ئۇيغۇرلار قانداقسىگە بۇنچە خوشال، خۇشچاقچاق ياشىيالايدۇ؟

ئۇيغۇرلار قانداقسىگە بۇنچە خوشال، خۇشچاقچاق ياشىيالايدۇ؟
مىركامىل كاشغەرىي
31.07.2020
ئەنقەرەدە مەلۇم بىر سورۇندا ئۇيغۇرلاردىن تەئەججۇپلەنگەن بىر تۈرك يازغۇچى دوستىمىز بىلەن ئارىمىزدا ئۆتكەن سۆھبەتنى بۈگۈن ھېيتلىق سوۋغا سۈپىتىدە ھوزۇرۇڭلارغا تەقدىم قىلماقچىمەن. ئىجتىمائىي تاراتقۇدا كونا تونۇش بولساقمۇ، تۇنجى قېتىم يۈز كۆرۈشكەن ۋە مەندىن باشقا ئۇيغۇر بولمىغان سورۇندا ئەتراپىمدىكىلەرنى قەشقەرچە خۇشچاقچاقلىرىم بىلەن كۈلدۈرۈپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىمدىن ئەچەپلەنگەن بولسا كېرەك، مەزكۇر ھەمدوسقان يازغۇچى تۈرك دوستۇمنىڭ مەن بىلەن ئايرىم سۆزلەشكۈسى كەلدى. – ئىككى پەرزەنتىڭنى خىتاي زۇلمى سەۋەبىدىن 16 يىلغىچە كۆرەلمىگەنلىكىڭنى، ھەتتا 22 يىل سېنى كۆرمىگەن داداڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋاپاتىدىن كېيىن، 20 يىلغىچە سېنىڭ پىراقىڭدا يۈرىكى پۈچىلانغان ئاناڭنىڭ خىتاي لاگېرىدا شېھىت قىلىنغانلىقىنى خەۋەرلەردە ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇدا كۆرگەن ئىدىم. سەن بىلەن مانا بۈگۈن يۈز كۆرۈشكەندە، مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكى مىر كامىلدىن پەرقلىق بىر ئادەمنى كۆرگەندەك بولدۇم. ئىلگىرىمۇ باشقا سورۇنلاردا بىر قانچە ئۇيغۇر تۈركلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىم بولدى. ئۇلارنىڭمۇ خۇددى ساڭا ئوخشاشلا شۇنچە ئېغىر خىتاي زۇلمىنى باشتىن كەچۈرگىنىگە قارىماستىن، يۈزىدىن كۈلكە كەم بولمايدىغانلىقى مېنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى. قېنى بىر ئېيتىپ باققىنە، ئۇيغۇرلار قانداقسىگە بۇنچە خوشال -خورام ياشىيالايدۇ؟ ياكى بەك بايمۇ؟» دەپ سورىدى. مەن سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن «ھەئە ئۇيغۇرلار ئىنتايىن باي» دېيىشىمگە، «مەسىلەن قانداق باي؟ داچا، كېمە، كارخانا ھەممە نەرسىسى تەل ئوخشىمامدۇ؟» دەپ ئۇلاپلا سورىدى.مەن يەنە كۈلۈپ تۈرۈپ «ئەجىبا بايلىق ئەشۇ نەرسىلەرگە ئىگە بولغانلىقتىنلا ئىبارەتمۇ؟» دېگەن قايتارما سوئال بىلەن جاۋاپ بەردىم. ئۇ يەنىلا ئەجەپلەنگەن ھالدا، «باشقا قانداق ئىزاھاتى بولسۇن بۇ ئەھۋالنىڭ؟» دېدى. مەن ئورۇندۇقنى ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ ئادىتىم بويىچە ئېڭىشكەن ھالدا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدىم. مەسىلەن؛ مېنىڭ قوللىرىم تۇتالايدۇ، پۈتلىرىم يول يۈرەلەيدۇ. كۆزلىرىم كۆرەلىگەنگە ئوخشاش ئېغىزىممۇ سۆز قىلالايدۇ. نۇرغۇن يېقىنلىرىمنى يوقۇتۇپ قويۇپ، ئىز – دېرىكىنى ئالالمىغىنىم بىلەن ئەتراپىمدا باشقا مەۋجۇت يېقىنلىرىممۇ بار. ياخشى كۆرىدىغان كىشىلىرىم، دوست – يارەنلىرىم بار. ئەڭ مۇھىمى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمىشىمىزنى قىممەتلىك مەنىگە تولدۇرىدىغان ئۇلۋىي غايىمىز بار. ھەر ۋاقىت پۈتۈن بايلىقىمىزدىن كېچىشكە تەييار تۇرالايدىغان ئۇلۇغۋار كۈرىشىمىز بار. ئىقتىسادىي كۈچى بىلەن پۈتۈن دۇنيانى ئەيمەندۈرۈپ، كۆزلىرىنى يالت – يۇلت چاقنىتىۋاتقان خىتايدىن ئىبارەت شۇنچە كۈچلۈك دۈشمەننى سانىمىزنىڭ ئازلىقىغا قارىماي ئۆز ئۆلۈمىمىز قىرغىن قىلىنىشلىرىمىز ۋە شاھادىتىمىز بىلەن دىر – دىر تىترىتىۋاتقان ئېگىلمەس ئىرادىمىز بار. بىزنى سۆيۈندىرىدىغان مۇزىكىلىرىمىز. شىئېرلىرىمىز، ئەرشنى تىترەتكۈچ دۇئالىرىمىز بار. بېشىمىزدىن كەچۈرگەن ھەر بىر ئازاب ئوقۇبەتنى ئاللاھ يولىدا جىھاد ۋە ئىبادەت دەپ ھېسابلايدىغان تەۋرەنمەس ئىمانىمىز بار. گەرچە مۇھاجىرەتتە ئىمكانسىزلىقلار ئىچىدە ياشىساقمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاچ – يالىڭاچ، تالادا قىلغىنى يوق. سىزچە مۇشۇلار يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ دۇنيادا ھېچ بىر مىللەتنىڭ بېشىغا كېلىپ باقمىغان شۇنچە ئېغىر زۇلۇم ئاستىدىمۇ قەددىمىزنى تىك تۇتۇپ، كۈلۈپ يۈرەلىشىمىزنىڭ يەنە بىر مۇھىم سىرىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇ بولسىمۇ، قەلبىمىزنىڭ ساپلىقى، زالىملاردىن ئۆلگىچە نەپرەتلىنىپ، ياخشى ئىنسانلارنى سۆيەلەيدىغان، تارىخى بويىچە زۇلۇم ۋە يامانلىققا لەنەت ئوقۇپ، ئادالەتكىلا تەلپۈنۈپ كەلگەن، مۇھەببەت ۋە نەپرەتنى شۇنداقلا ھۆرمەت ۋە ئەدەپ – ئەخلاقنى بىلىدىغان سەزگۈر قەلبىمىز بار. كۆيۈم – شەپقەت ۋە ۋىجدان بىلەن ھەرىكەت قىلىشنى ئۇلۇغلاپ، شەيتانلىقتىن، ئالدامچىلىقتىن قاچىدىغان ئىجتىمائىي ئەقلىمىز بار. دۇنيادا باشقا نەرسىمىز بولمىسىمۇ، شەرقىي تۈركىستان دەۋايىمىز ۋە بۇ يولدا بېسىلغان ھەر بىر قەدەمنى ئىبادەت دەپ بىلىدىغان ئىسلامىمىزدەك كاتتا بايلىقىمىز بار. بۇنىڭدىن ئارتۇقىغا كېرەك يوق. ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغان ياكى كەتمەيدىغانلىقىمىزنى بىلمەيدىغان بۇ 4 كۈنلۈك دۇنيادا بىزنى خوشچاقچاق، بەختىيار، خوشال خورام، قىلغان ئامىل چەككەن ئازابىمىزنىڭ بىزنى ئاخىرەتتىكى مەڭگۈلۈك سائادەتكە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىغا بولغان قەتئىي ئىمانىمىزكى، ھەرگىزمۇ پۇل – بايلىق ئەمەس. مانا بۇلار بىز ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تۈگىمەس بايلىقى. شۇڭا مەن ئۆزەمنى دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشى دەپ قارىيالايمەن. نى كاتتا باي ۋە ئەمەلدارلار ئالدىدا قىلچە ئەيمىنىپ قالمايمەن. خۇددى قۇرئان كەرىمدە، «ئاللاھ ھېچبىر بەندىسىگە كۆتۈرەلمەيدىغان يۈكنى ئارتمايدۇ» دېيىلگىنىگە ئوخشاش، بىزگە ئىنسان قىلىپىدىن چىققان يەجۇج – مەجۇج خىتايلارنى مۇسەللەت قىلىشتىن ئىلگىرى ئاللاھ ئۇلارغا تاقابىل تۈرالىغۈدەك يۇقىرىقى كۈچ – قۇدرەت، بايلىقلارنى بىزگە بەخىش ئەتكەن. بىز ۋۇجۇدىمىزغا رەەبىمىز تەرىپىدىن ئاللى بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەشۇ تەڭداشسىز يادرولۇق كۈچىمىزنى بايقاپ، تولۇق ئىشقا سالغان بولغاچقا ئەسىرلەردىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئاسىمىلاتسىيە سىياسەتلىرىگە تاقابىل تۈرۈپ، ئۆزلىكىمىزنى يوقاتماستىن، خىتاي كېڭەيمىچىلىگە قارشى يالغۇز تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيانى قوغدايدىغان سېپىل بولۇپ كېلىۋاتىمىز. ئىنساننىڭ زالىم دۈشمىنىڭ بۈيۈكلىكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئورنى بىلەن مەرتىۋىسىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق ئامىل ئەمەسمۇ؟ قېنى سىز ئويلاپ بېقىڭ، تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى، ئۈممەت جوغراپىيەسى، شەرىپى ۋە نامۇسى بولغان شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن بېسىلغان ھەر بىر قەدەم ۋە بۇ يولدا ئۆتكۈزگەن ھەر بىر مىنۇت، ھەتتا ئەڭ ئېغىر جەبرى – زۇلۇملارنىمۇ ئىبادەت بىلىپ ياشاشتىن ئارتۇق مەنىلىك تۇرمۇش بولامدۇ؟ قىسقىسى ۋىجدانىمىز راھەت، ئىمانىمىز مۇستەھكەم، شۇڭا يۈزىمىزدىن كۈلكە كەم بولمايدۇ» دېدىم. گىپىم تۈگىشىگىلا يازغۇچى تۈرك دوستۇم ئورنىدىن تۇردى، دە – «كەل كامىل پىشاينەڭگە بىرنى سۆيۈپ قوياي، باشقا سۆزگە ھاجەت قالمىدى» دېدى ۋە پىشاينەمگە ئېزىپ بىرنى سۆيىۋالغاندىن كېيىن ئۇمۇ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا مەن بىلەن ۋىدالاشتى.خۇلاسە كالام؛ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى شۇملۇق چۇقانچىلىرى ۋە كىرىزىس دۇمباقچىلىرىنىڭ قاچانلا قارىسا، مىللەتكە شۇم خەۋەر ۋە بالايى – قازا كانايلىرىنى چىلىپ، پىسخىئولوگىيەمىزنى نابۇت قىلىشىغا يول قويمايلى! مەيدىمىز تىك، چىرايىمىزدا كۈلكە، رۇھلۇق ياشاشقا تېرىشايلى! تارقاتقان شۇم خەۋەرلىرى يالغانغا چىقسا، «نېمە ئۈچۈن ما مىللەتنىڭ بېشىغا ئەشۇ شۇملۇقلار كەلمىدى؟» دەپ ئىچى كېتىپ قالىدىغان ياكى بىرەرسى تۈركىيەدە ئۇنداق شۇملۇقنىڭ بولىدىغانلىقىنى رەت قىلسا، «سەن نېمە ئۈچۈن مىللەتنى شۇملۇق بىلەن قورقۇتۇپ، توپا سورۇپ ئوينىغاندەك توزۇتۇپ ھوزۇر ئالىدىغان پىسەندە كۆڭلىمنىڭ ئارامىنى بۇزىسەن؟» دەپ كۆزىگە ئيقۇ كىرمەي ئادەم تىللايدىغان، رۇھى كېسەل، شۇملۇق شىپەرەڭلىرىنىڭ بىلجىرلاشلىرىغا پىسەنت قىلماي، مەنىۋىي ساغلاملىقىمىزغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرەيلى!دېمىسىمۇ ئۇنداق شۇم خەۋەرلەرگە مىڭ قايغۇرساقمۇ قولىمىزدىن كېلىدىغىنى تايىنلىق. شۇڭا ئۆزىمىز قىلغان خىزمەتلىرىمىز ۋە ئۆتكۈزىۋاتقان ۋاقىتلىرىمىزدىن زوقلىنىدىغان ۋە باشقىلارغىمۇ زوق بېرەلەيدىغان بولايلى! ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مىللەتكە رىغبەت، غەمكىن كۆڭلىگە ۋە سۇلغۇن چىرايىغا كېچىككىنە بولسىمۇ شاتلىق بەخىش ئېتەلەيدىغان ئىجابىي ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىشەيلى! ئەكسىچە بولغاندا كوللىكتىپ ھالدا پىسخىئولوگىيەسى بۇزۇلغان رۇھى كېسەللەرگە ئايلىنىپ، خىتاينىڭ مىللىتىمىزنى يوقۇتۇش پىلانىنى تېخىمۇ تېزلىتىپ بېرىمىز – خالاس. شۇنى ئۇنۇتمايلى، ساغلام رۇھ ۋە يۈكسەك كەيپىيات بولغاندىلا دەۋايىمىزغا ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى قىلغىلى بولىدۇ . «ئۈمىتسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشى» دېگەن سۆز دەل ئەشۇنداق شەيتاننىڭ مۇرىتلىرىغا پىتنىىكەش شۇملۇق چۇقانچىلىرىغا قارىتىلغان.