خەۋەرلەر

قارامايدىكى لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن پولات ئىبراھىمنىڭ 10 كۈندىن كېيىن جان ئۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

ھازىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان مۇنەۋۋەر خانىم يولدىشى پولات ئىبراھىمنىڭ قارامايدىكى لاگېردىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ چىقىلىپ 20 كۈن داۋالىتىلغانلىقى، ئاخىرىدا ئۆيىگە قويۇپ بېرىلىپ، 10 كۈندىن كېيىن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇنەۋۋەر خانىم يەنە ئائىلىسىدىن 3 ئىنىسى ۋە 2 سىڭلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرمۇنچە تۇغقانلىرىنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئەسلى قاراماي شەھىرىدىن بولغان مۇنەۋۋەر ئابلىمىت خانىم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچى ئىكەنلىكىنى، دادىسى ئابلىمىت ھاجىم بىلەن ئانىسى ئايىمنىسا خانىمنىڭ ئىلگىرى ھەج پەرزنى ئادا قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۈندە بەش ۋاق ناماز ئوقۇغاندىن باشقا ھېچقانداق گۇناھى يوقلۇقىنى، بىراق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئائىلىسى «دىنىي ئائىلە» دەپ ئانىسىدىن باشقا پۈتكۈل ئائىلە ئەزالىرىنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇنەۋۋەر خانىمنىڭ بىر قىز، بىر ئوغۇل ئىككى پەرزەنتى بولۇپ، ئۇ پەرزەنتلىرىنى تۈركىيەدە ئوقۇتۇش ئۈچۈن 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىستانبۇلغا كېلىپ ئورۇنلاشقان ئىكەن. مۇنەۋۋەر خانىم بالىلىرىنى ئىستانبۇلدا مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ ئىككى ئايدىن كېيىن قارامايغا قايتىپ كەتكەن. ئۇ قارامايغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن ساقچىلار تەرىپىدىن بىر قانچە قېتىم سوراققا تارتىلغان. ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولۇپ، ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىۋېلىشقا باشلىغاندا مۇنەۋۋەر خانىم 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى تۈركىيەگە قايتا كېلىۋالغان.

مۇنەۋۋەر خانىم ئىستانبۇلغا كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ يولدىشى پولات ئىبراھىم قارامايدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. ئۇنىڭ يولدىشى لاگېردىكى قىيىن-قىستاق تۈپەيلى يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ چىقىلغان ۋە بىر مەزگىل داۋالىتىلغاندىن كېيىن ئۆيىگە قويۇپ بېرىلگەن. ھالبۇكى، ئۆيىگە قايتىپ چىقىپ 10 كۈن بولغاندا، يەنى 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى تۇيۇقسىز جان ئۈزگەن.

مۇنەۋۋەر خانىم يولدىشىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئىنىسىنىڭ شۇ كۈنى يوللىغان ئاۋازلىق ئۇچۇردىن خەۋەر تاپقانلىقىنى، كېيىن ئىستانبۇلغا كەلگەن يېقىن تونۇشلىرىدىن بۇ ئەھۋاللارنى سوراپ بىلگەنلىكىنى ۋە مىيىتىنى يۇيۇۋاتقاندا تارتىلغان رەسىملەرنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلدى. مۇنەۋۋەر خانىم يەنە ھايات قالغان باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇنەۋۋەر خانىم سىڭلىسى سەنەۋەر ئابلىمىتنىڭ قاراماي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى، بىراق ھازىر يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىنىسى ئەنۋەر ئابلىمىتقا 8 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ تۈرمىگە قامالغانلىقىنى، يەنە بىر ئىنىسى ئابلاجان ئابلىمىتنىڭ لاگېردا ئىككى پۇتى مېيىپ بولۇپ ماڭالماس بولۇپ قالغاندىن كېيىن ئۆيىگە قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئاشكارا قىلدى. ئۇ يەنە بىر ئىنىسى مۇخبىل ئابلىمىت ۋە يولدىشى پولات ئىبراھىمنىڭ ئاچىسى رەيھان ئىبراھىم قاتارلىق ئائىلە جەمەتىنىڭ تۇتۇلۇپ كېتىلگەنلىكىنى، ھازىر ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مۇنەۋۋەر ئابلىمىت خانىم ئۆزىنىڭ ئىككى بالىسىنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىپ مەكتەپتە ئوقۇتۇشتىن باشقا ھېچقانداق گۇناھى يوقلۇقىنى، خىتاينىڭ سىياسىتىگە قارشى ھېچقانداق بىر پائالىيەتكە قاتناشمىغانلىقىنى، شۇنداق بولسىمۇ پۈتۈن ئائىلىسىدىن ئاكا-ئىنىلىرى، ئاچا-سىڭىللىرىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تۇتۇلۇپ كېتىشىگە ئۆزىنىڭ چەتئەلگە چىققانلىقى سەۋەب بولدى دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مۇنەۋۋەر ئابلىمىت خانىم ئاخىرىدا دۇنيا جامائىتىگە خىتاب قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق پۈتكۈل دېموكراتىك دۆلەتلەر ھەمدە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان تاش

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close