باش بەت

خىتاي-ھىندىستان قوشۇنلىرىنىڭ لاداخ رايونىدىكى توقۇنۇشى دىققەت قوزغىماقتا

ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا 1962-يىلى چېگرا توقۇنۇشى سەۋەبىدىن بىر قېتىملىق قانلىق ئۇرۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ تەركىبىدىكى ئۇيغۇر ئەسكەرلەرنىڭ بۇ ئۇرۇشقا «توپ يېمى» قىلىپ سېلىنغانلىقى ھېلىھەم كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق ھېكايىدۇر.

دەل مۇشۇ تارىخىي توقۇنۇش كۆرۈلگەن جايدا يېقىندىن بۇيان ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان ھەربىي سۈركىلىش بارغانسېرى زور دىققەت قوزغاشقا باشلىدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى «ئىقتىساد ۋاقتى» گېزىتىننڭ 19-مايدىكى خەۋىرىدىن نەقىل قىلىپ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى سۈركىلىش ئاساسلىقى لاداخ رايونىدىكى گالۋان جىلغىسىدا كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇ جاي ئۇيغۇر دىيارى بىلەن تۇتۇشىدىكەن. ئۆتكەن ھەپتىدە ئىككى تەرەپ ھەربىيلىرى مۇشۇ ئەتراپتا جاڭجاللىشىپ قالغان بولۇپ، ھىندىستان ئاخباراتلىرى بۇ ۋەقەنى «خىتاينىڭ 1962-يىلىدىكى ئۆكتەملىكىنى قايتىدىن نامايان قىلغانلىق» دەپ تەنقىدلىگەن.

ئەينى ۋاقىتتىكى چېگرا ئۇرۇشىدا خىتاي تەرەپ بىلەن ھىندىستان بىر-بىرىنى «تاجاۋۇزچى» دەپ ئەيىبلىگەن بولۇپ، بۇ قېتىممۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ھىندىستان قوشۇنلىرىنى «خىتاي چېگراسىدىن قانۇنسىزلىق بىلەن ئۆتتى» دەپ ئەيىبلىگەن. ئەمما ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارىتا «بۇ خىل ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن تولغان باياناتلارغا بىز پەرۋا قىلمايمىز. چۈنكى تاجاۋۇزچىلىقنى كىمنىڭ قىلىۋاتقانلىقى بەكمۇ ئاشكارا بولماقتا،» دېگەن. ئەمما ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ رايوندىكى چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ سانىنى تېزدىن ئاشۇرغان.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇسى بولغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ماقالە ئېلان قىلىپ: «بىز بۇ قېتىمقى سۈركىلىشنى يەنە بىر قېتىملىق ‹دوكلام چېگرا توقۇنۇشى› غا سەۋەب بولىدۇ، دەپ قارىمايمىز» دېگەن.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button