دەۋا ئادەملىرىنى قوغدايلى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باياناتى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 1 – ئاينىڭ 12 – كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە بىر سورۇندا خىتاينىڭ قورچاق غالچىسى مىللىي مۇناپىق شۆھرەت زاكىرنىڭ گېرمانىيىدىكى سىڭلىسى ۋە ئۇنىڭ يولدىشى قاتارلىق بىر ئوچۇم تۇغقانلىرى تەرىپىدىن ھۇجۇم ۋە تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى بىزنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى. بىز شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى، ئۇنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى پۈتكۈل دۇنياغا جاكارلايمىز.
دۇنيادا ئۆز ۋەتەن خەلقىگە خائىنلىق قىلىشتىنمۇ ئېغىر پەسكەشلىك بولمىسا كېرەك. نەچچە مىليونلىغان قېرىنداشلىمىز تۈرمىلەرگە تاشلىنىپ زۇلۇم تارتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندىمۇ، بەزى پەسكەش، قېنى بۇزۇق ئىنسانلار ئىچىدىن دۈشمەنگە يالاقچىلىق قىلىپ، ئۆز خەلقى ۋە ئۇ خەلقنىڭ رەھبەرلىرىگە ئوچۇق – ئاشكارا قارشى تۇرىدىغان پەسكەش مۇناپىقلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. بۇ مۇناپىقلار ھەر ئىككى دۇنيادا جازاسىنى تارتىدۇ، خىتايغا غالچىلىق قىلىۋاتقان شۆھرەت زاكىرمۇ خىتايلار بەرگەن ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ بولغاندىن كېيىن ئاقىۋىتى نۇر بەكرىگە ئوخشاش بولىدۇ. مۇناپىقلارغا ھەر ئىككى دۇنيادا ياخشى ئاقىۋەت يوق، خەلق ئۇلارنىڭ 70 پۇشتىغىچە نەپرەت بىلەن قارايدۇ.
ئەركىنلىك مەركىزى بولغان ياۋروپا ئەللىرىدە تۇرۇپ، يەنە دۈشمەن ئۈچۈن يالاقچىلىق قىلىۋاتقان قېنى بۇزۇق مۇناپىقلارغا، «رەھبەرلەرگە تەھدىت سالالايدىغان جاسارەت نەدىن كەلدى؟» دېگەندە، خەلقىمىز ئۆز رەھبەرلىرىمىزگە ئىگە چىقماي يالغۇز تاشلاپ قويغانلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقتى دېيىشكە بولىدۇ. بىر قىسىم مۇناپىقلار خەلقنىڭ ئۆز رەھبەرلىرىنى تاشلاپ قويۇپ ئىگە چىقمىغانلىقىدىن جاسارەتلىنىپ، رەھبەرگە ۋارقىرالايدىغان، ئۇرالايدىغان، تەھدىت قىلالايدىغان ۋەزىيەت شەكىلەندى. شەرقىي تۈركىستان خەلقى غەپلەتتىن ئويغىنىشى، رەھبەرلىرىگە، تەشكىلاتلارغا، دەۋاغا ئىگە چىقىشى، دۈشمەنگە پۇرسەت بەرمەسلىكى كېرەك!
بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقى تارىختا ئۆتكەن رەھبەرلىرىمىزنى قوغدىمىغانلىقىمىزنىڭ جازاسىنى ھازىرغىچە تارتىپ كېلىۋاتىمىز. بىز ئابدۇلقادىر داموللام، تۆمۈر خەلىپەم، سابىت داموللام، خوجانىياز ھاجى، ئەلىخان تۆرەم، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلىرىمىزنى، ئالىملىرىمىزنى دۈشمەننىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغدىيالمىدۇق، ئۇلارنى قوغدىمىغانلىقنىڭ بەدىلىگە ھازىرغىچە سۈرگۈن بولۇش، تۈرمىلەرگە تاشلىنىش ۋە ئېغىر زۇلۇملارغا ئۇچراش بىلەن جازاسىنى تارتىۋاتىمىز. ئەمدى بولسىمۇ، تارىختىن ئىبرەت ئېلىپ، كۆز ئالدىمىزدىكى ساناقلىق رەھبەرلىرىمىزگە، ئالىملىرىمىزگە ئىگە چىقايلى، ئۇلارنى دۈشمەننىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغدايلى، ئۇلارنى قوغداش ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزنى قوغدىغانلىق، شەرقىي تۈركىستاننى قوغدىغانلىق ھېساپلىنىدۇ. دۈشمەندىن قۇتۇلۇشنىڭ يېگانە يولى رەھبەرلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتۇر ۋە ئۇلار بىلەن بۇ ھەرىكەتتە بىرگە تۈرۈش. قولىغا قول، پۇتىغا پۇت بولۇپ بىرگە يۈرۈشتۇر. شۇنداق قىلغاندا ئاندىن دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلەيمىز.
بىز شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، خىتاينىڭ قورچاق غالچىسى، مىللىي مۇناپىق شۆھرەت زاكىر ھەمدە ئۇنىڭ گېرمانىيەدە دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە ھۇجۇم قىلغان يالاقچى تۇغقانلىرى قاتارلىق پۈتكۈل مىللىي مۇناپىقلارغا غەزەپ – نەپرىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. بۇنىڭدىن كېيىن پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى ئۇ مۇناپىقلار بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋەت قىلماسلىققا، سالام بەرمەسلىككە چاقىرىمىز. بىز، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى، ئۇنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى پۈتكۈل دۇنياغا جاكارلايمىز.
