خەۋەرلەر

ئۇيغۇرلارغا يېڭى ئۈمىد: «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» رەسمىي ماقۇللاندى

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تەقەززالىق ئىچىدە كۈتۈۋاتقان «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» يېقىندا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئاۋازغا قويۇشىغا يوللاپ بېرىلگەنىدى. 27-ماي كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى مۇھاكىمە قىلىش يىغىنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئالدى بىلەن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى براد شېرمان ئەپەندى سۆز ئالدى. ئۇ مەيلى ھازىرقىدەك ۋابا ھەممىلا جاينى قاپلاپ كېتىۋاتقان پەۋقۇلئاددە بىر مەزگىلدىمۇ ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئەستىن چىقارمايدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە مەلۇم بولۇۋاتقان زىيارەت خاتىرىلىرى، سۈرەتلەر، گۇۋاھلىق بايانلىرى، نەق مەيدان دوكلاتلىرى دېگەندەك سانسىز پاكىتلارنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرلار قامالغان «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ خاراكتېرىنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن ئەكس ئەتتۈرۈۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولسا ئۇيغۇرلار دىيارىنى ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ بولغان بولسىمۇ دۇنيانىڭ بۇ ئىشلارغا نىسبەتەن يېتەرلىك دەرىجىدە بىر ھەرىكەت قوللىنىشقا قادىر بولالمىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «بىر مۇسۇلمانلار تائىپىسىنىڭ كىشىلىك ھەقلىرى ئاياق-ئاستى بولۇۋاتقاندا مۇسۇلمان ئەللىرى بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم ئىدى» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ قېتىملىق ۋابا ئاپىتىنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى دۇنيانىڭ خاتىرىسىدىن ئۆچۈرىۋېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە زۇلۇمغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملار ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرنىڭ بىرى بولۇپ قېلىۋاتقان مۇشۇنداق پەۋقۇلئاددە بىر پەيتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە تارىخنىڭ ھەققانىي تەرىپىنى قوللاش ۋە بۇنىڭغا مۇناسىپ ھەرىكەت قوللىنىش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇ قاتاردا سۆز ئالغۇچىلاردىن ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكىل مەككائۇل ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ قانۇن لايىھەسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى شەرھىلەپ ئۆتتى. ئۇ شۇ قاتاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيلى ئۆزلىرىنىڭ قانۇنى بولسۇن ياكى ئۆزلىرى ئىمزا قويغان خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەر بولسۇن ھەممىسىگىلا خىلاپ ھالدا ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى ۋە ئۇنىڭ قىممىتىنى يەرگە ئۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشى ھەمدە ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى بولۇۋاتقانلىقىنى يىغىن ئەھلىگە يەنە بىر قېتىم ئەسلەتتى. شۇنىڭدەك بۇ قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاش ۋە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا شىېرىك بولغۇچى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۇنياغا خىرىس قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېيمىس مەكگوۋېرىنمۇ يىغىندا سۆز قىلدى. ئۇ نۇقتىلىق قىلىپ مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى ئىككى پارتىيەنىڭ بىرلىكتە ماقۇللىشى ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھەقلىرى تارتىۋېلىنغان ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئەڭ جانلىق نامايان قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. (ئاۋاز 5 ئاخىرى) ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا كېڭىيىۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىقىدا مىليونلىغان ئۇيغۇرنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى، بۇ جەرياندا ئاشكارا بولغان ھۆججەتلەردە شى جىنپىڭنىڭ «ئۇيغۇرلارغا قىلچىمۇ رەھىم-شەپقەت قىلىشقا بولمايدۇ» دەپ ئالاھىدە يوليورۇق بەرگەنلىكىنى، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقانلىرىنىڭ ئاشكارىلا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» شەكلىنى ئېلىپ بولغانلىقىنى بايان قىلىپ، شۇ قاتاردا جازا بېرىشكە تېگىشلىك كىشىلەرنىڭ بىرى چېن چۇەنگو ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئاۋام پالاتا ئەزالىرى بىردەك تىلغا ئالغان بىر ئورتاق نۇقتا نۆۋەتتە كۆپلىگەن ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىلىپ قېلىۋاتقانلىقى بولۇپ، ھەممەيلەن بىردەك بۇنىڭ ماھىيەتتە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمغا شېرىك بولۇش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىللەردە ئومۇملىشىپ بولغان ئۇيغۇرلارغا خاس تىل-يېزىق ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ مەنئى قىلىنىشى، ھەتتا ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدىغان ئۇيغۇرلارنى رامزان مەزگىلىدە چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى تەسۋىرلەپ بېرىشكە ئىنسان تىلى ئاجىزلىق قىلىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىپ، بۇ قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاشنىڭ ۋاقتى ئاللىقاچان يېتىپ كەلگەنلىكى قايتا-قايتا ئەسكەرتىلدى.

