خەۋەرلەرپائالىيەتلەر

شەرقىي تۈركىستان ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېچىلىدىغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە رەسىم كۆرگەزمىسىگە چاقىرىق!

شەرقىي تۈركىستان ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېچىلىدىغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە رەسىم كۆرگەزمىسىگە چاقىرىق!
2009 – يىلى، 5 – ئىيۇل كۈنى، ئۈرۈمچىدە قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان خىتتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى 2017 – يىل، ئاپرېلدىن بۇيان بەش مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان تۈركنى جازا لاگېرلىرىدا، ھەر تۈرلۈك قىيىن – قىستاق ئاستىدا تۇتماقتا.
2009 – يىلى، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 11 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتنى دۇنيا خەلقىچە خاتىرىلىتىش مەقسىتىدە 2020 – يىلى، 5 – ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى فاتىھ ساراچخانا مەيدانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئارقىدىنلا ئۈچ كۈنلۈك (2020 – يىلى، 5 – ئىيۇلدىن 7 – ئىيۇلغىچە) «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ھەپتىلىكى» رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلىدۇ. دەۋاغا كۆڭۈل بەرگەن دوستلىرىمىزنىڭ زىيارەتتە بولۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
ئورنى: فاتىھ ساراچخانا مەيدانى
ئاخبارات ئېلان قىلىش سائىتى: 10.00 دا
كۆرگەزمە ئۈچ كۈن بويىچە ھەر كۈنى سائەت 9.00 دا ئېچىلىپ، 20.45 تە تاقىلىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن:
خەلقئارالىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close