ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاياللار خىتاي كونسولخانا ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاياللار خىتاي كونسولخانا ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى
دۇنيا ئاياللار بايرىمى كۈنى مۇناسىۋېتى بىلەن 8 – مارت يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىكى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ئاياللار خىتاينىڭ بېسىم سىياستى سەۋەبىدىن ئايرىلىپ قالغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى پەرزەنتلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسولخانا ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى.
ئۇيغۇر ئاياللار يۇرتلىرىدا قالغان ۋە ئالاقە قىلالمىغان پەرزەنتلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا خىتاي كونسولخانىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى. خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ شۇئارلار توۋلدى. خىتاي دائىرلىرىغا خىتاپ قىلىپ، پەرزەنتلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇيغۇر ئاياللار يەنە دۇنيا جامائىتىگە خىتاپ قىلىپ، پەرزەنتلىرىنى قۇتۇلدۇرۇشقا چاقرىق قىلدى.
بىز بۇ نامايىش توغرىسىدا پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن نامايىشقا قاتناشقان قەلبىنۇر تۇرسۇن خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
نامايىش جەرىيانىدا فاتىمە ئىمىن ئىسىملىك ئايال بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدە توغۇلۇپ چوڭ بولغانلىقىنى، 5 پەرزەنتى بارلىقىنى، بىر قىزى ۋە يولدىشىنىڭ خىتاينىڭ بېسىم ئاستىدا قالغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاينىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن بىر ياشلىق بالىسىنى تاشلاپ تۈركىيىگە كېلىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى، يولدىنىشى ساقال قويغانلىقىنى ۋە قۇرئان ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن سۇلاپ قويغانلىقىنى ئۈچ يېرىم يىلدىن بۇيان ئائىلىسىدىن ھېچ قانداق خەۋەر ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خىتاي دائىرلىرىگە خىتاپ قىلىپ پەرزەنتلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
ئىسمىنىڭ سالامەت مۇھەممەد ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئۇيغۇر ئايال، خوتەن ناھىيىسىنىڭ تەۋەككۇل يېزىسىدىن ئىكەنلىكىنى، 2014 – يىلى 12 – ئايدا تۈركىيەگە كەلگەنلىكىنى بىراق بەش نەۋرىسىنىڭ يۇرتتا قالغانلىقىنى، ئوغلى ئابدۇخەبەر خېلىلنى ساقال قويدى دېگەن جىنايەت بىلەن تۇتۇش بۇيرىقى چىقارغاندا ئۈچ بالىسىنى ئېلىپ تۈركىيەگە كېلىۋالغانلىقىنى، بىراق سەفىيە ۋە ئابدۇزاھىر ئابدۇخەبىر ئىسىملىك ئىككى نەۋرىسى ۋە كېلىنىنىڭ پاسپورت ئىشلىتەلمەي قېپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
سالامەت مۇھەممەد خانىم، 2016 – يىلى ئۈچ نەۋرىسىنى تۈركىيىگە ئەۋەتكەن كېلىنىنى خىتاي دائىرلىرىنىڭ 2017 – يىلى 1 – ئاينىڭ 5 – كۈنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، شۇنىڭدىن بۇيان كېلىنى ۋە سەفىيە ۋە ئابدۇزاھىر قاتارلىق ئىككى نەۋرىسىنىڭ تۈرمىدىمۇ ياكى يىغىۋېلىش لاگىردىمۇ، ھاياتمۇ ياكى ئۆلدىمۇ ئەھۋالىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ”مەن پۈتكۈل دۇنيادىكى تەشكىلاتلار، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ شۇ باللىرىمىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىشكە ياردەم بېرىشنى سورايمەن“، دېدى.
قىزى ۋە يولدىشى خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگىرىغا قامالغان مەريەم ئابلىمىت خانىم بۇ نامايىشنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ، پۈتكۈل دۇنياغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىش، ئامېرىكىدەك دۆلەتلەرنىڭ ۋە پۈتكۈل دۇنيادىكى زۇلۇمغا قارشى تۇرىدىغان ئىنسانلارغا ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش شۇ ئارقىلىق قىزى ۋە يولدىشىنى قۇتۇلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇرغا ناھىيى تېرىم يېزىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن قەلبىنۇر ئابلىمىت خانىم، بەش پەرزەنتىنىڭ يۇرتىدا قالغانلىقىنى، يولدىشى ئابدۇرېھىم روزىنىڭ 14 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر سىنئالغۇدا بەش ياشلىق قىزىنى تونىۋالغانلىقىنى ۋە قىزنىڭ خوتەندە بىر بالىلار يىغىۋېلىش لاگىرىدا ئىكەنلىكىنى قالغان تۇققانلىرى ۋە تۆت پەرزەنتىدىن ھېچ قانداق خەۋەر ئالمىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە يولدىشى ۋە قىزىنى خىتاينىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇش مەقسىتىدە ھەر خىل پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.
قەلبىنۇر خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: ”بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بالىلار قانۇنىدا، بالىلارنىڭ ئاتا – ئانىسى قەيەردە بولسا بالىلار تۇرىۋاتقان دۆلەتنىڭ بالىلارنى شۇ يەرگە ئەۋەتىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى ۋە مېنىڭ باللىرىمنىڭ ھېچ قانداق جىنايىتى يوق، باللىرىم جىنايەت ئۆتكۈزىدىغان ياشتا ئەمەس شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مېنىڭ پەرزەنتلىرىمىنى تۈركىيەگە چىقىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىمەن“، دېدى.