مۇھاكىمە يىغىنىدا يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى 3-نومۇرلۇق شەخس، ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىممۇ ئالاھىدە سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ھازىر بەكمۇ ئاشكارا تۈس ئېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بولسا دۇنيا ئۈچۈن بىر قېتىملىق ۋىجدان سورىقى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاشنىڭ بىر مۇھىم ئەھمىيىتى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى مەھكۇم قىلغان ۋەھشىيانە زۇلۇملارغا ئامېرىكانىڭ پۈتۈنلەي ۋە قەتئىي يوسۇندا قارشى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىش ئىكەنلىكىنى، ئەمدىلىكتە خىتاينىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىغا قارشى ئورنىدىن دەس تۇرۇشنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكىنى، ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى دەپ بۇ خىل جاسارەتنى ئەمەلدە كۆرسەتمىگەندە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە سۆز قىلغۇدەك ئەخلاقىي نوپۇزىنىڭ قالمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ يەنە بىر ياقتىن ئامېرىكانىڭ ۋىجدانى ئۈچۈنمۇ بىر سىناق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

شۇنىڭدىن كېيىنكى مۇھاكىمىگە ئۇلاپ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى-2020» گە ئاۋاز بېرىش رەسمىي باشلاندى. نەتىجىدە 413 گە قارشى بىر ئاۋاز بىلەن مەزكۇر قانۇن لايىھەسى مۇتلەق يۇقىرى ئاۋاز ئۈستۈنلۈكىدە ئاۋام پالاتاسىدىنمۇ ماقۇللانغان بولدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ قانۇن لايىھەسىگە مۇناسىۋەتلىك كېيىنكى قەدەملەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

نۇرى تۈركەلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سالغۇچى ئەمەلدارلىرىغا جازا بېرىشنى يېڭى بىر سەۋىيىگە ئېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، بۇنى ھەقىقەتەن بىر زور ئىلگىرىلەش، دەپ قاراشقا بولىدىكەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خۇشاللىق بولۇپ قالدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن بەكمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ قېتىمقى غەلىبىنىڭ مىليونلىغان لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ ئازاب-ئوقۇبىتى بەدىلىگە ئىشقا ئاشقانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ قېتىم ھەقىقەتەن «ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە» دېگەن ھېكمەتنىڭ توغرىلىقى بىر قېتىم ئىسپاتلاندى، دېدى.

دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى ياۋروپادىكى باشقا ئەللەرگە ھەمدە مۇسۇلمانلار دۇنياسىغىمۇ بىر زور سىگنال بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازى ئۈچۈن بىر مۇھىم نامايەندە بولۇش رولىنى ئوينايدىكەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئاۋام پالاتاسىدىن ماقۇللىنىشى ھەممىلا كىشىنى خۇرسەن قىلغان بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار سۈكۈتتىن كۆرە ئەمىلى ھەرىكەتنىڭ تېخىمۇ زور ۋە ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىدىغانلىقىنى بىر قېتىم كۆرگەندەك بولدۇق، دېيىشمەكتىكەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئەزىز خەۋىرى

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close