خەۋەرلەر

ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقنىڭ سۆز ئەركىنلىك تەلىپىگە قۇلاق سېلىشقا چاقىردى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋېكتورىيە نۇلاند، دۈشەنبە كۈنى گۇاڭجۇدا بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ «جەنۇب ھەپتىلىك خەۋەرلەر» گېزىتى رېداكسىيىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، مەزكۇر گېزىتنى قوللىغانلىقى ۋە ئاخبارات كونتروللۇقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىگە ئىنكاس قايتۇردى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېكتورىيە نۇلاند، خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقنىڭ سۆز ئەركىنلىك تەلىپىگە قۇلاق سېلىشقا چاقىردى. «جەنۇب ھەپتىلىك خەۋەرلەر» گېزىتى يېڭى يىل كۈنى باش ماقالە تەييارلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسى قانۇنغا رىئايە قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

بىراق گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى باش ماقالىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى توسۇپ قويغان. ئۇنىڭ ئورنىغا پارتىيىگە مەدھىيە ئوقۇلغان بىر ماقالە ئېلان قىلغان. بۇ ۋەقە گېزىتخانىدىكى بەزى مۇھەررىر ۋە مۇخبىرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپلا قالماي، بەزى لىبېرال خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان. دۈشەنبە كۈنى بىر تۈركۈم كىشىلەر «جەنۇب ھەپتىلىك خەۋەرلەر» گېزىتى رېداكسىيىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، گېزىتنى قوللايدىغانلىقى، تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقى تو جېنىنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

ۋېكتورىيە نۇلاند مۇخبىرلارغا ئەسكەرتىپ، بىز ئۇزۇندىن بۇيان جۇڭگولۇق مۇخبىرلارنىڭ ۋە جۇڭگودىكى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوغداپ كەلگەنىدۇق. بىز خىتايدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە چەكلىمە قويۇش ئۇنىڭ ئىقتىساد، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ماس زامانىۋى ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، دەپ قارايمىز. ھالبۇكى، قىزىقارلىق تەرىپى ھازىر خىتايلارنىڭ ئۆزى سۆز ئەركىنلىكى تەلەپ قىلىپ، كۈچلۈك پىكىر بىلدۈرمەكتە. بىز ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا قۇلاق سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دەپ كۆرسەتتى.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close