خەۋەرلەرپائالىيەتلەر

11- ئايلىق يىغىلىشتا قېرىنداشلىق ۋە سەپداشلىقنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەندى

2019 -يىلى 11-ئاينىڭ 1- كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيەت مەركىزىدە قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش ئايلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا جەمئىيەتنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەت ئابدۇراخمان رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. يىغىندا جەمئىيەت رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ داۋا يولىدىكى قېرىنداشلىق ۋە سەپداشلىقنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم دىنى ھەم مىللىي مەسئۇلىيەتچانلىق توغرىسىدا توختالدى.
يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مەسئۇللىرىدىن مەخمۇتجان داموللام ۋە جامائەت ئەربابىي ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ شەرقىي تۈركىستان داۋاسى يولىدىكى توغرا چۈشەنچە ۋە قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم خىزمەتلەر توغرىسىدا توختالدى.
يىغىن سوئال – جاۋاپ شەكىلدە داۋام قىلىۋاتىدۇ.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button