
خىتاي ھۆكۈمىتى 2010-يىلى تۈركىيە بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزگەندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ھەر قايسىي ۋىلايەت، شەھەر، ئىدارە-جەمئىيەت ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىلەن «دوستلۇق» ئورنىتىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە ئىدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ بەزى شەھەرلىرى تۈركىيەدىكى شەھەرلەر بىلەن «قېرىنداش شەھەر» لىك كېلىشىمى تۈزۈپ، ھەر خىل يوللار بىلەن خىتاي مەدىنىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.
25-دېكابىر كۈنى تۈركىيەنىڭ يالوۋا شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋەفا سالمان ئەپەندى تىۋېتتىر ئارقىلىق خىتاينىڭ لىياۋنىڭ ئۆلكىسى پەنجىن شەھرى بىلەن بولغان «دوستلۇق مۇناسىۋىتى» نى ئۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق يازغان: «قىممەتلىك يۇرتداشلىرىم، قىممەتلىك يالوۋالىقلار، يالوۋا شەھەرلىك ھۆكۈمەت، جۈملىدىن مەن يالوۋا شەھرىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن خىتاينىڭ پەنجىن شەھىرى بىلەن بولغان ‹قېرىنداش شەھەر› مۇناسىۋىتىمىزنى ئۈزدۇق.»
يالوۋا شەھەر باشلىقى ۋەفا سالمان ئەپەندى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تارقاتقان ئۇچۇرىدا يەنە مۇنۇلارنى بايان قىلغان: »قىممەتلىك يۇرتداشلىرىم، يالوۋالىقلار، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر بېسىمى ۋە زۇلۇم سىياسىتى چىدىغۇسىز ھالغا كەلدى. ئەپسۇسكى، شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز ئاۋازىنى دۇنياغا يەتكۈزەلمەيۋاتىدۇ. شەھىرىمىز بۇرۇن خىتاينىڭ پەنجىن شەھىرى بىلەن ‹قېرىنداش شەھەر› مۇناسىۋىتى ئورناتقان ئىكەن. يالوۋا شەھرى خىتايدىكى شەھەرلەر بىلەن تۇنجى قېتىم دوستلۇق ئورناتقان شەھەرلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. مەن يالوۋا شەھرىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن خىتاينىڭ پەنجىن شەھىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى توختاتتۇق. مەن بۇندىن كېيىن ھېچقانداق پائالىيىتىمىزگە خىتايلارنى تەكلىپ قىلمايمەن، مەنمۇ ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلمايمەن. شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئەركىن تۇرمۇشقا ئېرىشمىگۈچە، خىتايلارلاردەك ياشاش ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئىگە بولمىغۇچە خىتاي بىلەن دوست بولمايمىز.»
يالوۋا شەھرىنىڭ باشلىقى ۋەفا سالمان ئەپەندى مەزكۇر قارارنى چىقارغاندىن كېيىنلا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ يالوۋا شەھەر مەركىزىدىكى «پەنجىن باغچىسى» نىڭ ئىسمىنى «يالوۋا شەرقىي تۈركىستان باغچىسى» دەپ ئۆزگەرتكەن. باغچىنىڭ ئىچىدىكى «خىتاي پەنجىن باغچىسى» دېگەن خەت يېزىلغان مەرمەر تاشنىڭ ئۈستىگە «يالوۋا شەرقىي تۈركىستان باغچىسى» دېگەن خەتلەرنى ئويدۇرغان. بۇ تاش ئابىدىنىڭ ئۈستىگە يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقىنىڭ سۈرىتىنى چۈشۈرگەن.
«Yalovamiz.com» تور گېزىتىنىڭ 26-دېكابىر كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 26-دېكابىر كۈنى يالوۋا شەھرىدە »خىتايغا لەنەت ئوقۇش« تېمىسىدا نامايىشمۇ ئۆتكۈزۈلگەن. تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى يالوۋا شۆبىسى، «ئۈلكۈ ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى يالوۋا شۆبىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ نامايىشقا قاتناشقان كىشىلەر قولىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن تۈركىيە بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا خىتايغا قارشى شوئار توۋلاپ غازىپاشا كوچىسىدا يۈرۈش قىلغان. ئاخىرىدا «شەرقىي تۈركىستان باغچىسى» نىڭ ئالدىدا مەتبۇئات باياناتىنى ئوقۇغان. باياناتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرغان.
قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، تۈركىيەدە خىتايغا قارشى نارازىلىقنىڭ كۆپىيىشى، بولۇپمۇ بەزى شەھەر باشلىقلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان «دوستلۇق مۇناسىۋىتى» نى ئۈزۈشى خىتايغا قانداق تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ؟
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىغان قاھرامانماراش شەھرىدىكى سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر كەسپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى بۇنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى چۆچۈتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
خىتاي 2010-يىلىدىن تارتىپ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. تۈركلەر ئەگەر تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كۈچەيسە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، دەپ قاراپ كەلگەن ئىدى. لېكىن ھازىرغىچە بولغان ۋەزىيەتكە قارايدىغان بولساق، بۇنىڭ تەتۇر تەسىرى بولىۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟
بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ كۆكتۈرك قاغانلىقى مەزگىلىدىن تارتىپ «يىراقتىلىكەر بىلەن دوست بولۇپ، يېقىندىكى قوشنىلىرىنى يوق قىلىش» سىياسىتىنى قوللىنىپ كەلگەنلىكىنى، ھازىرمۇ شۇ سىياسىتىنى يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، تۈركىيەنىڭ كونيا، دېڭىزلى قاتارلىق بەزى شەھەرلىرىنىڭ باشلىقلىرىمۇ ئۆز شەھەرلىرىنىڭ باغچىلىرىغا ئىلگىرى خىتاينىڭ ناملىرىنى بەرگەن بولسىمۇ، ھازىر تۈرك خەلقىنىڭ بېسىمى بىلەن بۇلارنى ئۆزگەرتمەكتىكەن.
مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئەركىن تارىم