ۋېكتور گاۋنىڭ بايانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ماھىيىتىنى تېخىمۇ روشەن ئېچىپ بەردى

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە كۆپلىگەن يېڭى ئىسپاتلار ۋە گۇۋاھلىق بايانلىرى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بىر قېتىم خەلقئاراغا ئۆزلىرىنىڭ «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتى توغرىسىدىكى كونا نەزەرىيەسىنى تېڭىشقا ئۇرۇنماقتا. بۇ يېقىندا خىتايدىكى ئەڭ «نوپۇزلۇق» خەلقئارا مۇناسىۋەت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرى، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئاقىللار مەركىزى بولغان «خىتاي ۋە يەرشارىلىشىش مەركىزى» نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋېكتور گاۋنىڭ «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا سۆزلىگەن سۆزلىرىدە تېخىمۇ روشەن ئىپادىلەندى.

سۆھبەتتە پېشقەدەم مۇخبىر تىم سېباستيان ئالدى بىلەن ۋېكتور گاۋنىڭ 2019-يىلى ماي ئېيىدا BBC مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ «خىتايدا پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىش ئەھۋالى ھەقىقەتەن مەۋجۇت. بۇنىڭ راستىنىلا ماڭا ياقمايدىغان بەزى تەرەپلىرى بار» دېگەن سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ «مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرغا قامىۋېلىش شەخسەن سىزگە ياقىدىغان تەرەپلەردىنمۇ؟» دەپ سوئال قويدى.
ۋېكتور گاۋ دەرھاللا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن كۆپلىگەن دوستلىرىنىڭ بارلىقىنى شىپى كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر دىيارىدا ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق ئىدىيەلىرىنىڭ بەكلا يامراپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى. رىياسەتچى قايتۇرۇپ سوئال قويۇپ «ئۆتكەن تۆت يىلدا شىنجاڭدا بىر قېتىممۇ تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىدى. چۈنكى ھۆكۈمەت مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرغا قامىۋالغانلىقتىن ھۆكۈمەتكە خىرىس قىلغۇدەك ئادەممۇ قالمىدى. شۇنداق ئەمەسمۇ؟» دەپ سورىدى.
ۋېكتور گاۋ دەرھال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق ئىدىيەلىرىنى بىخ ھالىتىدە يوق قىلىش ئۈچۈن قانداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغاندا تىم سېباستيان بۇنىڭغا جاۋابەن ب د ت ۋە باشقا مەنبەلەردىن كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق سەۋەبسىزلا قولغا ئېلىنىش ھەمدە يىل-يىللاپ لاگېردا يېتىپ كېتىشتەك ھەقسىزلىكلەرگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولسا بۇنى «تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» دەپ تەسۋىرلەۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ «سىز بۇ ئىشلاردىن بەكمۇ پەخىرلىنىدىغان ئوخشىمامسىز؟» دەپ سورىدى.
ۋېكتور گاۋ بۇنىڭغا جاۋابەن تېررورلۇقنىڭ بىر كۈندىلا پارتلاپ چىقىدىغان ھادىسە ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپ ئەسەبىيلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن باشلىنىدىغانلىقىنى، شۇڭا ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بارغانسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش ئۈچۈن قانداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ «ب د ت بۇ جەھەتتە بىزنى قوللاۋاتىدۇ، ب د ت دىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر، جۈملىدىن ئىسلام دۆلەتلىرىمۇ دەل مۇشۇ سەۋەبتىن بىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى قوللىنىۋاتقان تەدبىرلىرىمىزنى قوللاۋاتىدۇ،» دېدى.
تىم سېباستيان بۇ ھەقتە ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى مەلۇماتچىلىرىدىن 12 كىشىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە سەۋەبسىز لاگېرغا قاماش ھادىسىلىرى ھەققىدە بېيجىڭغا بىرلەشمە مەكتۇپ يوللىغانلىقىنى ئەسلەتكەندە ۋېكتور گاۋ دەرھال ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا قىزىققۇچى مۇخبىرلار ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى زىيارەتكە ئۇيۇشتۇرۇپ بېرەلەيدىغانلىقىنى، ھازىر ئەۋج ئېلىۋاتقان ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم تەدبىر ئىكەنلىكىنى، «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دىكى كۇرسانتلارنىڭ ھازىر بۇ جەھەتتە كۆپلىگەن ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىش ئارقىلىق لاگېرلارنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكە ئۇرۇندى.
