باياناتلارخەۋەرلەر

روزا ھېيتلىق تەبرىكنامە 2020

ئەسسالام ئەلەيكۇم ئەزىز مۇھتىرەم قېرىنداشلار!

ھەممىڭلارنىڭ روزا ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!، شۇنداقلا پۈتكۈل ئىسلام ئالەمى ۋە زۇلۇم ئاستىدا ئىڭراۋاتقان شەرقىي تۈركسىتان خەلقىمىزنىڭ روزا ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن. رامىزان ئېيىدا ئېلىپ بارغان پۈتكۈل ئەمەل – ئىبادەتلەر جانابىي ئاللاھنىڭ نەزلىدە قوبۇل بولسۇن. خىتاي ۋىرۇسىدىن تەدبىر ئېلىش ئۈچۈن  ئۆيلىرىمىزدە ئۆتكۈزىۋاتقان بۇ كۈنلەردە يېتىپ كەلگەن، روزا ھېيت بايرىمىنى چىن يۈرەكتىن تەبرىكلەيمىز. بۇ ھېيىتتا گەرچە بىر – بىرىمىز بىلەن قول ئېلىشپ، قۇچاقلىشىپ ھېيت – بايرامنى تەبرىكلىيەلمىگەن بولساقمۇ، روھى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ئۆز – ئارا بىر – بىرىمىزگە كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ  دوستلۇق، قېرىنداشلىق، سەپداشلىق رىشتىمىزنى  كۈچەيتىش، ھېيت كۈنلەردە بولسىمۇ مۇھاجىرەتتىكى ھاياتتا ئۆزىمىزنى يالغۇز ھېس قىلماسلىقىمىز ئۈچۈن،  بىر- بىرىمىز بىلەن  تېلېفون ۋە ۋىدىئولۇق كۆرۈشۈش ئارقىلىق روزا ھېيتنى خۇشال كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ روھى كەيپىياتىمىزنى ياخشىلاشقا تىرىشايلى.بۇ رامىزان ئېيى ۋە روزا  ھېيت بايرىمى، پىتنە – ئىغۋا، نىزا – ئاداۋەتلەرگە خاتىمە بېرىلىپ قېرىنداشلار ئارا مۇناسىۋەتنى ۋە بىرلىكىمىزنى كۈچەيتىشكە ۋەسىلە بولغۇسى، شۇنداقلا ئانا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركسىتاننى، ئۇرۇق تۇققانلارنى سېغىنىش ۋە ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىش ئىستىكى بىلەن ھەسرەتكە تولغان يۈرەكلىرىمىزگە مەلھەم بولغۇسى. ۋەتىنىمىزنىڭ پات – پۇرسەتتە ئازاد بولۇپ يۇرتلىرىمىزغا قايتىپ، ئۇرۇق – تۇققانلار بىلەن جەم بولۇشقا، ھۆر – مۇستەقىل دۆلىتىمىزنى قۇرۇپ دۇنيا دۆلەتلىرى قاتارىدىكى ئورنىمىزنى ئېلىشقا ۋەسىلە بولغۇسى ئىنشائاللاھ.

 يەنە بىر قېتىم پۈتكۈل قېرىنداشلىرىمىزنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەيمىز.ھېيتنى ئائىلە – پەرزەنتلەر بىلەن خۇشال – خۇرام ئۆتكۈزۈشكە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.

ھۆرمەت بىلەن: ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان

شەرقىي تۈركسىتان مائارپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

خەلقئارالىق شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close