ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەركىتى تەشكىلاتى 2019 – يىللق خىزمەت دوكىلاتى يىغىنى ئۆتكۈزدى
مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ 2019 – يىللىق خىزمەت – پائالىيەتلىرىدىن دوكىلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئىدارە ھەيئىتى ۋە ئەزالىرى بولۇپ ئوغۇل – قىز 100 دىن ئارتۇق ياشلار قاتناشتى.
يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش، ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. يىغىندا ئالدى بىلەن
شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئابدۇسالام تەكلىماكان ئېچىلىش سۆزى قىلىپ بۇ قېتىمقى يىغىلىشنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.
دوكتۇر ئابدۇسالام تەكىلىماكان شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تەشكىلات بىر قانچە بۆلۈم بويىچە خىزمەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تەشۋىقات ۋە ئىجتىمائى ئالاقە بۆلۈملىرى ، ئۇيغۇرلارنى مەسىلىسىنى تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسىغا تونۇشتۇرۇش، تەشكىلات ۋە پارتىيەلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىش، چەتئەللىكلەرگە يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا لېكىسيە بېرىش خىزمىتى ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.
كېيىن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى شۇنداقلا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، ۋە ياشلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىد – ئارزۇلىرىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار ياشلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كەلگۈسى ئىز باسارلىرى ۋە ئۈمىد نۇرلىرى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، ئۇيغۇر ياشلارنىڭ بەك كۆپ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بۇنىڭ بىرسى ئۆگىنىش يەنى ئۆزىنى يېتىشتۇرۇش بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىنى يەرلىك خەلقلەرگە ئاڭلىتىش ۋە خەلقئارا سەھنىدە ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىپ داۋا ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
يىغىندا يەنە ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئابدۇراخمان جامال ئەپەندى سۆز قىلىپ ياشلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە شەرقىي تۈركسىتان ئازادلىق ئىدىلوگىيسىىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا توختالدى.
ئۇيغۇرلاردىن ھال سوراش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىش مەقسىتىدە كانادادىن ئىستانبۇلغا كەلگەن كانادا ئىنسانپەرلىك ياردەم تەشكىلاتى Human Concern International نامدىكى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇرراخمان ھۆسەيىن ۋە ھەسەن ئەلبادى قاتارلىق كىشىلەرمۇ بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆز قىلدى. ئۇيغۇرلارنى ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھەسەن ئەلبادى ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھازىر دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى، كانادادىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، نۇرغۇنلىغان مەشھۇر شەخسلەر بۇ توغرىدا سۆزلەۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش، قوللاش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشقانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىندا شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرىدىن ئابدۇللاھ ئارمان سۆزگە چىقىپ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئىككى يىل جەرىيانىدا قولغا كەلگەن نەتىجىلەر ۋە ئۇچرىغان توسالغۇلارنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئابدۇللاھنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى ئەزالىرىنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ ھەر خىل خىزمەت ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇ جەمئىيەت قۇرۇلغان ئىككى يىلدىن بۇيان تەشكىلاتنى تەرتىپلەش، كەسپىلەشتۈرۈش ۋە جەمئىيەت ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ خۇسۇسىي ۋە ئىجتىمائي جەھەتتىكى ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ۋە قابلىيىتىنىڭ يۈكلىسىشى ئۈچۈن تەربىيە خاراكتىرلىق پائالىيەت ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن ئېچىش، نامايىش ئۇيۇشتۇرۇش، تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىش، تۈركلەر ئاچقان بەزى يىغىنلارغا قاتنىشىپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا لېكىسيە بېرىش دېگەندەك پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغان.
بۇ جەمئىيەت 2019 – يىلى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈرك خەلقىگە ئاڭلتىش مەقسىتىدە 70 تىن ئارتۇق يىغىن، مۇراسىم ۋە نامايىش قاتارلىق ھەر خىل پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگەللىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى، ئىستانبۇلنىڭ ئوخشىمىغان ئۇنىۋېرىستىتلاردا ئوقۇۋاتقان ياكى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ياشلاردىن تەركىپ تاپقان بىر گۇرۇپپا ياشلار تەرىپىدىن 2017 – يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان ۋە ئىستانبۇل ۋالىيلىكى تەرىپىدىن 2017 رەسمى ئەنگە ئېلىنىپ تەستىقلانغان تەشكىلات بولۇپ ئۇ جەمئىيەتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى دوكتۇرا ئوقۇغۇچى ئابدۇسالام تەكلىماكان ئۈتەپ كەلمەكتە ئىكەن.
مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى- ئارسلان تاش