ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىشى“ يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

9-فېۋرال يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىكى سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچرىشىشى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ پائالىيەتكە ئىستانبۇلنىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇۋاتقان 150 تەك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قاتناشتى. مەزكۇر پائالىيەت ئىستانبۇلدىكى ساباھىددىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.
مەزكۇر پائالىيەت ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئاندىن «شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى» ئوقۇلدى. بۇ پائالىيەت جەريانىدا دىنىي ئالىم ئاتاۋۇللا خەلپىتىم «دىن ۋە ۋەتەن» دېگەن تېمىدا، تارىخ پەنلىرى دوكتورانتى ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم دۆلەت «تەشكىللىنىشنىڭ ئەھمىيىتى» دېگەن تېمىدا، تەتقىقاتچى ئابدۇراخمان جامال «ئىدېئوگىيەنىڭ ئەھمىيىتى» دېگەن تېمىدا، ئىسلام ئىقتىسادىي كەسپىنىڭ ئاسپىرانتى ئابدۇلئەزىز مەخسۇم «ئۆگىنىش تېخنىكىلىرى» دېگەن تېمىدا، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ ماگىستىرى مۇھەممەد ئاتاۋۇللاھ «خىتاينىڭ يېڭى دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىياسىتى ۋە دۇنياۋى رىقابەت ئىستراتېگىيەسى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە بەردى.
بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىنىڭ تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى مەسئۇلى ئۆمەر قارىھاجىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئۆمەر قارىھاجىم بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەتلەر توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ ئىستانبۇلنىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا دىنىي ۋە باشقا ساھەلەردە يېتىشكەن ئۇستازلار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ ياراملىق ئىزباسارلىرىدىن بولۇشى، كەلگۈسىدە ياراملىق ئەۋلادلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشنى مەقسەت قىلىپ، بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىندا سۆز قىلغان دوكتور ئابدۇرېھىم دۆلەت تەشكىللىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى ۋە نۆۋەتتە چەتئەللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ قىلالايدىغان ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى تەشۋىقات-ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى بىتچىت قىلىش ئىمكانىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىندا سۆز قىلغان دىنىي ئالىم ئاتاۋۇللاھ خەلپىتىم ئىسلام دىنىنىڭ ۋەتەن ئۇقۇمىغا قانداق قارايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى مۇھەممەد ئاتاۋۇللاھ خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىياسىتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ دوكلاتىدا خىتاينىڭ 2010-يىلىدىن باشلاپ ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن تەھدىت ھېس قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ خىتايغا بولغان تەسەۋۋۇرىنىڭ خاتا چىققانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن خىتاي ئۆزىنىڭ دۆلەت سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆز خەلقىنى بېسىم ۋە كۈچ بىلەن باشقۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىندا سۆز قىلغۇچىلار يىغىن ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا ئەتراپلىق جاۋاب بەردى.
مۇھەممەد ئاتاۋۇللا ئەپەندى خىتاينىڭ «يېڭى يىپەك يولى» پىلانى توغرىسىدا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى. ئۇ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىنىڭ خىتاينىڭ يىپەك يولى ئىستراتېگىيەسىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقى، بۇ يولنىڭ بىخەتەرلىكى خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغاچقا خىتاي 2014-يىلىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بولغان سىياسىتىنى قايتىدىن تەڭشىگەنلىكىنى، بېيجىڭدا بىر قانچە قېتىم مەخپىي ھالدا «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» ئاچقانلىقىنى، ئۇيغۇر دىيارىدا كۆرۈلگەن مۇقىمسىزلىقنى خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ بېكىتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئاخىرىدا سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى تەرىپىدىن يىغىندا سۆز قىلغۇچىلارغا تەشەككۈر بىلدۈرۈپ، خاتىرە بۇيۇم تەقدىم قىلىندى.
مەنبەسى: ئەركىن ئاسيا رادىئوسى – ئارسلان تاش