خەۋەرلەر

ھىندىستان-خىتاي توقۇنۇشىدا 20 ھىندىستان ئەسكىرى ئۆلدى

يېقىندىن بۇيان ھىندىستان-خىتاي چېگراسىدا ئىككى تەرەپنىڭ توقۇنۇشۇپ قېلىۋاتقانلىقى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلگەنىدى. 16-ئىيۇن كۈنى سەھەردە BBC ئاگېنتلىقى ئىككى تەرەپ توقۇنۇشۇۋاتقان كەشمىرنىڭ لاداخ رايونىدا ئۆلگەن ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 20 گە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ھىندىستان ئارمىيەسى بىزنىڭ چېگرا سىزىقىمىزدىن ئاتلاپ ئۆتتى. شۇڭا چېگرا قىسىملىرىمىز ئۇلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان» دېگەن. ئەمما ھىندىستاننىڭ يەرلىك ئاخباراتلىرى ئۆلگەن بۇ ئەسكەرلەرنىڭ قوراللىق توقۇنۇشتا ئۆلگەنلەر ئەمەس، بەلكى خىتاي ئەسكەرلىرى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئەسكەرلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ھىندىستان ئارمىيەسىمۇ بۇ قېتىملىق توقۇنۇشتا ئوق ئېتىلمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

نۆۋەتتە ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنى ئەيىبلەۋاتقان بولۇپ، بىر قىسىم ئانالىزچىلار نۆۋەتتە ھىندىستاندا ئەۋج ئېلىۋاتقان خىتايغا قارشى كەيپىياتنىڭ بۇ قېتىمقى پاجىئەگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئالغا سۈرمەكتىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ھەر ئىككى تەرەپتىن ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەسىنىڭ بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ خىتاي تەرەپتىن قانچىلىك كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان. نۆۋەتتە بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە لاداخ رايونىدا خىتاي ئەسكەرلىرىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 50 كە يېتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتىكەن.

«ۋال سترېت ژۇرنىلى» نىڭ 16-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ھىندىستان تەرەپمۇ خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ «ئېغىر زەخم» يېگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ «ھىندىستان تىنچلىقنى سۆيىدۇ. ئەمما ئىغۋاگەرلىككە ئۇچرايدىكەن تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىدۇ. بىز لاداختا قۇربان بولغانلانى ياد ئېتىمىز» دېگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنىڭ يېقىنقى بىرنەچچە يىل ئىچىدە زور دەرىجىدە كۈچىيىشى، شۇنىڭدەك ھىندىستان تەرەپنىڭ ئاقساي چىن رايونىغا يېقىن بولغان بۇ رايوندا يول ياسىشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان.

ھىندىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بارلىققا كەلگەن خىتايغا قارشى نامايىشلاردا شى جىنپىڭنىڭ چوڭايتىلغان سۈرىتى ۋە خىتاي بايرىقى كۆيدۈرۈلگەن. بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى «ھازىر ئامېرىكا ئۈچۈن ھىندىستاننىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكىتىنى ئاشكارا قوللاش پەيتى يېتىپ كەلدى» دېگەن مەزمۇندا ماقالىلەر ئېلان قىلغان.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close