رامىزان ئېيى مۇبارەك بولسۇن

ئەسسالام ئەلەيكۇم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئەزىز مۇھتىرەم قېرىنداشلار!
مۇقەددەس قۇرئان كەرىم نازىل بولغان، پەزىلەتتە مىڭ ئايدىن ئارتۇق بولغان ”قەدىر كېچىسى“نى ئۆز ئىچىگە ئالغان، مۇسۇلمانلارنى ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتە چېنىقتۇرۇپ ئىمانىنى يېڭىلاشقا ۋە كۈچلىنىشىگە ۋەسىلە بولىدىغان بۇ ئۇلۇغ رامىزان ئېيى مۇبارەك بولسۇن.
خىتاي ۋىرۇسىدىن تەدبىر ئېلىش سەۋەبىدىن ئۆيلىرىمىزدىن چىقالمايۋاتقان بۇ كۈنلەر بەلكىم بىزلەر ئۈچۈن بىر پۇرسەت بولۇپ، روزا تۇتۇپ كۆپلەپ ئىبادەت قىلىشقا، ئىمانىمىزنى ۋە روھى مەنىۋىيىتىمىزنى يېڭىلاپ تەقۋادار بولۇشقا، ماددى ئىمكانى يار بەرگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خەير- ئېھسانلىرىمىز بىلەن قىيىن ئەھۋالدا قالغان مۇھاجىرلارغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق ھەسسىلەپ ئەجىر ئېلىشىغا، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشىگە دۇئالىرىمىزنىڭ قوبۇل بولۇپ ئاسارەتتىن قۇتۇلۇشىمىزغا ۋەسىلە بولغۇسى.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ”ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە روزا پەرز قىلىنغاندەك سىلەرگىمۇ (رامىزان) روزىسى پەرز قىلىندى“… “ …“سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن. سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، (ئۇنىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ“…(بەقەرە سۈرىسى 183-185- ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمى).
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كىمكى رامىزان ئېيىنىڭ روزىسىنى ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنگەن ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا تۇتسا، ئۇنىڭ ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. كىمكى قەدىر كېچىسىنى ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنگەن ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزسە، ئۇنىڭ ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ“. (بۇخارى 1901. مۇسلىم 760 )
بۇ مۇبارەك رامىزان ئېيىدا خىتاي ۋىرۇسىدىن تەدبىر ئېلىش سەۋەبىدىن جامائەت بولۇپ تەراۋىھ ئوقۇش ئىمكانىيىتى يار بەرمىسىمۇ ئەمما ئۆيلەردە روزا تۇتۇش، كۆپلەپ ئىبادەت قىلىش قۇرئان ئوقۇش ئارقىلىق بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزىمىز ئۈچۈن پۇرسەتكە ئايلاندۇرالايمىز. بىز بۇ مۇبارەك رامىزان ئېيىنى غەنىمەت بىلىپ ئاللاھ بىلەن بولغان مەنىۋىي بېغىمىزنى كۈچلەندۈرۈپ قەلبىمىزنى پاكلىساق ئاللاھ بىزنىڭ قىيىنچىلىقلىرىمىزنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگۈسى.يولىمىزنى ئېچىپ غەلبە – نۇسرەت ئاتا قىلغۇسى.
ئەزىز قېرىنداشلار! خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ھەممىمىزنى ئىچىمىزدىكى ئاچچىق بىر بۇرۇختۇما كۈچ دېڭىزدىكى دولقۇنغا ئوخشاش ھەرىكەتلىنىشكە، چارە – تەدبىر ئىزدەشكە ئۈندەيدۇ، ئەلۋەتتە، ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ئازادلىق يولىدىكى مۇجادىلە – كۈرەش قىلىش باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋۋال تەدبىر ئالىمىز ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىپ كۈرەشنى توختاتماي داۋام قىلىمىز.
جانابىي ئاللاھ ھەممىمىزنى بۇ مۇبارەك ئايدا كۆپلەپ ئىبادەت قىلىشقا روھى ۋە مەنىۋىيىمىزنى يېڭىلاشقا، گۇناھلىرىمىزنىڭ مەغپىرەت بولۇپ قەلىپلرىمىزنى پاكلاشقا مۇيەسسەر قىلسۇن.
مۇھاجىرەتتىكى پۈتكۈل قېرىنداشلىرىمىزنى، دۇئالار قوبۇل بولىدىغان بۇ مۇبارەك ئايدا خىتاي ئاسارىتىدىكى ۋەتىنىمىزدە زۇلۇم چېكىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى ئونۇتماسلىقىنى ۋە چۈشكۈنلەشمەي ئۈمۇتۋار بولۇشىنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ رامىزان ئېيىنىڭ زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان مەزلۇم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە ۋەسىلە بولۇشىنى جانابي ئاللاھتىن تىلەيمىز.
ھۆرمەت بىلەن: ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

