جەمئىيەت رەئىسىمىز ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە ئالاقىدار خەلقىمىزگە يازغان يۈرەك سۆزلىرى

ئەسسالام ئەلەيكۇم ئەزىز ۋە مۇھتەرەم قېرىنداشلىرىم!. خىتاي ۋىرۇسى پۈتكۈل دۇنيادا ۋە تۈركىيەدە ئىنسانلارنىڭ كۈندۈلۈك ھاياتى ۋە خىزمەت – پائالىيەتلىرىنى تەسىرگە ئۇچرىىپ كۈندىن كۈنگە جىددى تەھدىت پەيدا قىلىۋاتىدۇ. ئاللاھ سىلىنى ، ئائىلىرىنى، خەلقىمىزنى ۋە ئۈممەتنى ئۇ ۋابادىن قوغدىغاي، (ئامىن). ئۈمىتسىزلىككە تەسلىم بولماي بۇ ۋابادىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە تەدبىر – چارىلەرنى ئېلىپ، ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىمىزنى كۈچلەندۈرەيلى، ئىنشائاللاھ بۇ كۈنلەرمۇ ئاچچىق بىر خاتىرە بولۇپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئىجتىمائى مۇناسىۋەت ۋە ئۇچرىشىشنىڭ توختىشىغا ئەگىشىپ دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق رىشتىمىزمۇ ئاجىزلىشىپ قالمىسۇن، تېلېفۇن، ئىنتىرنېت ئارقىلىق بولسىمۇ ھال ئەھۋال سورىشىپ، سۆھبەتلىشىپ تۇرايلى.
مەسىلىنىڭ داۋا قىسمىغا كەلسەك ئەلبەتتە بوشاشماي تېرىشچانلىقىمىزنى داۋام قىلىمىز، مېدىيا، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە باشقا مۇمكىن بولغان ۋاسىتىلەرنىمۇ ئەڭ ياخشى شەكىلدە قوللىنىپ داۋاغا ھەسسە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۇ ۋەزىيەتتە تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىردىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار يېقىندىن كېڭىشىپ ھەمكارلىشىپ سىياسىي ھەرىكەت ئىستىراتىيگىسى تۈزەپ داۋانى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولايلى، ئەلۋەتتە ھەممەيلەن خۇسۇسىي جەھەتتىن قولىمىزدىن كېلىشىچە تېرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.
ئۆز ئارا قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇقىمىزنى، بىرلىك – باراۋەرلىكىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتەيلى. ئۆز ئارا قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇقىمىزنى، بىرلىك – باراۋەرلىكىمىزنى زېدىلەيدىغان گەپ – سۆزلەردىن ساقلىنىشىمىز. بۇ ھەقتە پىتنە – پاساتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى توسۇپ قېلىشىمىز. خەلقىمىز بىلەن تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇشقا سەۋەب بولىدىغان ۋە كۆڭلىمىزنى رەنجىتىدىغان، ئۈمىدسىزلىككە ئۈندەيدىغان گەپ – سۆزلەردىن ساقلىنايلى ۋە ئەتراپىمىزدا بۇ خىل ئىللەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ھەم يول قويماسلىقىمىز لازىم.
خىتاي ۋىرۇسنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خەۋپتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆيدە قېلىش، سىرتقا چىقماسلىق تەۋسىيە ۋە بۇيرۇقلار تەكىتلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن سىرتقا چىقىشقا چەكلىمە قويۇش ئېھتىمالى كۆرۈلىۋاتىدۇ. بۇ جەرىيان داۋام قىلغان ئەھۋال ئاستىدا، مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش ئىھتىياجلىرىدا قېيىنچىلىقلار كۆپىيىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس. بۇ توغرىدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىكى بارلىق تەشكىلات رەھبەرلىرى، ئۆلىمالىرىمىز ۋە زىيالىلىرىمىز بىلەن بۇ قېيىنچىلىقلارنى يەڭگىللىتىلىشى ئۇچۇن بىرلىكتە جىددى ھەرىكەت گورۇپپىسى تەشكىللىدى. ئاللاھ بۇ خىزمەتتە مەقسەتكە يېتىشكە مۇۋاپىقىيەت قىلسۇن.
ئاخىرىدا سەمىمىيەت بىلەن ھەر قايسىلىرىغا شۇنى دىمەكچىمەنكى مەن ئۆزەم ۋە سەپداش ئۇستازلىرىمىز خۇشاللىقتا ۋە قايغۇدا خەلقىمىز بىلەن ھەر زامان بىر سەپتە تۇرىمىز. قازىنىمىزدىكى تاماقنى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ھەمبەھىر بولۇشقا تەشنا ئىكەنلىكىمىزنى بىلىپ قېلىشىڭلارنى سەمىمىيلىك بىلەن ئىزھار قىلىمەن، قېرىنداشلار ئارا دوستلۇقنى كۈچەيتەيلى ماددى – مەنىۋىي جەھەتتە ھەمكارلىشايلى!
ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ يار ۋە ياردەمچىسى بولغاي.
ئالىي ئېھتىرام بىلەن قېرىندىشىڭلا ھىدايەتۇللاھ ئۇغۇزخان
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى
