دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئانتالىيە شەھىرىنىڭ ئالانىيە رايونىدا 21- 24 – كۈنلىرى ئارىسىدا ئېچىلغان، 37-نۆۋەتلىك ۋىلايەتلەر مۇفتىلىرى كېڭەش يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان خۇلاسە دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىمۇ تىلغا ئېلىندى.
تۈركىيە دىنى ئىشلار باشقارمىسىنىڭ رەئىسى پروفېسسور دوكتۇر ئەلى ئەرباش خۇلاسە دوكىلاتىدا يەمەن، شەرقىي تۈركىستان، كەشمىر ۋە پەلەستىندە ئىنسانلارنىڭ ھەر خىل پاجىئەلەر بىلەن ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىنى دەپسەندە قىلىش، قىيىن- قىستاق، بېسىم، مەجبۇرلاش، ئاسسىمىلاتىسىيە قىلىش قاتارلىق زالىملارچە پوزىتىسىيەسىگە قارشى ۋىجدانلىق ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ سۈكۈت قىلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.»
«ئالتۇن قانات مۇكاپاتى» نىڭ ساھىبى مۇكاپاتنى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ۋە ئۇيغۇر بالىلىرىغا بېغىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىستانبۇلنىڭ بېشىكتاش ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ئۈندەر باكان ئەپەندى ئالغان «ئالتۇن قانات مۇكاپاتى» نى خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇر خانىم – قىزلار ۋە بالىلارغا بېغىشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
23 – دېكابېر كۈنى ئىستانبۇلدا «ئاياللارغا زوراۋانلىق ئىنسانىيەتكە خىيانەتتۇر» دېگەن شۇئار ئاستىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئالتۇن قانات مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇراسىمغا كۆپ ساندىكى مەشھۇر كىشىلەر قاتناشقان بولۇپ، ئىستانبۇل بېشىكتاش رايونىنىڭ ناھىيە ھاكىمى ئۈندەر باكان ئەپەندى «ئالتۇن قانات مۇكاپاتى» نى ئېلىش جەريانىدا قىسقىچە سۆز قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋىدا خۇتبەسىدا سۆزلىگەن «ئاياللار ئاللاھنىڭ سىلەرگە قىلغان ئامانىتىدۇر» دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئاياللارغا زوراۋانلىق قىلىش ئىنسانىيەتكە خىيانەتتۇر، مەن بۇ مۇكاپاتنى شەرقىي تۈركىستاندىكى زوراۋانلىق ۋە زۇلۇم ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان ئاياللار شۇنداقلا بالىلارغا ۋاكالەتەن قوبۇل قىلىمەن.»
تۈركىيەنىڭ ئەدىرنە شەھرىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيەنىڭ ئەدىرنە شەھرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.
24 – دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى ئەدىرنە شەھرىدە نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
ئەدىرنە شەھرىدىكى ئاتاتۈرك ھەيكىلىنىڭ ئالدىغا توپلانغان ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيە بايراقلىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا ساراچلار يولىدىكى پوچتىخانا ئالدىغىچە يۈرۈش قىلدى. نامايىشقا مىللەتچى ھەرىكەر پارتىيىسى ئەدىرنە شۆبىسىنىڭ رەئىسى زاكىر تەرجان، ئىيى (ياخشى) پارتىيەسى ئەدىرنە شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئەكرەم دەمىر، ئېدىرنە شېھىت ئائىلىلەر ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى فارۇق چېفتچى، ئەدىرنە مۇھارىب غازىيلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت ئىسمائىل ئوغلى ۋە كۆپ ساندىكى خەلق ئاممىسى قاتناشتى.
نامايىش جەرىيانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى ئەدىرنە شۆبىسىنىڭ رەئىسى ياقۇپ ئۆز باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ بۇ نامايىشنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندا سىستېمىلىق بىر شەكىلدە يۈرگۈزىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرگە، قىرغىنچلىقلارغا دىققەت تارتىش ئۈچۈن بۇ نامايىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.»
ياقۇپ ئۆز يەنە مۇنداق دېدى: «كۆزىمىزگە يىراق، ئەمما كۆڭلىمىزگە يېقىن شەرقىي تۈركىستاندىن يۈكسەلگەن پەريادلارغا يۈرەكلىرىمىز كۆيىۋاتىدۇ. خىتاي دۆلىتى ئىشغال قىلىۋالغان شەرقىي تۈركسىتاندا نەچچە يىلدىن بۇيان سىستېمىلىق بىر شەكىلدە قەتلىئام يۈرگۈزىلىۋاتىدۇ. بىراق بۇ پەريادلارغا ئىنسانلار قۇلاق سالمايۋاتىدۇ.»
ياقۇپ ئۆز ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ب د ت نى، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان قەتلىئاملارنى توختىتىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشكە ۋە تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىق قىلدى.
ئافيونقاراھىسار شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا خىتاي زۇلۇمى توختىغىچە خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىق قىلىندى.
ئافيونقاراھىسارداخىتايماللىرىنىبايقۇتقىلىشتوغرىلىقنامايىشئۆتكۈزۈلدى
ئافيونقاراھىسار ئاممىۋىي تەشكىلاتلار مۇنبىرىنىڭ ئەزالىرى، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ئىسكەنجىلىرىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈنسىز پەريادلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن جامە ئالدىغا توپلاندى.
ئافيونقاراھىسار ئاممىۋىي تەشكىلاتلار مۇنبىرىگە ۋاكالەتەن باياناتنى ئوقۇپ ئۆتكەن مۇھەممەد ئۆزقۇل ئەپەندى پۈتكۈل دۇنيادىكى ۋىجدان ئىگىلىرىگە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان قانۇنسىز باستۇرۇشلىرىنى توختاتقىچە خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.
مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان تاش