باش بەت

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان: مىللىي مەنپەئەتىمىز ئاساسىدا ئورتاق دەۋايىمىزنى ياخشى ئېلىپ بېرىشتا تەشكىلاتلار ۋە رەھبەرلەر مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ئىنتايىن مۇھىم

ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى يىغىنىنىڭ 12 – نۆۋەتلىكى ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ بۇ يىغىننىڭ تەييارلىقى ئۈچۈن ئىستانبۇلدا كېڭەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. كېڭەش يىغىنىدا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، “  : مىللىي مەنپەئەتىمىز ئاساسىدا ئورتاق دەۋايىمىزنى ياخشى ئېلىپ بېرىشتا تەشكىلاتلار ۋە رەھبەرلەر ئۆز – ئارا مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ئىنتايىن مۇھىم، دېدى.

كېڭەش يىغىنغا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئەزالىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم قاتارلىق بىر قانچە زىيالىيلار ۋە دىنى ئۆلىمالارمۇ قاتناشتى.

 بۇ يىغىندا 12- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى قانداق شەكىلدە،  قاچان، قەيەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ. قايسى مەسىلىلەرئۈسىتىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ، يىغىندا كىملەر سۆز قىلىشقا تەكىلىپ قىلىنىدۇ ۋە قايسى تېمىلاردا ئىلمىي ماقالە تەقدىم قىلىدۇ دېگەندەك تۈرلەر بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

يىغىندا ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، ئۆتكەن يىلىدىكى قېرىنداشلىق يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان تېمىلار توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان: “ ئۆتكەنكى يىللاردا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى يىغىنى بىلەن، دەۋا ئۈچۈن  ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان شەخس ۋە  تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى كۆرىۋاتىمىز، ھەم ئەمەلىي ساھەدىمۇ داۋانى تەرەققىي قىلدۈرۇش، ئىلگىرى سۈرۈش نوتقىسىدا ھەمكارلىقنىڭ جىددى كۈچىيىىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز“ دېدى. 

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ خىل يىغىن ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇھىملىقىنى، بۇ يىغىننىڭ تەشكىلاتلار ئارا ۋە رەھبەرلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچىيىشى، دەۋانى تەرەققى قىلدۇرۇش جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى  ۋە ”مۇجادىلىمىزنىڭ قاتتىق مۇرەككەپلىشىپ كېتىشى بىلەن بىرگە ئۆز – ئارا قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتنى سۆز بىلەن ئەمەس ئەمەلىي ساھەدە تەشكىلاتلار – تەشكىلاتلار بىلەن، رەھبەر – رەھبەرلەر بىلەن ، ئاكادېمىكلەر، ئۆلىمالار ۋە زىيالىيلار ھەممىمىز بىرلىكتە ئورتاق كۈچ چىقىرىپ بىرلىكتە قەدەم ئېلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم“، دېدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ،  بۇ يىغىن ئاساسلىقى دەۋا يېتەكچىلىرى ۋە تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش،  ئۆز – ئارا مۇناسىۋەتنى كۈچلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھىدايەتۇللاھ  ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ قېتىمقى يىغىندا ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە ھەر قايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 3- نۆۋەتلىك ”شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى“ نامدا يىغىن ئۆتكۈزىلىدىكەن.

 ئابدۇلقادىر ياپچان: ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە زېمىن مەسىلىسىدۇر

يىغىندا سۆز قىلغان جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندى، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئاساسلىقى زېمىن مەسىلىسى مەۋجۇت، شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغان خىتاي شەرقىي تۈركسىتان زېمىنىنى ئەبەدىيلىك ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل قەبىھ ۋاسىتىلەر بىلەن  يوق قىلىشقا ئورنىۋاتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي بىلەن بولغان كۈرەشنىڭ ئىشغالىيەتكە قارشى زېمىن كۈرىشى ئىكەنلىكىنى بىكىتىۋېلىشىمىز كېرەك، دېدى.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان تاش

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button