خەۋەرلەر

خىتاي شەرقىي تۈركسىتاننىڭ نېفىت بايلىقىنى ئۆتكەن يىلدىكىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق سۈمۈردى

خىتاي شەرقىي تۈركسىتاننىڭ نېفىت بايلىقىنى ئۆتكەن يىلدىكىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق سۈمۈردى

شەرقىي تۈركسىتاندا، بېنزىن ۋە يېقىلغۇ گازىنىڭ باھاسى ھەسسىلەپ ئۆرلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان يىللاردا، ئىشغالچى خىتاي دائىرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن قېزىلىدىغان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مىقدارىنى ئۆتكەن يىلى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزگەنلىكى مەلۇم بولدى. 

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى شىنخۇا ئاگېنتلىقىدىن نەقىل قىلىپ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دۆلەتلىك نېفىت ۋە تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى 2012-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن 18 مىليون  390 مىڭ توننا خام نېفىت قېزىپ، يىللاردىكىدىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە  ئاشۇرغان.

خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز گۇرۇھى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىگىلىگەن نېفىتلىك خىتايدىكى 4-چوڭ نېفىتلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەزكۇر نېفىتلىكتىن 1960-يىلى 1 مىليون 600 مىڭ توننا خام نېفىت قېزىلغان بولسا، بۇ 2008-يىلىغا كەلگەندە 12 مىليون توننىغا يەتكۈزۈلگەن، 2012-يىلىغا كەلگەندە بولسا 18 مىليون توننىدىن ئاشۇرۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2010-يىلدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندىكى تەبىئىي بايلىقلارنى قېزىش قەدىمىنى تېخىمۇ تىزلىتىدىغانلىقى ۋە بۇ ساھەگە مەبلەغ سالغۇچى شىركەتلەرگە ئېتىبار بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

شەرقىي تۈركسىتان يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى تەبىئى بايلىقلار بىلەن تولغان بىر يەر بولسىمۇ بۇ يەرنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار نامرات ھالەتتە ياشىماقتا، ئىشغالچى خىتاي بۇ بايلىقلاردىن ئۇيغۇرلارنى مەھرۇم قالدۇرۇپ ئۆزلىرى تالاڭ – تاراج قىلىپ سۈمۈرىۋاتىدۇ

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close