خەۋەرلەر

تۈرك ئادۋۇكات خىتاي ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇندى

تۈركىيەدە يەنە بىر قانچە ئادۋۇكاتلار خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن  ئايرىم ئايرىم ھالدا خىتاي ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان بولۇپ بۇلاردىن بىرسى ئانتالىيەدە ياشايدىغان ئادۋۇكات مەھمەت ئالى باشئاسلان. ئۇ كورۇنا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن خىتاي ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى.

ئادۋۇكات مەھمەت ئالى باشئاسلان كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن شىركىتىنى تاقاشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، ماددى ۋە مەنىۋىي زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: ”خىتايدا ۋىرۇسنىڭ تارقاپ كېتىشىگە مۇناسىۋەتلىك سەل قاراش مەۋجۇت. خىتاينىڭ خۇبىي ئۆلكسىنىڭ ۋۇخەن شەھرىدە ئوتتۇرىغا چىققان كورونا ۋىرۇسى تارقالغاندىن كېيىن مەيلى دۆلىتىمىز بولسۇن مەيلى مەن ئۆزەم ۋە ئائىلەم ماددى ۋە مەنىۋىي قىيىنچىلىققا دۈچ كەلدى ۋە زىيانغا ئۇچرىدى شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇلدى“.

ئىزمىرلىق ئادۋۇكات تارجان ئۈلۈك ئەپەندى ۋە ئايالى ئايلا ئۈلۈك خانىممۇ كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن خىتاي ئۈستىدىن ئەنقەرە سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئادۋۇكات تارجان ئۈلۈك ئەپەندى، باشقا كىشىلەرنىڭمۇ كۆپلەپ ئەرز قىلىشقا چاقرىق قىلدى  ۋە كورۇنا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولغان ۋە خاتالىق ئۆتكۈزگەن خىتاي دۆلىتىنىڭ تۈركىيەدىكى 83 مىليون نوپۇسى ئۈچۈن بەدەل پۇلى تۈلەش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close