«خەلقئارا كۆچمەنلەر كۈنى» دە ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

18-دېكابىر «خەلقئارا كۆچمەنلەر كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇل ۋالىيلىقىنىڭ كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسى ۋە زەيتىنبۇرنۇ بەلەدىيەسىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن زەيتىنبۇرنۇ كۈلتۈر-سەنئەت مەركىزىدە «مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۇچرىشىش تۈگىنى-تۈركىيە» دېگەن تېمىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتتە ئالدى بىلەن ئىستانبۇل ۋالىيسى ئەلى يەرلىقايا ئەپەندى، ئىستانبۇل كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى رەجەپ باتۇ ئەپەندى ۋە زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى ئۆمەر ئارىسوي قاتارقلىقلار ئېچىلىش سۆزى سۆزلىدى.
ئىستانبۇل ۋالىيسى يەرلىقايا ئەپەندى زۇلۇمدىن قاچقان ئىنسانلارغا ئاناتولىيەنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئوچۇقلۇقىنى بىلدۈردى.
پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ۋالىي ئالىي يەرلىقايا ئەپەندىگە گۈل-چېچەك تەقدىم قىلدى ۋە خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.
كېيىن زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى ئۆمەر ئارىسوي سۆز قىلىپ، زەيتىنبۇرنۇنىڭ كۆچمەنلەردىن تەركىب تاپقان بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى، زەيتىنبۇرنۇ كوچىلىرىدا پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىدىن كەلگەن ئىنسانلارنى ئۇچرىتىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىيەدىكى كۆپلىگەن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى قاتناشتى.
پائالىيەت داۋامىدا تۈرك سەنئەتچىلەر، ئاھىسكا تۈركلىرى، قازاقلار ھەر خىل سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسەتتى. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى، گۈلزادە تەڭرىتاغلى قاتارلىق 6 كىشىدىن تەركىب تاپقان ئۇيغۇر سەنئەت ئۆمىكى سەھنىگە چىقىپ، قەشقەر خەلق ناخشىلىرىدىن ئارىيە، «يارىيار» قاتارلىق ناخشىلارنى ئورۇندىدى. سەھنىدە ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرى ئوينالدى.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شۈكران قاسىم قاتارلىق 30 نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى مىللىيچە كىيىملىرى بىلەن سەھنىگە چىقىپ، «ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق»، «كۆك بۆرە» قاتارلىق ناخشىلارنى ئورۇنلىدى.
پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئاچتى. ئۇنىڭدا ئەتلەس، كانۋاي كۆڭلەك، چىمەن دوپپا، چالغۇ سازلار، بۆشۈك، چىلاپچا، كۆرپە قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئۆرۈپ-ئادەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىگە قويۇلدى. ئۇنىڭدىن باشقا كۆرگەزمىدە يەنە مەھمۇت قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىق ئۇيغۇر ئالىملىرى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىنى نامايان قىلىدىغان سۈرەتلەر كۆرسىتىلدى.
ئىگىلىنىشىچە ھازىر تۈركىيەدە 190 مىللەت، 5 مىليون چەتئەللىك ياشايدىكەن. ئوخشىمىغان تىل، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ۋە ئوخشىمىغان دىنلارغا ئىگە مىليونلىغان ئىنسانلار ياشاۋاتقان تۈركىيەدە بۇنداق پائالىيەتلەر ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرماقتا.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق مەزمۇندىكى سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسەتكەنلىكى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنىڭ تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
ئۇيغۇر سەنئەتكار گۈلزادە تەڭرىتاغلى خانىم خەلقئارا كۆچمەنلەر كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتكۈل دۇنيادىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا بىر قانچە ئېغىز يۈرەك سۆزلىرىنى ئىپادە قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار مىللىي مەدەنىيىتىنى ئۇنۇتمىسۇن، مىللىي سەنئەتلىرىنى ئۇنۇتمىسۇن. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دۇنيادىكى ساناقلىق باي مەدەنىيەتلەردىن بىرى. ئاتا-ئانىلار بۇنى ھەر زامان باللىلارغا ئۆگەتسۇن.»
دوكتور پەرھات تەڭرىتاغلى ئەپەندى بۇ پائالىيەتنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى تۈركىيەدىكى كۆپ تىللىق ۋە كۆپ مەدەنىيەتلىك ئىجتىمائىي توپلۇقلارغا تونۇشتۇرۇشنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
پائالىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئاچقان رازىيە خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىن ئالغان تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان