خەۋەرلەر

ئەلى قاراداغى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ قايتۇرۇلۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز»

1- ئاينىڭ 10- كۈنى كەچتە ئىستانبۇلدا، دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىگى، شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى،  پەلەستىن سىرتىدىكى دىنى ئالىملار ھەيئىتى جەمئىيتى، ۋە سۈننى ئالىملار جەمئىيتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشۇرۇشى بىلەن ، ”شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەمكارلىق“ دېگەن نامدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا، دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئەلى قاراداغى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي، دىنى،ۋە سىياسىى ھەق – ھوقۇقلىرىنى قايتۇرۇپ بىرلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا ئالدى بىلەن، خىتاينىڭ جازا لاگىرىدا بىر يېرىم يىل يېتىپ چىققان گۇلباھار جېلىلۇۋا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگىرىدا بېشىدىن ئۆتكەن زۇلۇم ۋە قىيىن – قىستاقلارنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇش ۋە يوق قىلىش سىياسەتلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەردى.

گۇلباھار جېلىلۇۋا خانىم سۆزىدە يەنە ئۆزى بىلەن تۈرمىدە ياتقان نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ھەر خىل ئېغىر قىيىن – قىستاقلارغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ تۈرمىدىن چىقىشتىن ئىلگىرى گۇلباھار خانىمغا، سىز خىتاي پۇقراسى بولمىغاچقا سىزنى قويۇپ بېرىدۇ، سىز چىقىپ كەتكەندە، بىزنىڭ مۇشۇنداق ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىمىزنى پۈتكۈل دۇنياغا، ئىسلام دۇنياسىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئاڭلىتىڭ، بۇ گېپىمىز سىزگە ئامانەت دېگەنلىكىنى ئىپادىلىدى ۋە دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئەلى قاراداغىغا خىتاپ قىلىپ تۇرۇپ مەن بۈگۈن سىلەرگە ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركسىتاندا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان شۇ ئاياللارنىڭ ئامانەت سۆزىنى يەتكۈزدىم، دېدى.

كېيىن ئاۋۇستىرالىيەدىن كەلگەن دىنى ئالىم ئابدۇسالام ئالىم سۆز قىلىپ ، خىتاينىڭ جازا لاگىرى ۋە خىتاينىڭ زۇلۇمىنى ئاڭلاتتى. شىجىن پىڭنى زۇلۇم قىلىشتا تارىختا مىسىردا ئۆتكەن پىرئەۋنگە ئوخشاتتى ۋە ”شى جىنپىڭ 21 – ئەسىردىكى پىرئەۋن“، دېدى ، ئۇ يەنە قۇرئان كەرىمدە، پىرئەۋننىڭ زالىمقى توغرىسىدا توختالغان ئايەتلەردىكى  بەنى ئىسرائىل دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا شەرقىي تۈركىستان خەلقى دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ ئوقۇلسا، ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىس ۋەكىلى مەخمۇتجان داموللام سۆز قىلىپ، ئەرەب – ئىسلام دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ تەنقىد قىلدى ۋە ئىسلام دۇنياسىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا ئىگە چىقىشقا چاقرىق قىلدى.

ئابدۇسالام ئالىم سۆزىدە ”خىتاينىڭ قايتا تەربىيلەش مەركىزى“ دېگەن سۆزلىرىنىڭ ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى ، تۈرمىدىن پەرقى يوق جازا لاگىرىلىرىدا 5 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى بىلدۈردى . ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئۈچ سىڭلىسى قاتارلىق پۈتكۈل ئۇرۇق تۇققانلىرىدىن 2017 – يىلدىن بۇيان قانداق ئەھۋالدا ئىكەنلىكى توغرسىدىا ھېچ قانداق خەۋەر ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە سۈكۈتتە تۇرىۋاتقان  ئىسلام دۇنياسىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا ئىگە چىقىشقا چاقرىق قىلدى.

دۇنيا مۇسۇلمانلار ئالىملار بىرلىكى باش كاتىپى دوكتۇر ئەلى ئەلقارداغى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي، دىنى،ۋە سىياسىى ھەق ھوقۇقلىرىنىڭ قايتۇرۇپ بىرلىشىنى تەلەپ قىلىپ مۇنداق دېدى: ”شەرقىي تۈركسىتاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ مەسىلىسى، ھەم ئىنسانپەرۋەرلىك جەھەتتىن، ھەم دىنى جەھەتتىن ھەم قېرىنداشلىق جەھەتتىن بىزنىڭ مەسىلىمىزدۇر. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىنسانىي، دىنى، ۋە سىياسىي ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ قايتۇرۇپ بىرلىشىنى تەلەپ قىلىشى ئەڭ ئادالەتلىك ھەققىدۇر، بۇ توغرىدا بىز سىلەرنى قولايمىز. ئەگەر سىلەر مۇشۇ نوقتىلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ھەرىكەت قىلساڭلار،  سىلەرنىڭ تەرەپدارلىرىڭلاردىن بولغان، تۈركىيە، مالايسىيە، قاتار قاتارلىق  خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىۋاتقان باشقا دۆلەتلەرمۇ سىلەرنىڭ ھەق – ھوقوقلىرىڭلارنى قوغداش توغرىسىدا خىتاي بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشتا مۇشۇ نوقتا كۈچلۈك ئاساس بولىدۇ.

ئۇ يەنە، پۈتكۈل مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ مەسىلىلىرى بىزنىڭ مەسىلىمىز بولغانغا ئوخشاش ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسىمۇ بىزنىڭ مەسىلىمىزدۇر. بىز سىلەردىن سىلەر بىزدىن ھېسابلىنىسىلەر، بىز 2000 – يىلدىن 2010 –يىللىرى ئارىسىدا دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى تەرىپىدىن ب د ت غا ھەيئەت ئەۋەتتۇق ۋە  ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا دوكىلات سۇندۇق. 2014 – يىلى يەنە بۇ مەسىلە توغرىسىدا دوكىلات تەييارلىدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە 2018 – يىلىدىن بۇيان يەنە خىتاينىڭ قىلمىشلىرى ۋە شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا دوكىلات تەييارلىدۇق، بىز يەنە  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىغا ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارغا مەكتۇپ ئەۋەتتۇق. بىراق بۇ ئىنتايىن چوڭ بىر مەسىلە، بىزگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىنى ۋە خىتاينىڭ زۇلۇمىنى سەل قاراشقا،  ئونتۇشقا سەۋەب بولىدىغان بىر ئامىل يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن خاتىرجەم بولۇڭلار، بىزگە بولغان ئىشەنچىڭلارنى يوقاتماڭلار، بىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۆپلەپ ئۇچرىشىمىز، يىغىنلارنى ئورۇنلاشتۇرىمىز، مۇنازىرە ۋە مۇزاكىلەر ئېلىپ بارىمىز، بىز پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى مۇسۇلمانلار سىلەرنىڭ يېنىڭلار بولىمىز، دېدى.

يىغىن ئاخىرىدا سۆز قىلغۇچىلار يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا ئەتراپلىق جاۋاپ بەردى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا يىغىندا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىس ۋەكىلى مەخمۇتجان داموللام بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. مەخمۇتجان داموللام، بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشىتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان، دىنى، تىلى، مەدەنىيىتىگە ھۇجۇم قىلىش،  باستۇرۇش، خىتايلاشتۇرۇش ۋە يوق قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل سىياستىنى ئىسلام دۇنياسىدا كەڭ – كۆلەملىك تارقىتىش، تەشۋىق قىلىش ۋە پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا ھەرىكەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان تاش

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close