باياناتلارخەۋەرلەر

ۋىرۇس كىرزىسى ياردەم مەركىزى چاقرىقى

ئەسسالام ئەلەيكۇم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەزىز شەرقى تۈركىستانلىق قېرىنداشلار!
چەتئەللەردىكى پۈتۈن شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورتاق قوللىشى بىلەن ”ۋىرۇس كىرزىسى ياردەم مەركىزى“ قۇرۇلۇپ، ياردەم توپلاش سەپەرۋەرلىك مۇراجىئاتى ئېلان قىلغان ئىدۇق. ئاللاھغا شۈكۈر چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ۋە كەڭ جامائەتچىلىكىمىزنىڭ پىداكارلىق كۆسىتىشى بىلەن مەلۇم مىقداردا ياردەم توپلاندى ۋە خەيرسۆيەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بەس-بەستە قىلىۋاتقان ياردىمى داۋاملاشماقتا.
ئەندى مىللىتىمىزگە يەنە بىر قېتىم مۇارجىئەت قىلىمىزكى – بىز بۇ ياردەملەرنى ”يۇرت، ساھە، كەسپ، جىنس، فىكىر-چۈشەنچە، دوسلۇق، ئۇرۇق-تۇققانلىق قاتارلىقلارغا قارىماستىن، شەرقى تۈركىستانلىق بولۇشتەك ئۈستكىملىكنى ئاساس قىلىپ ھەقىقى ئېھتىياج ئىگىلىرىگە يەتكۈىمىز“ دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدۇق. بۇ ۋەدىمىزگە ئاساسەن ياردەم تارقىتىشقا باشلايمىز.
ئەزىز قېرىنداشلار! بۇ يىغىلغان ياردەم دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى خەيرسۆيەر قېرىنداشلىرىمىزدىن توپلىنىۋاتىدۇ. نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجى بولسىمۇ، مەندىن بەكراق ئېھتىياجلىق قېرىنداشلىرىمىز بارغۇ دەپ، بىزگە ئامانىتىنى تاپشۇردى. شۇڭا بۇ ياردەمنى تەلەپ قىلىدىغان قېرىنداشلىرىمىزدىن ھەقىقى ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغان ھالەتتە- يەنى ئوقۇغۇچى بولۇپ يېتەرلىك ئوقۇش ياردىمى ئالالمىغان، ئىشچى بولۇپ ۋىرۇس سەۋەپلىك ئىشسىز قالغان، ھۈنەرۋەن-كاسىپ بولۇپ ئىش يېرى تاقىلىپ قېلىپ تۇرمۇشىنى قامدىيالمىغان، ئىگە-جاقىسىز يىتىم بالىلار، تۇل ئاياللار، باققۇچىسى يوق ياشانغانلار، كېسەل بولۇپ داۋالىنالمىغانلار بولۇپ ھېچقانداق يەردىن ياردەم ئالالمىغانلارنىڭ تۆۋەندە ئىسمى يېزىلغان قېرىنداشلىرىمىزغا تېلفۇن قىلىپ ئۆزىنى تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلىمىز.
ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد
0090 532 3937637
ئالىمجان بۇغدا
0090 533 7347338
نىزامىدىن تەمكىنى
0090 539 8566666
مۇھەممەت ئەلى
0090 535 2345806
تىبەت يۈجەتۈرك
0090 5368724530
نىمەتۇللا قارىم
0090 5355996393
مىنەۋەر ئۆزئۇيغۇر
0090 5375797863

ۋىرۇس كىرزىسى ياردەم مەركىزى
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close