
مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا 5- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 23 – يىلى خاتىرە كۈنىدە ئىستانبۇلدا ”شەرقىي تۈركىستان شېھىتلەر كېچىسى“ يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ يىغىنغا ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، شەرقىي تۈركسىتان ۋەخپى قاتارلىق ئونلارچە تەشكىلاتنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر – ئايال بولۇپ 1000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. يىغىندا شەرقىىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى شۇنداقلا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئېچىلىش سۆزى قىلدى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە، شېھىتلىرىنى ياد ئېتىش بىلەن بىرگە ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتىدىن دەرس ئېلىش ئۈچۈن بۇ يىغىلىشتا جەم بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، 23 – يىل بۇرۇن غولجىدا قەھرىتان سوغۇقتا بايراق ، تۇپراق ۋە ۋەتەن ئۈچۈن جانلىرىنى پىدا قىلغان قەھرىمان شېھىتلەرگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى، مىننەتدارلىق بىلدۈردىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزغان سۆزىدە يەنە “ بىزگە كۆك بايراقنى ئەزىزلەشنى ئۆگەتكەن، بايراق ۋە توپراقنى ۋەتەنگە ئايلاندۇرىدىغان ، دۆلەتكە ئايلاندۇرىدىغان، بىزنىڭ شەرەپ ۋە ئىززەت – ئابرويىمىزنىڭ قەددىنى كۆتۈرىدىغان، ئىززەت – ئابرويىمىز بىلەن ياشايدىغان ئېتىبارلىق بىر مىللەت ، بىر مۇسۇلمان بىر خەلق بولالايدىغان ۋاسىتە ئەنە شۇ شېھىتلىرىمىزدۇر، ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىمىز، مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز ۋە ئۇلارغا دوئا قىلىمىز سالام يوللايمىز ”، دېدى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بۇ ۋەتەن ئۈچۈن تا بۈگۈنگىچە ھاياتىنى تەقدىم قىلغان، ئۆزىنى قۇربان قىلىش ئارقىلىق دەۋانىڭ ئۆچمەس مەشئېلىنى قېنى بىلەن ياندۇرۇپ كەتكەن شېھىتلەرگە سالام يوللايدىغانلىقىنى، روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كېيىن غۇلجا ۋەقەسىگە ئالاقىدار ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى بىر – بىرلەپ سەھنىگە چىقىپ قىسقىچە سۆز قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ھەر خىل مەزمۇندا شېئىر دېكىلىماتسىيە قىلدى، ناخشا ئورۇنلىدى ، نەسىر ئوقۇدى.
پائالىيەتنىڭ داۋامىدا يىغىندا ئاساسىي سۆز قىلغۇچىلار سەھنىگە چىقىپ ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن تېمىلار بويىچە سۆز قىلدى.
يىغىندا غۇلجا ۋەقەسىگە بىۋاسىتە شاھىت بولغان دىنى ئۆلىما قاسىمجان داموللام سەھنىگە چىقىپ غولجا ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ۋە جەرىيانلىرى توغرىسىدا توختالدى.
ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى دىنى ئۆلىما ئاتاۋۇللاھ خەلىپىتىم ، ”ئىسلامدا شېھىتلىكنىڭ پەزىلىتى“ دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
كېيىن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يىغىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ ئۇيغۇر تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسۇر جالال ئەرباي ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەرىپىدىن ”شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن شەخس“ دەپ ئالتۇن مېدال كۆك بايراق تەقدىم قىلىندى.
پروفېسسۇر جالال ئەرباي ئەپەندى كۆك بايراقنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن سۆز قىلىپ، “ مەن بۇ بايراقنى تۈرك بايرىقى بىلەن يان يانغا كۆك ئاسماندا لەپىلىدىتىش ئۈچۈن ئالدىم“، دېدى.
كېيىن جامائەت ئەربابىي ئابدۇلقادىر ياپچان، غۇلجا ۋەقەسىدىن بۈگۈنگىچە شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ئەھۋالى دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
جامائەت ئەربابىي ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان نەچچە قېتىم دۆلەت قۇرغانلىقى، سۇتۇق بۇغراخان دەۋرىدىن باشلاپ ئىجتىمائىي، سىياسى ئىددىيەگە ئىگە بولغاچقا دۈشمەنگە يېڭىلمەي كەلگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
ئۇ يەنە يېقىن تارىختا ئۇيغۇرلارنىڭ، تۆمۈر خەلىپەم، خۇجانىياز ھاجىم، ئابدۇلقادىر داموللام، سابىت داموللام، مەمىتىئىمىن بۇغرا، ئوسمان باتۇر، ئەخمەتجان قاسىمى ، دەلىلقان قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ يېتەكچىلىىكىدە كۆرەش قىلىش ئارقىلىق ئىككى قېتىم مۇستەقىل دۆلەت قۇرغانلىقىنى، بىراق ئۇ دۆلەتنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۆرەش قىلىش يولىدا ، يۇقىرىدا ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنغان شەخسلەرنى ئۈلگە ئېلىش كېرەكلىكىنى چۈنكى ئۇلارئۆزلىرىنىڭ ياشلىق ھاياتىنى، بارلىقىنى كۈرەش يولىغا بېغىشلاش ئارقىلىق شېھىت بولۇش ئارقىلىق خىتاي بىلەن بولغان كۈرەشنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى بەرپە قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
يىغىن جەرىيانىدا ھەر بىر سۆز قىلغۇچىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ھەر خىل مەزمۇندا شېئىر دېكىلىماتسىيە قىلدى، ناخشا ئورۇنلىدى ، نەسىر ئوقۇدى.
مۇھسىن تەمكىنى، ”چۈنكى ئۇ شېھىت“ دېگەن تېمىدا ، ئىمران سادائى ”پۈتمىگەن شېئىر“ دېگەن تېمىدا ئۆزى يازغان شېئىرىنى دېكىلىماتسىيە قىلىپ يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.
قاسىمجان ۋە شۈكراننىڭ ئورۇنلىشىدا ۋەتىنىم گۈزەل دېگەن تېمىدىكى ناخشا تەقدىم قىلىندى.
ئاخىرىدا ئۆمەر قارىھاجىمنىڭ دۇئا قىلىشى بىلەن شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىندى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن تىلەكلەر تىلىدى.
مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان تاش