ئۇيغۇر ھەيئىتى ئاق پارتىيەنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى باشچىلىقىدىكى 7 كىشىدىن تەركىب تاپقان ئۇيغۇر ھەيئىتى تۈركىيەدىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە-ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەپەندى، پارتىيەنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جەۋدەت يىلماز ئەپەندىلەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچراشتى. كۆرۈشۈشتە ئۇيغۇر ھەيئىتى ئۇلارغا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئۆزلىرى تەييارلىغان دوكلات بىلەن تۈركىيە ۋە بەزى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرى بايان قىلىنغان يازمىنى تەقدىم قىلدى.
دوكلاتتا نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدا ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا يىغىۋېلىشى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، «قوشماق تۇغقان» نامىدا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ئۈسۈپ كىرىشى، بولۇپمۇ تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىنكى ئېغىر ۋەزىيەت ھەمدە يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىن ياش قىز-ئوغۇللارنى ۋىرۇس تارقالغان رايونلارغا «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار بايان قىلىنغان.
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەپەندى «خەلقنىڭ ئاۋازى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، يەنى 2009-يىلى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن ئىدى. كېيىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىگە ئەزا بولۇپ، باش مىنىستىر مۇئاۋىنى ۋە مىنىستىر بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدىمۇ ئىزچىل ھالدا تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىغان ئىدى. بۈگۈنكى ئۇچرىشىشتىمۇ ئۇ ئۇيغۇر ھەيئەتنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ، قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئارقىدىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى جەۋدەت يىلماز ئەپەندى ئۇيغۇر ھەيئەتنى پارتىيە مەركىزىدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭغىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان دوكلات سۇنۇلغاندىن سىرت بەزى كونكرېت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئاق پارتىيە رەھبەرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىگە بەكلا ئېچىنىدىغانلىقىنى، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشلاردا ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقىنى، لېكىن خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دېيىلىۋاتقانلارنى ئىزچىل ھالدا ئىنكار قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بىلەن د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەكرەم باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىكروفونىمىزنى ئۇلارغا ئۇزاتتۇق.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى ئاق پارتىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشتا پارتىيە رەھبەرلىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىدىن سىرت، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلدى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى يەنە بۇ ئۇچرىشىشنىڭ بۇرۇنقى ئۇچرىشىشلارغا ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەردى.
تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تۈركىيەدىكى ھەر قايسى پارتىيەلەرگە، دۆلەت رەھبەرلىرىگە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ۋە تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئىزچىل ھالدا ئاڭلىتىپ كەلمەكتە. ئۇنداقتا، بۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىدا ئەمەلىي ئۈنۈمى بولۇۋاتامدۇ؟ ھەيئەتتىن ئورۇن ئالغان د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتىكى كۆز-قارىشىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
شەرقىي تۈركىستان كارخانىچىلار ۋە تىجارەتچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىزامىدىن تەمكىنى ئەپەندى بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ۋەتەننىڭ ۋەزىيىتى كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان بىر پەيتتە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى 2002-يىلى سايلام ئارقىلىق تۈركىيەدە ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن بولۇپ، 2015-يىلغىچە ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن ئىدى. بۇ پارتىيە 2015-يىلىدىن تارتىپ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۇرۇنۇشىدا بولغاچقا، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆپ ھاللاردا ھاللاردا سۈكۈت قىلىپ كەلمەكتە.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئەنقەرەدىكى مۇخبىرى ئەركىن تارىم خەۋىرى