ئىلھام توختىغا «ساخاروف مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلدى

18-دېكابىر كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ستراسبۇرگدىكى مەركىزىدە ئىلھام توختىغا بېرىلگەن «ساخاروف مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.
24-ئۆكتەبىر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بولغان «ساخاروف مۇكاپاتى» نىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىنىپ، دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يەنە بىر قېتىم دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان ئىدى. بۈگۈن، يەنى 18-دېكابىر فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدىكى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مەركىزىدە بۇ مۇكاپاتنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىمغا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 750 دىن ئارتۇق ئەزالىرى قاتناشقان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام ۋە «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان قاتارلىقلارمۇ بۇ مۇراسىمغا داخىل بولدى. جەۋھەر ئىلھام زالغا كىرگەندە پۈتۈن پارلامېنت ئەزالىرى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئالقىش سادالىرى بىلەن قارشى ئالدى.
نەق مەيدان خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ مۇراسىم تولىمۇ ھەيۋەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى داۋىد ساسسولى ئەپەندىدىن كېيىن جەۋھەر ئىلھام سۆز ئېلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ساخاروف مۇكاپاتى» نى دادىسى ئىلھام توختىغا لايىق كۆرگەنلىكىگە رەھمەتلىرىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە ئىلھام توختىنىڭ ھاياتى، پائالىيەتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا تارتىۋاتقان زۇلۇملىرىنى تەپسىلىي ئاڭلاتقان. ئۇنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندا پۈتۈن زالدا يەنە بىر قېتىم گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىغان.
ئىلھام توختىغا بېرىلگەن «ساخاروف مۇكاپاتى» نىڭ گۇۋاھنامىسىنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى داۋىد ساسسولى ئەپەندى ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەرگە ئۆز قولى بىلەن تەقدىم قىلغاندا مۇراسىم زالىنى يەنە بىر قېتىم گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى قاپلىغان. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى داۋىد ساسسولى سۆزىدە: «بىز بۇ مۇكاپات ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز،» دېگەنلەرنى تىلغا ئالغان.
كىشىنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە جەلپ قىلىدىغىنى، مۇكاپات لەۋھەسىنىڭ ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا يېزىلىشى بولدى. لەۋھەگە «ياۋروپا پارلامېنتى 2019-يىللىق ‹ساخاروف مۇكاپاتى› نى ئىلھام توختىغا، يەنى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى ئۈچۈن باتۇرانە ئېلىپ بارغان كۈرىشىنى ۋە تەمكىن بىر ياراشتۇرۇش ئاۋازى بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ئۈچۈن تەقدىم قىلدى،» دېگەن خەتلەر يېزىلغان.
مەلۇم بولغىنىدەك، ئىلھام توختى بۇ يىل 30-سېنتەبىر كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ۋاسلاۋ خاۋېل ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالىي مۇكاپاتلىرىغا نائىل بولۇشى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىپلا قالماي، ئۇيغۇر جامائىتىنىمۇ كۆپ سۆيۈندۈرمەكتە.
ستراسبۇرگدىكى مۇراسىم زالىدىن ئۇيغۇر خەلقىگە خوش خەۋەر يوللىغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تولىمۇ ھاياجانلىق مىنۇتلارنى باشتىن كۆچۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ مۇكاپاتنىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلىشىنىڭ سىياسىي ئەھمىيەتلىرىنى ئەسكەرتتى.
«ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ۋە تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى ئۇلرىك دېلىيۇس قاتارلىقلار ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ «ساخاروف مۇكاپاتى» نى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا لايىق كۆرگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەتلىرىنى ئىپادە قىلغان بىر لوزۇنكا ياساپ بارغان بولۇپ، ئۇلار بۇ لوزۇنكىنى پارلامېنت ئەزالىرىغا نامايان قىلغان. ئەنۋەرجان ئەپەندى نەق مەيداندىن قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ ھاياجانلىرىنى باسالمايۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلدى.
مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى