خەۋەرلەر

ئائىلىسىدىن خەۋەر ئالالمىغان ئۇيغۇرلار ئىستانبۇلدا نامايىش ئېلىپ باردى

27 – ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى ئاتا – ئانىسى ۋە ئۇرۇق – تۇققانلىرىدىن  خەۋەر ئالالمىغان ئۇيغۇرلاردىن 50 دىن ئارتۇق كىشى ئىستانبۇلنىڭ بەيازىت مەيدانىغا جەم بولۇپ نامايىش قىلدى  ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. بۇ نامايىشنى بىر گۇرۇپپا ياشلار ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، نامايىشچىلار قوللىرىدا خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن ھەر خىل خەتلەر يېزىلغان ۋىۋىسكا تاختا ۋە شەرقىي تۈركسىتان بايرىقى كۆتۈرگەن ھالدا شۇئارلار توۋلىدى.بەزى ئۇيغۇرلار پۇت – قوللىرىنى كىشەن – زەنجىرلەر بىلەن باغلاپ خىتاينىڭ زۇلۇمىنى ئىپادىلىدى.

نامايىش جەرىيانىدا دۇنيا جامائىتى خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىنى تاقاشقا، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا چاقرىق قىلىندى.

نامايىش جەرىيانىدا ئۇيغۇر پائالىيەتچى مىرزائەخمەت ئىلياسئوغلى تۈركىيەگە، دۇنيا جامائىتىگە خىتاپ قىلىپ، خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىنى تاقاش، لاگىرلاردىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىش، 21 – ئەسىردىكى قىرغىنچىلىقنى توختىتىش دېگەن مەزمۇندا بايانات بەردى ۋە دۇنيا جامائىتىنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە، خىتايغا بېسىم قىلىشقا چاقرىق قىلدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:  «خىتاي ھاكىمىيىتى 2017 يىلىدىن باشلاپ كۆپ ساندا يىغىۋېلىش لاگىرلىرى ياسىدى، ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈرك خەلقلەردىن نەچچە مىليون ئىنساننى بۇ يىغىۋېلىش لاگىرىغا قامىدى، ئۇ يەردە ئۇلارغا ھەر خىل ئىسكەنجە ۋە قىيىن – قىستاقلار ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپتۇر».

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى شۇنداقلا  ساباھىددىن زائىم ئۇنىۋېرىستىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىقتىسادشۇناس دوكتۇر بۇرھان ئۇلۇغيول ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتۇر بۇرھان ئەپەندى، ئاتا – ئانىسىدىن خەۋەر ئالالمىغان، باللىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بىر گۇرۇپپا پائالىيەتچىلەر جەم بولۇپ بەيازىت مەيدانىدا بايانات ئېلان قىلىش ۋە مۇخبىرلارغا مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە نامايىش ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتۇر بۇرھان ئەپەندى بۇ پائالىيەتنىڭ ئاساسى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ ،  خەۋەر ئالالمىغان ئاتا – ئانىلىرىمىزنى، ئۇرۇق – تۇققانلىرىنى پاكىت قىلىپ تۇرۇپ ، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىش، خىتاينىڭ 21 – ئەسىردە يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى جانلىق بىر شەكىلدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

دوكتۇر بۇرھان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇنىڭ لاگىرغا قامالغان ئاتا- ئانىسى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ سودىگەر ئىككى تاغىسى ئەمەت ياقۇپ ۋە مەمەت ياقۇپنىڭ ئۈچ يېرىم يىلدىن بۇيان لاگىرغا قامالغانلىقىنى ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى بۇلارنى ئاڭلتىش ئارقىلىق  لاگىرغا قامالغان  ئۇرۇق تۇققانلىرىنى پاكىت قىلىپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا پاش قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

27 – ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى ئاتا – ئانىسى ۋە ئۇرۇق – تۇققانلىرىدىن  خەۋەر ئالالمىغان ئۇيغۇرلاردىن 50 دىن ئارتۇق كىشى ئىستانبۇلنىڭ بەيازىت مەيدانىغا جەم بولۇپ نامايىش قىلدى  ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button