باياناتلارخەۋەرلەر

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى دۇنياغا جاكارلىغان بارىن شەھىدلىرىنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى دۇنياغا جاكارلىغان بارىن شەھىدلىرىنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز

5 – ئاپرىل كۈنى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ۋە ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈندۈر. بۇنىڭدىن 30 يىل مۇقەددەم 5 – ئاپرىل كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقتۇ ناھىيىسىگە قاراشلىق بارىن يېزىسىدا زەيدىن يۈسۈپ باشچلىقىدا يۈزلەرچە ياشلار قۇراللىق تەشكىللىنىپ خىتاي ئىشغالىيىتىگە ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى تۇرۇپ قۇراللىق ھەرىكەت قىلدى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي ئىشغالىيىتىنى ۋە باستۇرۇشلىرىنى ھېچ قاچان قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى پۈتكۈل دۇنياغا جاكارلىدى. بارىن يېزىسىدا خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى ياڭرىغان ئوق ئاۋازى پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستاننى زىل زىلگە سالدى. خەلق ئويغاندى، ئۈمىدلەندى. يۈرەكلىرى جاسارەتكە تولدى.  دۈشمەنگە بولغان غەزەپ – نەپرەت كۈچەيدى. خەلقنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ئىرادىسى خەلقنى كۈرەشكە ئاتلىنىشقا چىللىدى. گەرچە بارىن قەھرىمانلىرى دۈشمەندىن قۇرال ۋە ئەسكىرى جەھەتتە ئاجىز بولسىمۇ مەنىۋىي جەھەتتىكى كۈچلۈك روھ ۋە قەلبىدىكى كۈچلۈك ئىمان ئۇلارنى دۈشمەندىن ئۈستىن قىلدى. دۈشمەنگە شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ ئىشغالىيەتنى ھېچ قاچان قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ۋە مىللىي مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى تونۇتۇپ قويدى. شۇ كۈندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشلەر داۋام قىلىپ كەلدى. بۇنىڭدىن ساراسمىگە چۈشكەن دۈشمەن چېكىدىن ئېشىپ تېخىمۇ ۋەھشىيلەشتى ۋە خەلق ئۈستىدىن تېخىمۇ ئېغىر زۇلۇم قىلىشقا باشلىدى، بىراق قەھرىمان خەلقىمىز دۈشمەنگە باش ئەگمەي قارشى تۈرۈپ ئازادلىق كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. دۇنيادا ئۆزىنى كۈچلۈك چاغلاۋاتقان دۈشمەن  قارشىلىق ھەرىكەتلەرگە چىدىيالماي  قاتتىق ساراسىمگە چۈشتى . ئاخىرى دۈشمەن شەرقىي تۈركسىتان خەلقنى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە قاماشتەك رەزىل چارە – تەدىبرلەرنى قوللاندى. نەچچە مىليون بىگۇناھ خەلقىمىز دۈشمەننىڭ جازا لاگىرلىرىدا ۋە تۈرمىلىرىدە ناھەق يېتىۋاتىدۇ. شۇ بىر ھەقىقەتكى، خىتاي نەچچە مىليون خەلقىمىزنى تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىلەرگە قامىغان بولسىمۇ خەلقنىڭ يۈرەكلىرىدىكى مىللىي مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى يوق قىلالمايدۇ. قەبىھ ۋەھشىيلىكلەرنى قوللىنىپ ئېغىر زۇلۇملارنى سېلىۋاتقان بولسىمۇ  ، خەلقىمىزنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى يوق قىلالمايدۇ ۋە خەلقىمىزنى يوق قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل  مەقسىتىگە ھەرگىزمۇ يېتەلمەيدۇ. بارىندا ياڭرىغان ھۆرلۈك سادالىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتكۈل ئاسمانلىرىدا ھەر دائىم ياڭراۋاتىدۇ. بۇ سادالار بىر كۈنى چوقۇم دۈشمەننى  بىتچىت قىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئازادللىقنى قولغا ئېلىپ مۇستەقىل ھۆر دۆلىتىنىڭ بايرىقىنى لەپىلدىتىپ دۇنيادىكى دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغان كۈنلەر كېلىدۇ.بۇ بىر خىيال ئەمەس ھەقىقەت، بىزنىڭ بۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىمىز كامىل.

بارىن قەھرىمانلىرى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، ئەنئەنۋىي ئۆرۈپ – ئادەتلىرى، ئۆز تىلى، دىنى ئېتىقادى بىلەن ئەركىن ياشاش، ئىجتىمائىي ۋە  سىياسىي جەھەتلەردە ھېچ بىر چەكلىمە ۋە توسالغۇلارغا ئۇچرىماستىن ئىنسانىي ھەق – ھوقۇقلىرى بىلەن ھۆر، مۇستەقىللىققا ئىگە بىر مۇھىت بەرپا قىلىش يولىدا جانلىرىنى پىدا قىلىپ شەھىد بولدى.  شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىنى ھېچ قاچان قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ۋە  مىللىي مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى دۇنياغا جاكارلىغان قەھرىمان بارىن شەھىدلىرىنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز. ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز. جانابىي ئاللاھ، بارىن شەھىدلىرى ۋە شۇنداقلا ۋەتەن خەلقىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن جانلىرىنى پىدا قىلغان پۈتكۈل قەھرىمان شەھىدلىرىمىزنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي. ئامىن.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close