مۇسۇلمان خەلقلەر قۇرۇلتىيىدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلدى

14-15-دېكابىر كۈنلىرى ئەنقەرەدىكى «Green Park» مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن قۇرۇلتايغا 63 دۆلەتتىن، 123 ۋەكىل قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار مۇنبىرى رەئىسى ھىدايەت ئوغۇزخان ئەپەندى قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
خىتاينىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى لاگېرلارغا قامىغانلىقى 28-نۆۋەتلىك مۇسۇلمان خەلقلەر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي تېمىسىغا ئايلانغان.
مەزكۇر قۇرۇلتايدا سۆزلىگەن تۈركىيەنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە سابىق پارلامېنت رەئىسى بۈلەنت ئارىنچ پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھازىر دۇچار بولۇۋاتقان زۇلۇمغا قارىتا ھۆكۈمەت ئىنكاس قايتۇرمايۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بىز ئاۋازىمىزنى چىقارمىساق بولمايدۇ».
بۈلەنت ئارىنچ ئەپەندى ئۆزىگە نېمە ئۈچۈن ھەممە دۆلەت خىتايدىن قورقىدۇ؟ دېگەن سوئالنى قويۇپ مۇنداق جاۋاب بەردى: «خىتاي بەزى دۆلەتلەر بىلەن تىجارەت قىلىۋاتىدۇ، بەزى دۆلەتلەرگە پۇل بېرىۋاتىدۇ. شەرقتە خىتاي دۆلىتى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ. بەزى ئىسلام دۆلەتلىرى ئاغزىنى ئاچالمايۋاتىدۇ. بىز ھازىر بىر پارتىيەگە مەنسۇپمۇ ئەمەس. شۇڭا بىز مۇسۇلمان خەلقلەر بىرلىكى بولغاندىكىن، خىتاي ‹شىنجاڭ› دەۋاتقان، بىز ‹شەرقىي تۈركىستان› دەيدىغان جايدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئېغىر ۋەزىيەتتە، بىز بۇنىڭغا قارىتا سۈكۈتتە تۇرماسلىقىمىز كېرەك».
28-نۆۋەتلىك مۇسۇلمان خەلقلەر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ئىنسانىي ياردەم فوندى مۇئاۋىن رەئىسى ھۈسەيىن ئورۇچ ئەپەندى بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش تېمىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان بىز ئاۋازىمىزنى چىقىرالمايۋاتقان بىر جاي. خۇدا نۇرغۇن جەھەتلەردىن بىزگە غەلىبە ئاتا قىلىۋاتىدۇ. لېكىن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە بىز بەكلا قېيىن ئەھۋالدا. بۇ ھەقتە بىر نەرسە دېيەلمەيۋاتىمىز، شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلالمايۋاتىمىز. بارلىق مۇسۇلمان خەلقلەر كۈچىمىزنى بىر يەرگە يىغىپ شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن بىر ئىش قىلىشىمىز كېرەك. بۇ يىلقى يىغىنىمىزنىڭ ئاساسىي تېمىسى شەرقىي تۈركىستان بولۇشى كېرەك، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇسۇلمان خەلقلەر نېمىلەرنى قىلالايمىز؟ بۇلارنى مۇزاكىرە قىلىشىمىز كېرەك دېگەن تەكلىپنى سۇنماقچىمەن».
ئىككى كۈن داۋاملاشقان يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى 28-نۆۋەتلىك مۇسۇلمان خەلقلەر قۇرۇلتىيىدە سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلار ھازىر دۈچ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرى ۋە 5 مىليون مۇسۇلماننىڭ لاگىرغا قامالغانلىقىنى كۈنتەرتىپكە ئەكەلدى ۋە ئىسلام دۇنياسىنى بۇ زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن خىتايغا بېسىم قىلىشقا چاقرىق قىلدى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى ، يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن ئاخىرغىچە مۇسۇلمان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە بۇ ئېغىر ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئەمىلى نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، بۇنىڭ مۇسۇلمان خەلقلەر قۇرۇلتىيىدا تۇنجى قېتىم كۆرۈلگەن ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
مەزكۇر قۇرۇلتايدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بېرىپ، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى مۇسۇلمانلارنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئىگە چىقىشقا چاقىرغان.
يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى مەزكۇر قۇرۇلتايدا ئىسلام دۇنياسىنىڭ باشقا مەسىلىلىرى قاتارىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كەلگەنلىكىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىككى كۈن داۋاملاشقان 28-نۆۋەتلىك مۇسۇلمان خەلقلەر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخىرىدا «ئىسلام دۇنياسىدىكى مەسىلىلەر ۋە ھەل قىلىش يوللىرى» تېمىسىدا خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىشى، جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقىشى تەكىتلەنگەن.
مۇسۇلمان خەلقلىرى قۇرۇلتىيى 1991-يىلىدىن تارتىپ ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە بولۇپ، مەزكۇر قۇرۇلتايدا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، سىياسەتچىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر تۈركىيەنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى ۋە ھەل قىلىش يوللىرى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدىكەن.
مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئەركىن تارىم