خەۋەرلەر

ئۇيغۇر ھەيئىتى مالايسىيانىڭ بىر قانچە ئورۇندا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىسلام دۇنياسىغا كەڭ تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە يېقىندا «شەرقىي تۈركىستان دىپلوماتىيەسى ھەرىكىتى» ناملىق بىر مەركەز قۇرۇلغان ئىدى.

بۇ مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە تەشۋىقات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇلۋارىس خوتەنى ۋە ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركسىتان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى ئەپەندىلەردىن تەركىب تاپقان ئىككى كىشىلىك ھەيئەت 20-يانۋار كۈنى مالايسىيادا زىيارەتتە بولدى. ئۇلار مالايسىيانىڭ بىر قىسىم دۆلەت ئەربابلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرەلەر ئېلىپ باردى. ھەيئەت يەنە مالايسىيادىكى يەرلىك ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەخسۇس يىغىنلارغا قاتنىشىپ، مالايسىيا خەلقىگە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى تونۇشتۇردى.

دوكتور ئابدۇلۋارىس خوتەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار زىيارەت جەريانىدا مالايسىيادىكى پېرلىس ۋىلايىتىنىڭ باش مۇپتىسى پروفېسسور، دوكتور ئەسىر زەينۇلئابىدىن ۋە مالايسىيانىڭ تاراتقۇ-ئاخبارات مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇندىن باشقا ئۇلار يەنە مالايسىيانىڭ بىر قانچە شەھەرلىرىگە بېرىپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مەركەزلىرىدە، مەسچىتلەردە، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىلىق دوكلات بەرگەن. ھەيئەت يەنە مالايسىيانىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە باشقا بىر قانچە يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان.

ئۇچرىشىشتا پروفېسسور زەينۇلئابىدىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ پېرلىس ۋىلايىتىدىكى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكتور ئابدۇلۋارىس خوتەنى بۇ قېتىملىق زىيارىتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنىڭ مالايسىيا خەلقىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئاڭلىتىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مالايسىيا خەلقى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش، ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش، خەلق دىپلوماتىيەسى ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى مالايسىيا خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان مۇسىبەتلەرگە ھەسسىدارلىق قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار زىيارەت جەريانىدا ھەر ساھەدىكى كىشىلەرگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مالايسىيانىڭ ھۆكۈمەت ئەربابلىرى ۋە باشقا مۇھىم شەخسلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشلاردا ئۇلارنى خىتايدىن ئاگاھ بولۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ئىكەن.

نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى سۆزىدە يەنە بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مەيلى مالايسىيا خەلقى ئارىسىدا بولسۇن ياكى مالايسىيا ئاخبارات ساھەسىدە بولسۇن كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن مالايسىيادىكى بىر قىسىم ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەتكە قىلىشقا ۋەدىلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دوكتور ئابدۇلۋارىس خوتەنى بۇ قېتىملىق زىيارىتى جەريانىدا مالايسىيانىڭ كۇئالا-لامپور، كېلانتان، تىرانگانۇ قاتارلىق 7 شەھىرىدە ھەر ساھەدىكى خەلق ئاممىسىغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتقانلىقىنى، مالايسىيادىكى ھۆكۈمەت ئەربابلىرىغا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بىر قانچە تۈرلۈك تەلەپلەرنى سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەيئەت 26-يانۋار ئەتىگەن مالايسىيادىكى ئىسلام پارتىيەسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان تىرانگانۇ ئىشتاتىنى زىيارەت قىلغان. ھەيئەتنى تىرانگانۇ ئىشتاتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئىسلام پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەت نۇرھەمزە ۋە ئىشتاتلىق مەھكىمە شەرئىينىڭ مەسلىھەتچىسى، ئىشتاتلىق ئىستراتېگىيە-تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ مۇھىم كىشىلەر كۈتۈۋالغان.

ھەيئەت يەنە مالايسىيانىڭ مەخسۇس دىنىي قانىلى بولغان «ھىجرەت» قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان.

ئابدۇلۋارىس خوتەنى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە 10 كۈنلۈك ۋاقىتنى پىلانلاپ بارغان بولسىمۇ، بىراق مالايسىيادىكى بەزى تەشكىلاتلار ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مالايسىيانىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ئاڭلىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن زىيارەت پىلانىنى يەنە بىر قانچە كۈن ئۇزارتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان تاش

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close