خەۋەرلەر

17 – ئاپرىل تۈركىيەدىكى كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى

كورونا ۋىرۇسى پۈتكۈل دۇنيادا ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى ۋە خىزمەت-پائالىيەتلىرىنى قاتتىق تەسىرگە ئۇچرىتىپ كۈندىن كۈنگە جىددىي تەھدىت پەيدا قىلماقتا. تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرىددىن كوجائوغلىنىڭ 16-ئاپرېل كەچتە ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىدا بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيەدە 24 سائەت ئىچىدە دوختۇرخانىلاردا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە 4353 كىشى كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان، 126 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيەدە جەمئىي 78546 كىشى كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 1769 گە يەتكەن. كېسەل بولغانلاردىن 8631 كىشى ساقايغان. تۈركىيەدە ئىلگىرى كورونا ۋىرۇسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تارقىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 65 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر ۋە 20 ياشتىن تۆۋەن ياشلارنىڭ كوچىغا چىقىشىغا چەكلىمە قويۇلغان ئىدى. ھازىر پۈتكۈل كىشىلەر سىرتقا چىقماي ئۆيدە ئولتۇرۇشقا چاقىرىق قىلىنماقتا.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button