خەۋەرلەر

كورۇنا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن خىتاي تەنقىدكە ئۇچرىدى ۋە كەچۈرۈم سوراشقا چاقىرىلدى

كورۇنا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن خىتاي تەنقىدكە ئۇچرىدى ۋە كەچۈرۈم سوراشقا چاقىرىلدى

پروفېسسۇر مەھمەت چېلىنگىر : خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسىدىن دۇنيانى ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرمىغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى ۋە كەچۈرۈم سوراشقا چاقىردى

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ پۈتكۈل دۇنياغا تارقالغان كورۇنا يۇقۇملۇق ۋىرۇسىنىڭ ئىنسانلارنى قانداق تەسىرگە ئۇچرىتىدىغانلىقى توغرىسىدا تۈركىيە ئا خابەر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ”ئارقا پىلان“ نەخ مەيدان پروگراممىسىغا قاتناشقان كوچ ئۇنىۋېرىستىتى پروفېسسۇرى مەھمەت چېلىنگىرئوغلى ئەپەندى، كورونا ۋىرۇسى توغرىسىدا مۇھىم نوقتىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە خىتاينىڭ بۇ ۋىرۇس توغرىسىدا دۇنياغا ۋاقتىدا خەۋەر بەرمەستىن يوشۇرغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. پروفېسسۇر مەھمەت چېلىنگىر : نومۇس قىلمايدىغان خىتاي ۋىرۇسنى دۇنيادىن يوشۇردى.

مەھمەت چېلىنگىرئوغلۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىمۇ قاتتىق تەنقىد قىلدى ۋە ”. مېنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ نېمە جىنايىتى بار؟ “  دەپ سوئال قويدى.

تۈركىيە ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قانىلىدىن بىرى بولغان ئاخابەر تېلېۋىزيەسىنىڭ نەخ مەيدان مۇنازىرە پروگراممىغا قاتناشقان پروفېسسۇر مەھمەت چېلىنگىر ئەپەندى،  خىتاينى كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئىنسانلاردىن كەچۈرۈم سوراشقا چاقرىق قىلىپ مۇنداق دېدى:  ئەي نۇمۇسسىز خىتاي! ،سەن قانداق بىر دۆلەت!، ئوتتۇرىغا چىق!، ئىنسانىيەتتىن كەچۈرۈم سورا!، سەن ئىنسانىيەتكە ئۇرۇش ئاچتىڭ. سىلەر ئىنسانلارنى قۇل ئورنىدا ئىشىلتىسىلەر. مېنىڭ ئۇيغۇر تۈركى قېرىنداشلىرىمنىڭ نېمە جىنايىتى بار؟ ئۇ يەردە مۇسۇلمانلار جامئىگە كىرەلمەيدۇ، خىرىستىيانلار چىركاۋغا بېرىپ دۇئا قىلالمايدۇ، مۇشۇنداقمۇ دۆلەت بولامدۇ؟  بىراز ئىنساندەك ياشاشنى ئۆگىنىڭلار. ئەي خىتاي مېنىڭ باللىرىم سېنىڭ سەۋەبىڭدىن  سىرتقا چىقالمايۋاتىدۇ، ئىنسانلار ئۆيىگە سۇلىنىپ قالدى،  سىرتقا چىقالماي بالكونلىرىدا ئولتۇرىۋاتىدۇ. خىتايلار مۇشۇنداق پەيتتىمۇ ياۋايى ھايۋان بازىرىنى ئېچىپتۇ، ئەي خىتاي سىلەر قانداق بىر دۆلەت. ئىنسانلارغا ئۇۋال ئەمەسمۇ؟

پروفېسسۇر مەھمەت چېلىنگىر ئەپەندى خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسىدىن دۇنيانى ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرمىغانلىقىنى ئەيبلىدى ۋە مۇنداق دېدى: تۈركىيە، ئامېرىكا، ئىتالىيە، ئىسپانىيە كەچ قالغان بولسىمۇ چېگىرالىرىنى تاقىغان ۋاقىتتا نېمە ئۈچۈن خىتاي  ئەڭ باشتا چىگىرالىرىنى تاقىمىدى؟ نېمە ئۈچۈن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتاي بېرىپ بۇ ۋىرۇس توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا نېمە ئۈچۈن روخسەت بەرمىدى؟ نېمە ئۈچۈن بۇ ۋىرۇسنى تەكشۈرۈپ تەتقىقا قىلىشقا روخسەت قىلمىدى. نېمە ئۈچۈن بۇ ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە رۇخسەت بەرمىدى؟ خىتاي دېگەن ئۆز پۇقرالىرىنى بىر دوللار ئۈچۈن قول ئورنىدا ئىشتىلدىغان دۆلەت. ھەتتا كامېرا بىلەن كۈزىتىپ تۇرۇپ ھاجەتخانىغا بارغانلارنىڭ قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى كۈزىتىپ تەكشۈرەيدۇ، بۇنداق كوممۇنىست بىر دۆلەت. ئۇ يەردە كىشىلىك ھوقۇق يوق، ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىملىرى، تىبەت، تەيۋەن ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىملار… خىتاي ئۇرۇشقاق بىر دۆلەت مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيبلەيمەن. خىتاي بۈگۈنكى بۇ ئەھۋالدا تېلېۋىزىيەگە چىقىپ پۈتكۈل ئىنسانلاردىن كەچۈرۈم سورىشى كېرەك.  ھازىر ئىنسانلار  پىسخولوگىيە جەھەتتىن كەيپىياتى بۇزۇلۇشتىن سىرت يەنە ئىقتىسادى جەھەتتىنمۇ قىيىنچىلىققا ئۇچىرىماقتا. خىتاي تېلېۋىزىيە ئىكرانىغا چىقىپ، ”بىزدىن چىققان ۋىرۇس سەۋەبىدىن شۇنچە ئىنسانلارنىڭ جېنىغا زامىن بولدۇق. كەچۈرۈم سورايمىز“ دېيىشى كېرەك.

