باياناتلارخەۋەرلەر

قايغۇلۇق تەزىيە

خىتاي ۋىرۇسى دۇنياغا  تەھدىت بولۇشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. پۈتكۈل دۇنيا خەلقى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ سەلىبى تەسىرىگە ئۇچرىماقتا. جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىمۇ خىتاي ۋىرۇسىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلالمىدى. يېقىندىن بۇيان خىتاي ۋىرۇسى قىرغىزىستاندىمۇ كۆپلەپ يامراپ كەتكەن بولۇپ، قىرغىزىستاننىڭ بۈيۈك دىنى  ئالىملىرىدىن چۇباق ھاجى ۋە سەدىردىن داموللام قاتارلىق ئىككى ئالىم خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئالەمدىن ئۆتتى.

«ئالىم ئۆلدى ئالەم ئۆلدى» دېگەن  ھېكمەتلىك سۆز بار، بىز بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ كۆڭلىمىز يېرىم بولدى.  قىرغىز قېرىنداشلىرىمىزغا كەلگەن مۇسىبەتلەر بىزنىڭ بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت دەپ قارايدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەشنى خالايمىز.

 جانابىي ئاللا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن زەھەرلىنىپ ۋاپات بولغان دىنى ئالىم چۇباق ھاجى ۋە سەدىردىن داموللامنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلسۇن، مەرتىۋىسىنى شەھىدلەر قاتارىدا قىلسۇن، ياتقان يېرى فىردەۋس جەننەتتە بولسۇن. ئامىن. ئائىلىىسى ۋە دوست – يارەنلىرىگە سەبىرچان بولۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close