خىتاينىڭ يۇقۇم خەتىرىگە قارىماي ئۇيغۇرلارنى خىتاي زاۋۇتلىرىغا يۆتكىشى دىققەت قوزغىدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى نامىدا، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكادىكى كارخانىلار ئۇيۇشمىلىرىنى، خەلقئارالىق چوڭ كارخانىلارنىمۇ بىئارام قىلىپ، بۇ ئورگانلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشكە باشلىغان. ھەر ساھە ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى چەكلەش قانۇن لايىھىسى» نى ماقۇللاش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» گە سېلىنىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان بىر پەيتتە ئەكسىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان ۋىرۇس يۇقۇم تەھدىتىگىمۇ قارىماي ئۇيغۇر ياشلىرىنى، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى سۈپىتىدە تۈركۈملەپ ئۆز يۇرتىدىن باشقا يۇرتلاردىكى زاۋۇت-كارخانىلار ۋە خىتاي ئىچىدىكى كارخانىلارغا يۆتكەۋاتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئاشكارا ئېلان قىلىندى.
4-مارت، خوڭكوڭ خەۋەر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلەپ خەۋەر تارقىتىشىچە، دائىرىلەر رايوننىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستتىن 2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 60 مىڭدىن ئارتۇق يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىش ئورنىغا قايتىپ كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان. 2-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، جياڭسۇ، خۇنەن، گۇئاڭشى، شەندۇڭ، ئەنخۇي ۋە باشقا ئۆلكىلەر ۋە شەھەرلەرگە جەمئىي 149 ئادەم يۆتكەلدى، دېيىلگەن. خەۋەرگە قارىغاندا بۇلار توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنى ئاساس قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان.
بۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ بەزى ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئوخشاش فورما كىيدۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كورلا، خوتەن، ئاقسۇ، يەكەن قاتارلىق جايلاردىكى پويىز ۋە ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدىن تۈركۈم-تۈركۈملەپ يولغا چىققان كۆرۈنۈشلىرى ئاشكارىلاندى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇ ۋىدىيو كۆرۈنۈشلەرگە ئاساسەن، بۇ ياشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاساسەن ئون نەچچە ياشتىن 30 ياش ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ھەمدە يۆتكىلىش كۆلىمىنىڭ ئالاھىدە زور ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. قىسمەن ۋىدېيولارغا يۇگوسلاۋىيەنىڭ «كۆۋرۈك» دېگەن كىنو-فىلىمدىكى «دوستلار خەير خوش» ناملىق ناخشا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئىنكاسلىرىدا بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىي ھالدا، خۇددى يۇرتىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىۋاتقانلىقىدەك ئەندىشىلىك كەيپىياتىنى ئىپادە قىلىشقانلىقىنى مۇلاھىزە قىلغان.
رادىيومىزمۇ ئوخشىمىغان مەنبەلەردىن بۇ خىلدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بېكەتلەردىن تۈركۈملەپ ئايرىلغانلىقىغا دائىر 30 دىن ئارتۇق ۋىدېيو كۆرۈنۈشىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. بەزىلەرنىڭ ئەۋەتكەن ئۇچۇرلىرىدا ئۇيغۇر دىياردىن يېڭى يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان ھەر ناھىيەدىن بەش مىڭدىن ياشنىڭ تىزىملاپ ئېلىپ مېڭىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.
ئەپسۇسكى، بۇ قىسقا سىن كۆرۈنۈشلىرىدە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، نېمە سەۋەبتىن، قايسى شەھەر ياكى زاۋۇتقا ئېلىپ مېڭىلغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار بېرىلمىگەن بولغاچقا، بۇنىڭغا دائىر يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشكە مەسئۇل تارماقلىرى بىردەك تېلېفونلىرىمىزغا جاۋاب بەرمىدى. مەلۇم بىر ۋىدېيودىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھىرىگە يېتىپ كەلگەنلىكىدەك يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، شەندۇڭ ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت باش ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ سۈرۈشتە قىلدۇق.
تېلېفوننى ئالغا خادىم «شىنجاڭدىن شەندۇڭغا كەلگەن ئىشچىلار ئىشقا چۈشۈپ بولدى» دېگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ قايسى جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغىنىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتىپ، جىنەن شەھەرلىك تارماقلاردىن سورىشىمىزنى بىلدۈردى.
جىنەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئەمگەك مۇلازىمەت ئىشخانىسىدىن تېلېفوننى ئالغان خادىم ئۆزىنىڭ بۇ ئىشقا مەسئۇل ئەمەسلىكىنى، تەپسىلىي ئەھۋاللاردىن مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن باشقا جاۋاب بەرمىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇللۇق ئەمگىكىگە سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە 11-مارت كۈنى دۆلەت مەجلىسىدە مەخسۇس گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن بىرنەچچە يىل مابەينىدە ئىككى مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ بولغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى، تاجسىمان ۋىرۇسى تارقالغاندىن بۇيان ئۇنىڭ لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالىغا ناھايىتى زور بىر قاباھەت سۈپىتىدە سايە تاشلاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرىنى: «سېپى ئۆزىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتۇر،» دەپ كۆرسەتكەنىدى.