پروفېسسۇر مەھمەت چېلىنگىر ئوغلۇنىڭ بايانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسقا سىنئالغۇ ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىتىلدى ۋە  ئۇيغۇرلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇيغۇر ژۇرنالىست مىركامل قەشقەرلى ئۆزىنىڭ فېسبوك سەھىپىسىدە مەزكۇر سىنئالغۇنى ھەمبەرلەشتى ۋە ”ئىمپىريالىست خىتايغا كېرەكلىك دەرس بەرگەن يولۋاس يۈرەك پروفېسسۇر مەھمەت چېلىنگىرئوغلۇدىن ئاللاھ رازى بولسۇن، بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار سىزگە يۈرەكتىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز“ دەپ يازدى.

140 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشقا ۋە ئىككى مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ يوقۇملىنىشىغا سەۋەب بولغان كورونا ۋىرۇسىدىن دۇنيانى ۋاقىتدا ئاگاھلاندۇرمىغان خىتاي ئەيبلەندى ۋە جاۋاپكارلىققا تارتىلىش توغرىسىدا باياناتلار ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ.

ئىنگىلىز دەيلى مېيىل گېزىتىنىڭ بىرلەشمە ئاخبارات (AP)  دىن نەقىل قىلىپ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ يۇقۇملۇق ۋىرۇسنى بىلىپ تۇرۇپ ئالتە كۈن دۇنيا جامائىتىدىن يوشۇرۇن تۇتقانلىقى بۇ ئەسنادا نەچچە مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بېيجىڭدىكى ئەمەلدارلىرى 14 يانۋاردىن باشلاپ چوڭ بىر يوقۇملۇق كېسەللىككە دۈچ كەلگەنلىكىنى قارارلاشتۇرغان بىراق خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ ۋىرۇس ھەققىدە خەلققە 20 – يانۋار مەلۇمات بەرگەن. ۋىرۇس تارقىلىپ 6 كۈندىن كېيىن ئاشكارىلغان بىراق بۇ ئەسنادا نەچچە مىڭلىغان كىشى ۋىرۇس بىلەن يوقۇملىنىپ بولغان.

كالفورنىيە ئۇنىۋېرىسىتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسۇر مەھمەت چېلىنگىر ئوغلى، كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىپ كېتىشتە دۇنيا ساغلىق تەشكىلاتىنىڭ جاۋاپكارلىقى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئەڭ باشتىن باشلاپ كورونا ۋىرۇسىنى ياخشى رەھبەرلىك قىلالمىغان ۋە 11 – مارتقىچە يوقۇملۇق كېسەل ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلمىغان دۇنيا ساغلىق تەشكىلاتىنىڭ قابىلىيەتسىز ئەمەلدارلىرى سەۋەبىدىن بۈگۈن مىڭلىغان ئىنسان ئۆلىۋاتىدۇ. ھېسابى سورۇلىشى كېرەك.

كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ جاۋاپكارلىقىنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئارتقان پروفېسسۇر مەھمەت چېلىنگىرئوغلى، ”دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى كورونا يوقۇملۇق ۋىرۇسى ئوتتۇرىغا چىققان ۋاقىتتا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايغا بېرىش ۋە كېلىشنى ئىككى ھەپتىلىك ۋىرۇس يوقالغۇچە ئىككى ھەپتىلىك تاقايمىز، دېسە ئىدى مىڭلىغان ئىنساننىڭ ھاياتى قۇتۇرۇلغان بولاتتى. دۇنيا ئىقتىسادى بۈگۈنكى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمايتتى، دېدى.

مەھمەت چېلىنگىرئوغلى 52 ئالىملار بىلەن بىرلىكتە، كورونا ۋىرۇسىنىڭ دۇنياغا تارقىلىپ كېتىشتە جاۋاپكارلىقى بارلىقى بىلدۈرۈلگەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى ئىستىپا بېرىشكە دەۋەت قىلغانلىقىنى ئۆزىنىڭ تىۋېتتىر ھېسابىدا ئېلان قىلدى .

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close