باش بەت

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار مۇنبىرى ھەيئىتى ئەنقەرە بىلەن بۇرسا شەھىرىدە مۇھىم ئۇچرىشىشلار ئېلىپ باردى

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىمۇ كۆپەيمەكتە. بۇلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار مۇنبىرى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى 6 كىشىلىك ھەيئەت ئەنقەرەدە مۇھىم ئۇچرىشىشلار ئېلىپ باردى. ئۇلار 21-ئۆكتەبىر كۈنى ئالدى بىلەن تۈركىيە پارلامېنتىدا ھۆكۈمەتنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى پروفېسسور كامىل ئايدىن ئەپەندى بىلەن پارتىيە مەركىزىدىكى ئىشخانىسىدا كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى بايان قىلىنغان يازما دوكلات سۇندى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلار مۇنبىرى رەئىسى ھىدايەت ئوغۇزخان ئەپەندى، كامىل ئايدىن ئەپەندىنىڭ ھەيئەتنى قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىنى، قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى دېگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار مۇنبىرىگە ئەزا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت تۈركىيە پرېزىدېنت مەھكىمىسى تارمىقىدىكى چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇللا ئەرەن ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. ئابدۇللا ئەرەن ئەپەندىنىڭ ئىشخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا ئۇنىڭغا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار دۇچار بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ بېرىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ تەلىم-تەربىيە، ئانا تىل ئۆگىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ياردەم بېرىشى توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى ئابدۇلۋارىس خوتەن ئەپەندى ئۇچرىشىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە تۈركىي مىللەتلەردىن تۈركىيەگە ئوقۇغۇچى ئەكېلىپ ئوقۇتۇۋاتقان ئىدارە بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە تۇرۇۋاتقان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بەرمەكتە. مەزكۇر ئىدارە ھازىر 350 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسىغا ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىپ ئوقۇتماقتا. ئابدۇلۋارىس خوتەن ئەپەندى داۋاملىق ئەنقەرەگە كېلىپ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىدارە جەمئىيەتلەرنى زىيارەت قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىتىپ تۇرۇشنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شەرقىي تۈركىستان سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئىلىم-مەرىپەت ۋەخپە ھازىر 150 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەرمەكتە. ئۇلار ھەر ئاي ئوخشىمايدىغان شەھەر ۋىلايەتلەرگە بېرىپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈپ ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى ۋە تەلەپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ ئۇلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە تىرىشماقتا. ھىدايەت ئوغۇزخان ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت 20-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بۇرسادىكى ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغاندىن سىرت، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان. ھىدايەت ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

بۇرسا ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى ئابدۇقادىر ئابدۇكېرىم بۇ زىيارەتنىڭ بۇرسادىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پايدىلىق بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار مۇنبىرىگە ئەزا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان 10 كىشىلىك ھەيئەت بۇ ئاينىڭ بېشىدا قاھرامانماراشتىكى سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى، كونيادىكى سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە كاستومۇنىدىكى كاستومونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، مەكتەپ رەھبەرلىرى بىلەنمۇ ئۇچراشقانىدى.

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار مۇنبىرى ھەيئىتى تۈركىيە پرېزىدېنت مەھكىمىسى تارمىقىدىكى چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇللا ئەرەن ئەپەندى(ئوتتۇرىدا) بىلەن. 2019-يىلى 21-ئۆكتەبىر.
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار مۇنبىرى ھەيئىتى تۈركىيە پارلامېنتىدا مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى پروفېسسور كامىل ئايدىن ئەپەندى(سولدىن ئۈچىنچى) بىلەن. 2019-يىلى 21-ئۆكتەبىر.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئەركىن تارىم

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

بۇنىمۇ تەكشۈرۈڭ
Close
Back to top button