خەلقئارا مەتبۇئات خەۋەرلىرىدە خىتايدىكى پاختا زاپىسىنىڭ 80 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇر دىيارىدا بارلىق توقۇمىچىلىق ئەمگىكى مۇشۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىدىغانلىقى كۆپ قېتىم تەكىتلەندى. بۇ خەۋەرلەردە يەنە ئامېرىكا بازارلىرىدىكى كۆپلىگەن ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بەدىلىگە بارلىققا كېلىۋاتقانلىقى، شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىشى لازىملىقى تەكىتلەندى.
بىز، 24-مارت كۈنى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئورگىنىنىڭ خەلقئارا سودا مۇتەخەسسىسى دوكتور ۋىرگىنىيە ۋاك بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.
ئۇ، ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ مال تەمىنات زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە يول قويمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىغا خەلقئارا جامائەتنىڭ زور دىققەت-ئېتىبار بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا قەيت قىلىنغان دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە 83 خىل ماركىدا ئىشلىنىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ دەل مۇشۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىۋاتقانلىقىنى مىسال ئېلىپ، بۇ مەسىلىدە نۆۋەتتە ئامېرا تارماقلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدىكى تەكشۈرۈشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز ئۇنىڭدىن يېقىنقى مەزگىللەردە بۇ ھەقتىكى بەزى ۋىدىيولارغا ئوخشاش يىپ ئۇچلىرىنىڭ ئىسپاتلىق قىممىتى بار يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ جاۋابەن ئۆز ئورگىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تارمىقىدىكى بىر قانچە تارماقلارنىڭ بۇ خىل ۋىدىيولاردىنمۇ خەۋىرى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە بۇلار مەلۇم جەھەتتىن پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئورگان نۇقتىلىق ھالدا قانداق ماللارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىدىغانلىقىنى بېكىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشنى چەكلەش بولغاچقا، تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ يالغۇز بۇ خىل ئۇچۇرلار بىلەنلا كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاخىردا يەنە ئۇ مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ھەمكارلىقىدا خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىغا قانداق خاتىمە بېرىشنىڭ يولىنى داۋاملىق ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ مەسىلە نوقۇل شىركەتلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ھەل بولمايدىكەن. ھۆكۈمەت ۋە ھەر بىر شەخس ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى زۆرۈر. گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس ئاندىرىيان زېنىز بۇ خىل پىكىرنى تەكىتلىگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى.
ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ جەنۇبتىن باشقا شەھەرلەرگە ۋە ياكى سانائەت رايونلىرى ھەمدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى كارخانىلارغا تۈركۈملەپ يۆتكىلىش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ يۆتكىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ۋىدېيولار بىر قەدەر چەكلىك ئۇچۇرلار بولسىمۇ، بىراق بۇلاردىن ئۇيغۇرلارنى ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە يۆتكەشنىڭ ھازىرقىدەك ۋاقىتتىمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ بىر ھۆكۈمەت سىياسىتى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇنى ھەتتا خىتاي ئۆزىنىڭ مەتبۇئاتلىرىدىنمۇ كۆرۈۋېلىش مۇمكىن» دېدى.
ئادرىيان زېنز يەنە خىتاينىڭ يۇقۇم يۇقىرى خەتەر باسقۇچىدىمۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا يۆتكەشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇم ۋاقتىدا ئۇيغۇر دوختۇرلارنىمۇ ئۇ يەرگە يۆتكىگەنلىكىمۇ بۇ سىياسەتنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ. بۇ خىل ئۇچۇرلارنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ مۇلاھىزە قىلىش ياكى خەۋەر قىلىشتا بىر ھالقا كەمدەك كۆرۈنىدۇ، مېنىڭچە بۇلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى يۇقىرى تېخنىكىلىق تولۇق كۆزىتىلىدىغان ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ بولغاندىن كېيىنكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇرلارنى قەدەممۇ-قەدەم مۇشۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىغا يۆتكەش سىياسەتلىرىنى ئوخشىمىغان شەكىللەردە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، شەھەردىن كەنتلەرگىچە، زاۋۇت ئورۇنلىرىغىچە كىشىلەرنىڭ نازارەت ئاستىدا ياشاپ، نازارەت ئاستىدا ئەمگەك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»
ئامېرىكادىكى «مىراس فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئولىۋىيا ئېنوسنىڭ 23-مارت كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدىمۇ مۇشۇ خىل ئانالىز ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. ئۇ نۆۋەتتە 80 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى لاگېرلاردىن قويۇپ بېرىلگەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەنىدى.
مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – گۈلچېرە خەۋىرى
