باياناتلارخەۋەرلەر

خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ خىتاينى سوتقا تارتىش كېرەك

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەسمى تور بېتىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى، خىتاي دائىرلىرى ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇشقا چاقرىق قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېديىلگەن: دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ دىنى، دىلى، ئىرقى نېمە بولۇشتىن قەتئىنەزەر ئىنسانىي نوقتىدىن بىر مەسئۇلىيىتى ۋە ئىنساندەك ياشاش شەرت ۋە ئۆلچەملىرى بولىدۇ. ئەمما بۇ شەرت – ئۆلچەم ۋە مەسئۇلىيەتلەرنى قايسى مىللەتلەر قايسى دۆلەتلەر ئادا قىلىۋاتىدۇ قايسى مىللەت ۋە دۆلەتلەر خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ دېگەندە، ئەلۋەتتە كۆپىنچە ئىنسانلارنىڭ ئەقلىگە تۈنجى بولۇپ خىلاپلىق قىلىۋاتقان خىتايلار كېلىدۇ. چۈنكى بۈگۈنكى كۈندە خىتايلار چەكلەنگەن ۋەھشىي ياۋايى ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىنى يىيىش ئارقىلىق  ئىنساندەك ياشاش ئۆلچەملىرىگە رىئايە قىلمىدى ۋە كورونا ۋىرۇسىنى دۇنياغا تارقاتتى. ئىنسانىي مەسئۇلىيەتچانلىققا خىلاپلىق قىلدى. خىتاي دائىرلىرى بۇ ۋىرۇسنىڭ خەتىرىنى يوشۇرۇپ دۇنيا جامائىتىدىن يوشۇردى ۋە ۋاختىدا بىلدۈرمىگەنلىكى سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يوقۇملىنىشىغا ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلىشىگە سەۋەبچى بولدى. بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادا ۋىرۇس تارقىتىش ئارقلىق ئىنسانىيەت ئۈچۈن چوڭ خەۋپ پەيدا قىلدى. ئىنسانلارنىڭ ھاياتى بىلەن ئويناشتى.  ۋە نۇرغۇنلىغان ئىنسانلارنىڭ كېسەل بولۇشىغا ۋە ئۆلىشىگە سەۋەب بولۇشتەك جىنايەت سادىر قىلدى. خىتاي بۇنىڭ ھېسابىنى بېرىشى كېرەك. بەدىلىنى ئۆتەش كېرەك، خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ خىتاينى سوتقا تارتىش كېرەك ۋە دۇنيا جامائىتى ئالدىدا جازاغا تارتىلىشى كېرەك.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close