خەۋەرلەر

خىتاي ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر تارقاتقان ئانادولىيە ئاگېنتلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى

ئانادولىيە ئاگېنتلىقىنىڭ،«خىتاي لاگىرلاردىكى ئۇيغۇرلارنى زاۋۇتلارغا ئەۋەتىشكە تەييارلىنىۋاتىدۇ» دېگەن تېمىدىكى خەۋىرىگە خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسولىخانىسى باياناتچىسى ئېتىراز بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاخبارات ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان ئانادولىيە ئاگېنتلىقى 12 – ماي كۈنى رەسمى تور بېتىدە، «خىتاي لاگىرلاردىكى ئۇيغۇرلارنى زاۋۇتلارغا ئەۋەتىشكە تەييارلىنىۋاتىدۇ» دېگەن تېمىدا خەۋەر تارقاتقان ئىدى. بۇ خەۋەر يېڭى شافاك، قارار قاتارلىق گېزىتلەردە ۋە ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىتىلغاندىن كېيىن خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسولخانىسى ئېتىراز بىلدۈردى ۋە  ئاساسىز خەۋەر دەپ بايانات ئېلان قىلدى.

خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسولخانا باياناتچىسى، ئۆزىنىڭ تىۋېتتىر ھېسابىدىكى يازمىسىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: مۇخبىرلارنى بىر قانچە قېتىم دەۋەت قىلىپ شىنجاڭ رايونى ھەقىقى ئەھۋالىنى كۆرۈپ چىقىشىغا پۇرسەت بېرىلگەن ئانادولىيە ئاگېنتلىقىدا ھازىرمۇ مۇشۇنداق ئاساسىي يوق خەۋەرنىڭ تارقىلىشىنى چۈشىنىش يېتەلمەيۋاتىمەن. ئىشەنچلىك بىر ئاخبارات دېگەن ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلغان خەۋەر تارقىتىش دېمەكتۇر.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە Asia News TR  نامدىكى تاراتقۇمۇ بۇ خەۋەرگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ئانادولىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇيغۇر كۈشكۈرتمىسى كىمگە خىزمەت قىلىدۇ؟ دېگەندەك ئىپادىلەرنى قوللاندى.

بۇ ھەقتە شەرقىي تۈكسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى شۇنداقلا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، خىتاي كونسولخانىنىڭ باياناتچىسىغا رەددىيە بېرىپ ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا  بايانات ئېلان قىلدى. باياناتنىڭ تەپسىلاتىدا مۇنداق يېزىلغان: خىتاي، يالغانچىلىق  ۋە ئالدامچىلىقتا تەڭدىشى يوق بىر دۆلەت سېستىمىغا ئىگە. يىغىۋېلىش لاگىرلىرى، ئۆلۈم جازالىرى، چېقىلغان جامئىلەر، كۆيدۈرۈلگەن قۇرئانلارنىڭ سانى يوق.  دىن، تىل ۋە مەدەنىيىتىمىز پۈتۈنلەي يوق بولۇش گىرىدابىغا بېرىپ قالغان شەرقىي تۈركسىتانغا ھەر كۈنى دىگۈدەك ساناقسىز خىتاي كۆچمەنلەرنى تىز سۈرئەتتە  كەلتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ۋەتىنىمىزنىڭ پۈتكۈل رايونلىرىدا نەچچە مىليون ئىنساننى ھاشارغا سېلىپ ھەقسىز ئىشىلتىشى، نەچچە مىڭلىغان ئۇغۇل – قىزلىرىمىزنى خىتاينىڭ ۋىرۇس مەركىزى بولغان ۋۇخەن، خۇبىي قاتارلىق شەھەرلەرگە قوللۇق تۈزۈمدىكى قارا ئىشچىلارغا ئوخشاش سۈرگۈن قىلىنىشى ئىسپاتلانغان بىر ھەقىقەت.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «پۈتكۈل دۇنيا ئاخباراتلىرى، سىياسىيونلار ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈستىدە بەس – مۇنازىرە قىلىۋاتسا،  خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسى يالغان سۆزلەپ، شەرقىي تۈركىستان ھەقىقىتىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرىۋاتقان ئانادولىيە ئاگېنتلىقىغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ.

ئانادولىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرنىڭ تەپسىلاتىدا، 80 مىڭدىن ئارتۇق تۈرك خىتاينىڭ زاۋۇتلىرىغا مەجبۇرى ئەۋەتىلدى، دېيىلگەن ۋە ئاۋۇستىرالىيە ئىستىراتېگىيىلىك سىياسەت ئىنىستىتۇتىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان دوكىلاتىنى مەنبە قىلىپ كۆرسەتكەن ۋە خىتاينىڭ 2017-2019 – يىللار ئارىسىدا 80 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنى زاۋۇتلاردا ئىشىلتىش ئۈچۈن مەجبۇرىي ئەۋەتىلگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى دېيىلگەن.

خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا مەجبۇرى قامالغان ئۇيغۇرلارغا خىتاي تىلى ئۆگىتىش بىلەن بىرگە خىتاي ئىدىئولوگىيە چۈشەنچىلىرى بويىچە تەلىم بېرىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئانادولىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئەنقەرەدىكى مەركىزى ئىشخانىغا تېلېفون قىلدۇق. ئوپىراتور تېلېفوننى مۇناسىۋەتلىك كىشىگە باغلىغان بولسىمۇ مەزكۇر كىشى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرىشتىن باش تارتىپ، تېلېفوننى 3- شەخسكە يۈنلەندۈردى، 3 – شەخس تېلېفوننى ئاچماي سوئالىمىز جاۋاپسىز قالدى.

بىز بۇ ھەقتە شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، خىتاينىڭ يالغانچىلىق بىلەن ئەيبلىدى ۋە  « شەرقىي تۈركىستان ھەقىقىتىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرىۋاتقان ئانادولىيە ئاگېنتلىقىغا خىتاي كونسولخانىسى داۋاملىق ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ، دېدى.

ئىگەللىنىشچە، ئانادولىيە ئاگېنتلىقى 1920 – يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ھازىر بېيجىڭ قاتارلىق دۇنيانىڭ كۆپ ساندىكى شەھەرلىرىدە ئىش بىجىرىش ۋاكالەتخانىسى بار ئىكەن. بۇ ئاخبارات ئورگىنى ئەرەپچە، ئىنگىلىزچە ۋە روسچە قاتارلىق 13 تىلدا ئۇچۇر تارقىتىدىكەن. تۈركىيەدىكى 300 دىن ئارتۇق تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە 50 دىن ئارتۇق گېزىت – ژۇرناللارنى ئاخبارات بىلەن تەمىنلەيدىغان ئىشەنچلىك ۋە چوڭ ئاخبارات ئورگىنى بولۇپ ، ئانادولىيە ئاگېنتلىقى بۇ يىل قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100- يىلىنى تەبرىكلىمەكتە ئىكەن.

ئانادولىيە ئاگېنتلىقى رەسمى تور بېتىدە، ئۆزلىرىنىڭ ئاخباراتچىلىق مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق يېزىلغان:  ئانادولىيە ئاگېنتلىقى، خەلق ئاممىسىنى ئىچكى ۋە تاشقى ئەڭ توغرا خەۋەر بىلەن يۇرىتىش ئېھتىياجىنى كۈزدە تۇتۇپ قۇرۇلدى، دېيىلگەن.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close