خەۋەرلەر

ئىستانبۇلدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزىۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

7-دېكابىر، يەنى شەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا «پىكىردە بىرلىك: پەزلەتلىكلەر مۇنبىرى» تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزىۋاتقان دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

ئىستانبۇلنىڭ ئاۋات مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان ئەيۇپ رايونىدىكى ئەيۇپ سۇلتان جامەسى ئالدىغا توپلانغان نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق تۈرك بايرىقى ۋە بىلەن شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرىنى تەڭ كۆتۈرۈشۈپ، خىتايغا قارشى داغھدۇغىلىق نامايىش ئۆتكۈزدى.

«پىكىردە بىرلىك: پەزلەتلىكلەر مۇنبىرى» نامىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشقا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، تۈركىيە ياشلار ۋەخپى،  ئەنسار ۋەخپى، يەسەۋىي ئالپەرەنلەر تەشكىلاتى قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى قاتناشتى. نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەرنىڭ سانى 500 دىن ئاشتى.

پائالىيەتتە ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان شېھىتلىرى ئۈچۈن غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى.

نامايىش جەرىيانىدا «پىكىردە بىرلىك: پەزلەتلىكلەر مۇنبىرى» غا ۋاكالىتەن بايانات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. باياناتنى يەسەۋىي ئالپەرەنلەر تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى كۇرشات مىجان ئوقۇدى. كۇرشات مىجان ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا مىسلى كۈرۈلمىگەن دەرىجىدە ئېغىر زۇلۇملارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

كۇرشات مىجان بۇ نامايىشنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەتلەر ھەققىدە توختلىپ، مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزىلىۋاتقان زۇلۇمغا قارشى سۈكۈتتە قالماسلىق ۋە يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەرنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق.»

كۇرشات مىجان يەنە مۇنداق دېدى: «دۇنيادىكى كۆپىنچە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ باياناتلىرىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ كۈندىلىك  ھاياتىدا دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچلىكلىرى رەسمىي كۈنتەرتىپكە كەلمەيۋاتقان بىر ۋەزىيەت مەۋجۇت. بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش، ئەركىنلىك ۋە جان بىخەتەرلىكىنى ساقلاش، ئائىلە ۋە شەخسلەرنىڭ ئىززەت-ئابرويىنى قوغداش، ئادىل سوتلىنىش، ساياھەت ئەركىنلىكىدىن بەھرىمان بولۇش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەردە ۋە شۇنداقلا قىيىن-قىستاق، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىش، مال-مۈلۈكلىرى تارتىۋېلىنىشىش، مەدەنىيەت يارىكارلىرى چېقىلىش ھەمدە مىللىي قىممەتلىك قاراشلىرىدىن مەرھۇم قىلىنىش جەھەتلەردە كۆپلىگەن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى يوق قىلىشنى كۆزلەۋاتقان قىزىل تېرورچى خىتاي دۆلىتى نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە نۇرغۇن مەسچىت ۋە تارىخىي يادىكارلىقلارنى چېقىۋەتتى. مۇسۇلمانلارنىڭ جان تومۇرلىرى بولغان ئالىملىرىمىزنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىپ، كۆپىنچىسىنى ئۆلتۈرىۋەتتى.»

كۇرشات مىجان دۇنيا جامائىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇمنى توختىتىشقا چاقرىق قىلىپ، مۇنداق دېدى: «21- ئەسىردە قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا ئوخشايدىغان جازا لاگېرلىرىدا 3 مىليوندىن ئارتۇق قېرىنداشلىرىمىز مۇسۇلمانلىق ۋە تۈركلۈك كىملىكىنى، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۆزىگە خاس پۈتكۈل ئالاھىدىلىكلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇرلانماقتا. ئېغىر بېسىم ۋە قىيىن- قىستاق ئاستىدا ئىڭرىماقتا. مىڭلارچە كىشىلەر ئۆلتۈرۈلمەكتە. دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى شۇنداقلا پۈتكۈل دۇنيادىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنى بۇ زۇلۇمنى توسۇش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقرىق قىلىمىز.»

بايانات ئوقۇلغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نىڭ ماقۇللانغانلىقىنى، بۇنىڭغا ئوخشاش قانۇننىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ماقۇللىنىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈرك خەلقىگە خىتاپ قىلىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر خەلقىگە ئىگە چىقىشقا چاقرىق قىلدى.

كېيىن سىيەر تارىخ ۋەخپىنىڭ قۇرغۇچىسى، يازغۇچى مۇھەممەت ئىمىن يىلدىرىم ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە سالام يوللاش بىلەن باشلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەزىز قېرىنداشلىرىم! بۇ يەردە سىلەرگە زۇلۇمنى ئاڭلاتمايمەن، بۇ يەرگە توپلانغان قېرىنداشلىرىم زۇلۇمنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى مەندىن تېخىمۇ ياخشى بىلىدۇ. مەن زۇلۇمنى ئۇلاردىن ئاڭلايمەن، چۈنكى ئۇلار زۇلۇمنى بېشىدىن ئۆتكۈزىۋاتىدۇ.»

مۇھەممەت ئىمىن يىلدىرىم سۆزىدە «زالىملار ئۆزلىرىنىڭ زۇلۇملىرى ئىچىدە يوق بولۇپ كېتىدىغانلىقى» ھەققىدە تەسىرلىك بايانلارنى ئاڭلىتىپ ئۆتتى.

مۇھەممەد ئىمىن يىلدىرىم سۆزىدە ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇمغا سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «پۈتكۈل دۇنيا سۈكۈتتە قېلىشى مۇمكىن. نېفىت يوق، پايدا- مەنپەئەت يوق دەپ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىشى مۇمكىن. ئەمما بىز مۇسۇلمانلار مەزلۇملارنىڭ يېنىدا بولىمىز. مەزلۇملار قەيەردە بولسا، بىز ئۇ يەردە بولىمىز. كىم زالىم بولسا، بىز ئۇنىڭغا قارشى تۇرىمىز. بەدىلى نېمە بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ئۇنى ئۆتەشكە ھازىر بولۇپ پۈتكۈل مەزلۇملارنىڭ ياڭراق ساداسى بولۇپ يېنىدا بولىدىغانلىقىمىزنى دۇنياغا جاكارلايمىز. زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن خىتاينى، سېتىلغان ئەرەب كاتىباشلىرىنى دۇنياغا پاش قىلىمىز، ھېچ بىر زامان زالىمنىڭ يېنىدا بولمىغانلىقىمىزنى ياڭراق ئاۋاز بىلەن دۇنياغا نىدا قىلىمىز.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئەپەندى بۇ نامايىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، ھاۋانىڭ سوغۇق ۋە يامغۇرلۇق بولۇشىغا قارىماي 500 -600 ئەتراپىدا كىشىنىڭ نامايىشقا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.  ئۇ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تۈركىيە خەلقى ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن تۈركىيەنىڭ ھەرقايسىي جايلىرىدا شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى توغرىسىدا نامايىش ۋە پائالىيەتلەرنىڭ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىمالى بارلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى- ئارسلان

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button