رىياسەتچى بۇنىڭغا سوئال قويۇپ بۇ ئورۇنلارنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» ئەمەس، بەلكى «يىغىۋېلىش مەركىزى» ئىكەنلىكىنى، ئىدىيە جەھەتتە سەللا باشقىچە پىكىردە ياكى خىيالدا بولغان كىشىلەرنىڭ بىردەك لاگېرغا قامىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ جايغا قامالغانلارنىڭ ئورنىدىن تۇرۇش، ناشتا قىلىشتىن تارتىپ كەچلىكى ئۇخلىغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ، جۈملىدىن قەيەردە ئولتۇرىدىغانلىقى، قانداق ئولتۇرىدىغانلىقى قاتارلىقلارنىڭ بەكمۇ قاتتىق بولغان ئىنتىزام ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغانلىقىنى، جۈملىدىن بۇ جايغا قامالغانلاردا ھېچقانداق ھوقۇق مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى سۆزلەپ كېلىپ «سىلەر مۇشۇ خىلدىكى ماشىنا ئادەملەرنى پەيدا قىلىشقا خۇشتارمۇ؟» دەپ سورىدى.
ۋېكتور گاۋ دەرھال بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە باشقا جايلاردىكى ساقچى مەكتەپلىرىنىڭ كۇرسانتلىرىنىڭ قاتتىق ئىنتىزام بويىچە ئوقۇيدىغانلىقىنى، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بەكمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، رىياسەتچىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئەسەبىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى «كىشىلىك ھوقۇقنى ئاياق-ئاستى قىلىش» دەپ چۈشىنىپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ «سىز ئۆزىڭىزنىڭ قارىشىدىكى قانۇن چۈشەنچىسىنى دۆلىتىمىزگە تەدبىقلاۋاتىسىز. خىتاينىڭ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان، ئۆزىگە خاس قانۇن سىستېمىسى بار. بۇ سىستېما بويىچە بىز ئەسەبىيلىكنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلگەندە دەرھال بۇنىڭ ئالدىنى ئالىمىز» دېدى.
رىياسەتچى بۇ ھەقتە يېقىندا ئاشكارا بولغان لاگېرلار ھەققىدىكى رەسمىي ھۆججەتلەردىن مىسال كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى دەرىجىدىكى يوقىتىشقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىنلىكىنى ئېيتقاندا ۋېكتور گاۋ بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ئىسپاتلاشتىن ئۆتمىگەن نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ بۇلارنى يالغان دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رىياسەتچى ئاخىرىدا ۋېكتور گاۋنىڭ ئامېرىكادا ئادۋوكاتلىق گۇۋاھنامىسى ئالغان بىر كىشى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ، «سىزگە ئوخشاش بىر ئادۋوكاتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان مۇشۇ خىلدىكى قىلمىشلارنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقى بەكمۇ قالتىس ئىش بولدى. سىز بۇنىڭدىن نومۇس ھېس قىلمامسىز؟» دەپ سورىدى.
ۋېكتور گاۋ يەنە ئۆز گېپىنى يورغىلىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا بەكمۇ ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، ھازىر بۇ ئىشلارنى تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىرگە ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقاندا رىياسەتچى تىم سېباستىيان ئۇنىڭغا تولىمۇ ئىچى ئاغرىغان قىياپەتتە قاراپ تۇرۇپ «ۋېكتور ئەپەندى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىزغا رەھمەت!» دەپ سۆزىنى تۈگەتتى.
بۇ قېتىملىق سۆھبەت پروگراممىسى تارقىتىلغاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ بەلگىلىك ئىنكاس قوزغىغانلىقى مەلۇم. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپلا يالغان سۆزلەپ كېلىۋاتقان بىر ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى، بۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «مۇشۇ خىلدىكى يالغانلار ئارقىلىق دۇنيانى ئالداپ كەتكىلى بولىدۇ» دەيدىغان ھاماقەتلىكىنىڭ ھېلىھەم ئۆزگەرمىگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئېلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، ۋېكتور گاۋنىڭ پۈتۈن دۇنيا كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان رېئاللىقنى «مەن بۇنىڭ راست ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن» دېيەلىشى يالغۇز ئۇنىڭ قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىپلا قالماستىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر پۈتۈن ماھىيىتىنى كۆرۈپ يېتىشكىمۇ يېتەرلىك ئاساس بولالايدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى سۆھبەت ۋېكتور گاۋنىڭ مۇشۇ يىل ئىچىدە ئارقىمۇ-ئارقىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە سۆز قىلىشىنىڭ ئەڭ يېقىنقىسى بولۇپ، ئۇ ھازىرغىچە ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇمنى قەتئىي ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى بىلەن كۆپ قىسىم كىشىلەرگە تونۇشلۇق ئىكەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى- ئەزىز