىكى قارمىقىدىكى ئىجتىمائى جەمئىيەتلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن رەسمى ئەنگە ئالدۇرۇلۇپ تەستىقلانغان ئىكەن.

 ئىجتىمائى ياردەم ساھەسىدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائى ياردەم خىزمەتلىرىنى بۇنىڭدىن كېيىن بۇ جەمئىيەت ئېلىپ بارىدىكەن.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان

Show More

Related Articles

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close