خەۋەرلەر

قازى ھۆسەيىن ئەھمەد ۋاپات بولدى

پاكىستان ئىسلام جامائىتى پارتىيىسىنىڭ سابىق رەئىسى قازى ھۆسەيىن ئەھمەد ۋاپات بولدى.

پاكىستان ئىسلام جامائىتى پارتىيىسىنىڭ سابىق رەئىسى قازى ھۆسەيىن ئەھمەد2013 ‏- يىلى 1 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى 75 يېشىدا كېسەللىك سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى.

خەۋەرلەردە بىلدۈرۈشىچە، مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزى پىشاۋۇر شەھىرىدە ئوقۇلدى، جىنازا نامىزىغا 100 مىڭلىغان ئىنسان قاتناشقان بولۇپ مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن پاكىستان ئىسلام جامائىتى پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ھەسەن ئىمام بولدى. 

جىنازا نامىزىغا ھەر قايسى سىياسى پارتىيە رەئىسلىرى، دىنى ئۆلىمالار ۋە پاكىستاندىكى مۇھىم شەخسلەر بولۇپ كۆپلىگەن كىشى قاتناشتى.

 40 يىلدىن بۇيان پاكىستان سىياسىتىدە مۇھىم رول ئوينىغان قازى ھۆسەيىن ئەھمەدنىڭ جىنازا نامىزىغا پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچ قانداق پارلامېنت ئەزاسى ۋە ياكى مىنىستىرلارنىڭ قاتناشمىغانلىقى دىققەتنى تارتتى. 

مەرھۇمنىڭ جىنازىسىنى، مەرھۇمنى ياخشى كۆرىدىغان نەچچە مىڭلىغان ئىنسانلار مۈرىسىدە كۈتۈرۈپ مەرھۇمنىڭ يۇرتى بولغان نەۋشەھەر رايونىغا ئېلىپ كېلىنگەن ۋە ۋە دەپىنە قىلىنغان. 

مەرھۇم قازى ھۆسەيىن ئەھمەد پاكىستاننىڭ ئىسلامى يولدا مېڭىش بىلەن تونۇلغان ئىسلام جامائىتى پارتىيىسى بولغان سىياسى ھەرىكەتنىڭ 10 يىلدىن ئارتۇق رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. مەرھۇم شىددەتتىن ئۇزاق، تىنچلىق سىياسىتى بىلەن تونۇلغان دۇرۇست ۋە راسچىل ئىنسان ئىدى. 

قازى ھۆسەيىن ئەھمەد ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاننى ئىشغال قىلىشىغا ۋە پاكىستان سىياستىگە قاتتىق قارشى تۇرغان شەخسلەردىن بىرى ئىدى. 

قازى ھۆسەيىن ئەھمەد ۋە ئۇنىڭ پارتىيىسى بولغان پاكىستان ئىسلام جامائىتى پارتىيىسى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، پاكىستاندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغايېقىندىن غەمخورلۇق قىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش شارائىتى يارتىپ بېرىپ كېلىۋاتقان ئىدى. 

ئىلگىرى پاكىستانغا ئوقۇشقا بارغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى پاكىستان ئىسلام جامائىتى پارتىيىسى غەمخورلۇق قىلىپ، لاھور شەھىرىدىكى ئەبۇ ئەلامەۋدۇدى ئىنىستىتۇتىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئوقۇش شارائىتى ھازىرلاپ بەرگەن. 

ئاللاھ مەرھۇمنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغاي ۋە ياتقان يېرىنى جەننەت قىلغاي. 

 

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close