خەۋەرلەر

ئىستانبۇلدا خىتايغا قارشى زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 20-دېكابىر كۈنى كەچتە ئىستانبۇلدا خىتايغا قارشى غايەت زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.


IHH ئىنسان ھەق ۋە ھۆررىيەتلىرى ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ رەئىسى بۇلەنت يىلدىرىم نامايىش جەريانىدا خىتاي ئەمەلدارلىرىغا خىتاب قىلىپ: «لاگېرلار بەك ياخشى بولسا ئۆزۈڭلارنىڭ باللىرىنى ئەۋەتىڭلار،» دېدى.

نەچچە ئون مىڭلىغان كىشىدىن تەشكىللەنگەن نامايىشچىلار قوشۇنى بىر نىيەت بىر مەقسەتتە يۈرۈش قىلدى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىمۇ خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئېلىپ بېرىلدى.

نامايىشچىلار ئالدى بىلەن ئىستانبۇلدىكى فاتىھ جامەسى مەيدانىغا جەم بولۇپ مەشئەل ۋە بايراقلارنى كۆتۈرگەن ھالدا ئۇ يەردىن بەيازىت مەيدانىغىچە ئۈچ كىلومېتىرلىق مۇساپىنى پىيادە بېسىپ يۈرۈش قىلدى. يۈرۈش جەريانىدا نامايىشچىلار بىردەك «ياشىسۇن مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان!»، «شەرقىي تۈركىستانلىقلار يالغۇز ئەمەس» دېگەندەك شوئارلار توۋلىدى. بۇ نامايىشنى ئاناتولىيە ياشلار جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق كۆپ ساندىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى. نامايىشقا 60 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاتناشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

نامايىش ئاخىرىدا ئىستانبۇلدىن پۈتكۈل دۇنياغا خىتاب قىلىنىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ دەرھال تاقىلىشى ئۈچۈن چاقىرىق قىلىندى.

نامايىشچىلار فاتىھ جامەسى ئالدىدىن يۈرۈش قىلىپ بەيازىت مەيدانىغا توپلانغاندىن كېيىن IHH ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ رەئىسى بۇلەنت يىلدىرىم نامايىشچىلارغا خىتاب قىلىپ، مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاننى يالغۇز قويمىدىڭلار. ئاللاھ ھەممىڭلاردىن رازى بولسۇن. كېچە بولسىمۇ يۈرۈش قىلدىڭلار. مەن ئەمدى شەرقىي تۈركىستانغا يۈرەيلى دېسەم، ھەممىمىز بىرلىكتە يۈرۈپ كېتىمىز. بىزنىڭ چېگرالىرىمىز يۈرەكلەردە تۇتۇشۇپ بولغان جۇغراپىيەدۇر. 

شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى پەقەت توپلانغاندىلا ھاياجانلىنىدىغان، قىزغىنلىقىمىز بېسىققاندا ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغان مەسىلە بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. شەرقىي تۈركىستان قانداق قۇتۇلىدۇ؟ ئۇ يەردىكى ئىنسانلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇملارنى قانداق توختىتىمىز؟ بۇ ھەقتە ھەممىمىز بىرلىكتە خىزمەت ئىشلىشىمىز كېرەك. يۇلىمىز ئۇزۇن ئەمەس، ئەمما قىسقىمۇ ئەمەس، قانچىلىغان پىرئەۋنلەر ئاغدۇرۇلدى. قانچىلىغان زالىملار يوقالدى. شەرقىي تۈركىستانلىق مەزلۇملارنىڭ كۆز ياشلىرى خىتاينى چوقۇمكى، ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ.»

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي خېلى ۋاقىتقىچە لاگېر قۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىدى. مەجبۇرىي تەربىيىلەش لاگېرىغا كىم قىزىنى ئەۋەتىشنى خالايدۇ؟، خىتاي بۇ لاگېرلاردا كۇرسانتلار كەسىپ ئۆگىنىۋاتىدۇ، دەۋاتىدۇ، ئۇنداقتا، خىتايلار ئۆز باللىرىنى ئەۋەتسۇن، لاگېرلاردا ئۇلارمۇ كەسىپ ئۆگەنسۇن.»

بۇلەنت يىلدىرىم سۆزىدە يەنە ئەرەب-ئىسلام دۆلەتلىرىگە خىتاب قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەي ئەرەب دۇنياسى، نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا ئىگە چىقمايسىلەر؟! نېمىشقا شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن بىر يىغىلىش قىلمايسىلەر؟ ئەي ئىسلامچىلار، كامالىستلار، مىللەتچىلەر، بىر مەسىلىدە بىرلىشەيلى، يەنى شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن بىرلىشەيلى، ئومۇميۈزلۈك بىرلىك ئورنىتايلى.»

كېيىن ئاناتولىيە ياشلار جەمئىيىتى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ رەئىسى يۇنۇس گەنچ ئەپەندى سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن بىر گەۋدە بولۇپ بۇ يەرگە جەم بولدۇق. قېرىنداشلىرىمىزغا سالام يوللايمەن.»

نامايىش جەريانىدا يەنە تۈركىيە ياشلار ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئەنەس ئەمىنئوغلى ئەپەندى سۆز قىلىپ، ھەر زامان ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

سىيەر (ئىسلام تارىخى) ۋەخپىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەد ئىمىن يىلدىرىم ئەپەندىمۇ سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز مۇسۇلمانلار ھېچ بىر زامان زالىمنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالمايمىز. ئاخىرقى نەپىسىمىز توختىغۇچە قەدەر، قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر، مەزلۇملارنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.»

پروگرامما ئاخىرىدا مەشھۇر دىنى ئالىم ئۆمەر دۆنگەلئوغلىنىڭ قول كۆتۈرۈشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن دۇئا ئوقۇلدى.

نەچچە ئون مىڭلىغان كىشى جەم بولۇپ ئىستانبۇلدا نامايىش قىلىشى تۈركىيە خەلقىگە ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باش كاتىپى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشنى 2009-يىلىدىن بۇيان تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ چوڭ ئاممىۋى نامايىش دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بۇ نامايىشنىڭ چوقۇمكى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىغا بېسىم شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە بۇ نامايىشنىڭ خىتايغىمۇ چوڭ بېسىم پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بۇ ھەقتىكى پىكىر-قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ، تۈركىيەنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ئوخشاش ۋاقىتتا يۈز مىڭلىغان كىشىنىڭ نامايىش ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئىستانبۇلدا 50 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ جەم بولۇپ نامايىش ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ بۇ نامايىشنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ تۈركىيەدىكى كېلەچىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئالدىمىزدىكى 10 كۈن ئىچىدە يەنە تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيەدە 82 مىليون خەلقنىڭ داۋاسى بولىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەنقەرەنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرىدە تەسىرلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە بۇنچىۋالا چوڭ ھەرىكەتنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىققەتكە ئالماسلىقىنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باش كاتىپى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى: «تۈرك خەلقى ھەر زامان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېنىدا بولدى، بۇ نامايىش بۇنىڭ ئىپادىسىدۇر،» دېدى.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close