ماقالىلار

ساجىيە مەدرىسىسى

ساجىيە مەدرىسىسى مىلادى 926-يىلى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان (مۇسۇلمانچە ئىسمى ئابدۇكىرىم) تەرىپىدىن قۇرۇلغان مەدرىسة بولۇپ، ئۇ يەنە سۇلتان ساتۇق بۇغراخان مەدرىسىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
مەدرىسة: ئىسلام دىنى بويىچە بىلىم تەھسىل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپ، بىلىم يۇرتى دېگەن مەنىدە بولسا، ساجىيە دېگەن سۆزنىڭ ظةسلى: ساچىية بولۇپ،«ساچ» قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا چېچىش، يېيىش، دىگەن مەنىدە بولغاچقا، ساجىيە مەدرىسىسى: ئىلىم – پەن نذرىنى چاچىدىغان ئالىي مەكتەپ دىگەن بولىدۇ.
مىلادى 926-يىلى قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد پادىشاھى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان سامانىيلار خانلىقىنىڭ شاھزادىسى، ئىسلام دةؤةتچىسى يېتۈك ئالىم ئەبۇ نەسر سامانىينىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە ئۇزۇن ئۆتمەي ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بىكىتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ قاراخانىيلار دەۋرىدىكى تۈركىي مىللەتلەر ئىسلامىيەت دەۋرىگە قەدەم قويدى. ئىلگىرى- ئاخىر بولۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن كەنىت، مەھەللىلەردە مەسچىت قىلىنىپ، مەسچىتنىڭ يېنىغىلا مەكتەپ (مەدرىسة) بىنا قىلىناتتى، شۇنىڭ بىلەن ئىسلام مەدەنىيىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە سىڭىپ كىرىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ بېيىتتى. بۇمەزگىلدە قەشقەر قايتىدىن مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلاندى.
سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئىسلام نۇرىنى چاقنىتىپ ئىلىم تارقىتىش مەقسىتىدە ئۇستازى ئەبۇ نەسر سامانىينىڭ تەشەببۇسى بىلەن تۇنجى بولۇپ قەشقەر ئاتۇشتىكى مەشھەدتە «مەدرىسەئى ساجىيە»نى ئاچقان. بۇ مەدرىستە دىنىي بىلىملەر، ئاسترونومىيە، تەبىئەتشۇناسلىق، تىل-ئەدەبىيات ۋە ھېساب دەرسلىرى ئوقۇتۇلۇپلا قالماي يەنە ئارستوتىل، فارابى، خارەزمى قاتارلىقلارنىڭ پەلسەپىلىرى ۋە شەرق كلاسسىكلىرىدىن ئابدۇراخمان جامى، نەۋائىي، شەيخ سەئدى قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىمۇ قوشۇپ ئوقۇتۇلغان، ھەر يىلى ھەممە ئىقلىملاردىن مىڭلاپ ئوقۇغۇچىلار كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان.
ساجىيە مەدرىسىسىدە ئوبۇل ھەسەن سەيىر ھاتەم، سەيىر جالالىدىن باغدادى، جامالىدىن قەشقەرى قاتارلىقلار دەرس ئۆتكەن بولۇپ بۇ مەدرىستە ئوقۇغانلاردىن نۇرغۇنلىغان مەشھۇر زاتلار، ئالىم، تېۋىپ، ھۈنەرۋەن، دانىشمەنلەر يېتىشىپ چىقىپ دۇنياغا تونۇلغان. مەسىلەن: بۇ مەدرىستىن دەسلەپتە يېتىشىپ چىققانلاردىن ئەللامە راشىدىن كاشىغەرى، ئۆز دەۋرىنىڭ ئاتاقلىق مۇدەررىسى ۋە تارىخچىسى ئابدۇغاپپار ئىبنى ھۈسەيىن كاشىغەرى، جەرراھ ئىمامىدىن كاشىغەرى، مەھمۇد كاشىغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ ئۇستازى ھۈسەيىن خەلەف كاشىغەرى قاتارلىقلار بار. بۇلاردىن بەزىلىرى بۇ مەدرىستە ئۇزۇن يىل مۇدەررسلىك قىلغان.
كېيىنكى دەۋردە ئوقۇغان ۋە يېتىشىپ چىققان ئالىملاردىن شائىر، تارىخچى، جامائەت ئەربابى، مەھمۇد ھېكىم بەگ، سالىھ داموللا ھاجىم (بۈگۈنكى دەۋردىكى بۈيۈك دىنىي زات، ئۇستازىمىز مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئاتىسى)، شائىر ۋە ئۆتكۈر مەسخىرىچى ئەمەت داموللام، جاھالەتكە قارشى پىداكار جەڭچى ئابدۇقادىر داموللام، مەۋلىۋى داموللا ھاجىم، خەلق شائىرى، مەنبەشۇناس ئەبۇبەكرى زەلىلى، شائىر مۇھەممەد يۈسۈپ تۈركىي، جامائەت ئەربابى ئابدۇراخمان يۈسۈپ قاتارلىقلار بار.
ساجىيە مەدرىسىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى بىلىم يۇرتى بولغاچقا بۇ مەدرىس ئەينى دەۋردىن باشلاپلا دىنىمىزنىڭ تارقىلىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن ھەم كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە قەشقەردىمۇ تارماق مەدرىسىلىرى قۇرۇلۇپ نۇرغۇنلىغان ئىلىم ئەھلىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ ئۇيغۇر مائارىپچىلىق ھەرىكىتىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئۇل سالغان. تارىختىن باشلاپلا ساجىيە جاھالەتنى قوغلاپ، كىشىلەر قەلبىنى ئىلىم نۇرلىرى بىلەن يورىتىپ كەلگەچكە گەرچە قەدىمكى ساجىيەنىڭ ئىزلىرى يوقالغان بولسىمۇ ئىسمى دىللاردا يادلىنىپ تىللاردا تارقىلىپ كەلمەكتە ھەم ساجىيە نامىدا ھەرخىل تىل تەربىيىلەش مەكتەپلىرىمۇ ئېچىلماقتا.
بۈگۈنكى كۈندە ئۇستاز دوكتور ئابدۇلئەزىز ئەينى دەۋىردىكى بىلىم بۇلىقى بولغان ساجىيە مەدرىسىسىنىڭ سىماسىنى تور دۇنياسىدا قايتا نامايان قىلىپ ئىلىم سۆيەر خەلىقىمىزنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ۋە دىنى ئىز باسارلارنى تەربىيەلەپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ قولىدىن قولىغا ئۆتۈپ كېلىۋاتقان ساجىيە مەدرىسىسىنىڭ ئىلىم مەشئىلىنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋاتىدۇ.
دوكتورنىڭ خەلقىمىزگە بولغان بۇ جانكۆيەرلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزىمىزدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن قىسقىچە بولسىمۇ ساجىيە مەدرىسىسىنى تونۇشتۇرۇش، مۇشۇ ئارقىلىق دوكتورنى روھى جەھەتتىن ئازراق بولسىمۇ قوللاش مەقسىتىدە بۇ يازمىنى تەييارلىدۇق.
—-كۆكلەم .
2011-يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى.
ئەزىزانە قەشقەر.

Show More

Related Articles

Back to top button
Close
Close